سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

ئىلى ئالىمزار تور بېتىدىكى تورداشلارغا چاقچاق!(ئايسىز~كېچە)

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-04-09 12:09مەنبە: يازغۇچى:ئايسىز~كېچە زىيارەت سانى: قېتىم

  

 

 

ئىلى ئالىمزار تورىدىكى بارلىق دوسلار، مەن ئايسىز~كېچىدىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام:

 

 

كۈلكە جاننىڭ ئۇزۇقى دەپتىكەن. ھى...ھى...ھى  كۈلۈپ ياشىرىۋىلىڭلارچۇ!

كەينىچە مېڭىش

     تارانچى  دەرسكە كېچىكىپ قاپتۇ، مۇئەللىم سەۋەبىنى سوراپتۇ:

 تارانچى: بۈگۈن يول بەك تېيىلغاق بولۇپ كېتىپتۇ. ئالدىمغا بىر قەدەم ماڭسام، كەينىمگە ئىككى قەدەم چېكىنىپ كەتتىم.

مۇئەللىم: ئەگەر دېگىنىڭدەك بولسا، مەكتەپتىن يىراقلاپ كەتكەن بولمامسەن؟

تارانچى: كېيىن ئامال تاپتىم، مەكتەپكە كەينىمچە مېڭىپ كەلدىم.

سېتىپ بېرىش

    ئاق بوزئات ماگىزىن ئارىلاۋېتىپ، چىرايلىق ھەم ئوماق بىر ئوغۇل بالىدىن سوراپتۇ:

ئاق بوزئات: دادڭ سېنى ماڭا سېتىپ بېرەلەمدۇ؟

     --- كەچۈرۈڭ قىزچاق، ماڭا تېخى باھا قويۇلمىغان.

پەقەت بىرلا

    تۇمار قورۇمىدىكى بىر تال چىۋىننى كۆرۈپ قېلىپ، كۆڭلى ئېلىشىپ ئاشپەزنى چاقىرىپتۇ. ئاشپەز ناھايىتى خىجىل بولغان ھالدا:

     ---مېھمان، بىر تاللا چىۋىن ئىكەنغۇ، ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق، ئۇ تەخسىدىكى قورۇمىنى سىزدىن بالدۇر يەپ بولالمايدۇ،- دەپتۇ.

مايمۇن

     بىر كۈنى باغدادتىكى ئاقسۆڭەك ئۆتكەش بىرسىدىن سوراپتۇ:

ئۆتكەش :قانداق قىلسام مايمۇننى كۆرەلەيمەن؟

     --- ئەينەككە قارىسىڭىزلا.

مەست

كۆكنۇر بىلەن دىھقان  مەست ھالدا  رېلىس ئۈستىدە كېتىپ بېرىپ قاقشاپتۇ:

كۆكنۇر : نېمانداق تۈگىمىگەن پەلەمپەي بۇ؟

دېھقان :شۇنى دەيمەن، تۇتقۇچى تېخى يەردىكەن.

ئۇخلاپ قالدى

    تاغ گۈلىنىڭ  ئوغلى ئۇخلىغىلى ئۇنىماپتۇ. تاغ گۈلى ئۇنىڭغا ھېكايە ئېيتىپ بېرىپ ئۇخلاتماقچى بوپتۇ. بىر سائەت ئۆتۈپ كېتىپتۇ، تاغ گۈلى ئوغلىنىڭ ھۇجرىسىدىن چىقماپتۇ. بىر چاغدا تاغ گۈلىنىڭ يولدىشى بەرداش ئىشىكنى ئاستا ئېچىپ پەس ئاۋازدا:

بەرداش: ئۇ ئۇخلىدىمۇ؟- دەپ سوراپتۇ.

ئۇخلاپ قالدى، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئوغلىمۇ پەس ئاۋازدا.

لوگىكىلىق خۇلاسە

پروفېسسورنىڭ قىزىنى سابا 914 نى مەكتەپتىكى ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىكەن. بىر كۈنى پروفېسسور لوگىكا دەرسىدە: <<كىتاب ئۈستەلنىڭ ئۈستىدە، ئۈستەل يەرنىڭ ئۈستىدە، شۇڭا كىتاب يەرنىڭ ئۈستىدە>> دەپ سۆزلەۋېتىپ، ئالدىنقى قاتاردا ئولتۇرغان ئوقۇغۇچى كارۋانغا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مىسال كۆرسىتىشنى بۇيرۇپتۇ. كارۋان جاۋاب بېرىپ: << مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن، سىز قىزىڭىزنى ياخشى كۆرىسىز، شۇڭا مەن سىزنىڭ قىزىڭىزنى ياخشى كۆرىمەن>>دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.

ئوقۇتقۇچىغا ئوخشايمەن

     ئوقۇتقۇچى: دەرس باشلانغاندىن تارتىپ توختىماي سۆزلەپ چىقتىڭ، قېنى دەپ باقە، سەن زادى ئوقۇغۇچىغا ئوخشامسەن؟

     ئوقۇغۇچى: ئوخشىمايدىكەنمەن.

     ئوقۇتقۇچى: ئۇنداقتا، سەن كىمگە ئوخشايدىكەنسەن؟

     ئوقۇغۇچى: ئوقۇتقۇچىغا.

نېمىنى ئويلىدىڭ

     قاتتىق سوغۇق بولغان بىر كۈنى، شەپەرەڭ پاختىلىق چاپان ئوغرىلاپ تۇتۇلۇپ قاپتۇ.

     سوتچى: بۇ چاپاننى ئوغرىلىغان چاغدا سەن نېمىنى ئويلىدىڭ؟

    شەپەرەڭ: ئەگەر تۇتۇلۇپ قالمىسام ئىسسىق پاختىلىق ئېرىشىدىغىنىمنى، تۇتۇلۇپ قالسام ئىسسىق تۇرار جايغا ئىگە بولىدىغىنىمنى ئويلىدىم.

يەڭگە بىلەن سىڭىل

     سىڭلىسى دىلنار: يەڭگە، سىز دەپ بېقىڭە، لايىق تاللىغاندا ئاپىسى يوقنى تاللايمۇ ياكى يەڭگىسى يوقنى تاللايمۇ؟

     يەڭگىسى نازىنىن: ئەڭ ياخشىسى سىڭلىسى يوقنى تاللاڭ.

 

 

                                                                               تاماق ۋاقتىدا

بىر ئانا-بالا چىۋىن ھاجەتخانىدا تازا ئىشتىھا بىلەن پوق يەۋىتىپتۇ.
تۇيۇقسىز بالا چىۋىن ئاپىسىغا:"ئاپا ئاپا قورسۇقۇم تۇيۇپ بەك ئاغرىپ كەتتى،ھاجەت قىلىمەن"دەپتۇ.
ئاپا چىۋىننىڭ ئاچچىقى كىلىپ:"ھاي بالام،بۇنىڭدىن كىيىن تاماق ۋاقتىدا نەدىكى مەينەت گەپلەرنى قىلغۇچى بولما"دەپتۇ.  

 

پەرق
 
بىر كۈنى فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى ئەلگەنەپ ئوقۇغۇچىلاردىن:
 
ئەلگەنەپ: توك بىلەن چاقماقنىڭ قانداق پەرقى بار؟ - دەپ سوراپتۇ.
ئوقۇغۇچىلار: چاقماققا پۇل تۆلەشنىڭ ھاجىتى يوق، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئوقۇغۇچىلار.
 
                                         ئامىتى كېلىش
ئۆرۈكچان:
-- قىزىمنىڭ ئىسكىرىپكىسى ماڭا ئامەت ئېلىپ كەلدى، - دەپتۇ.
ئوتقاش:
-- قانداق دەيسەن؟ - دەپ سوراپتىكەن، ئۆرۈكچان:
-- مەن يېرىم باھادا قوشنامنىڭ قورۇسىنى سېتىۋالدىم، - دەپتۇ.
 
قورۇق
خوتۇنى زۇنخار:
-- ئۆزۈڭگە قارىغىنا، يېشىڭ چوڭ بولمىسىمۇ، پېشانەڭدىكى قورۇق نېمانداق كۆپ؟
ئېرى ئالىمزار:
-- كۆپ بولۇپ قايسى دەرىجىگە يېتىپتۇ؟
خوتۇنى زۇنخار:
-- ھەر قېتىم قالپاق كىيسەڭ، بۇرمىلىق مىخقىلا ئوخشاپ قالىدىكەنسەن.
 
ئاقىۋەت
بىر يېڭى ئەسكەر ھەر كۈنى گىمناستىكىغا كېچىكىپ قالىدىكەن. بىر كۈنى باشلىقى:
 -- سەن نېمىشقا ھە دېسىلا كېچىكىسەن؟ - دەپ سوراپتۇ.
يېڭى ئەسكەر:
 -- دوكلات باشلىق، مەن دائىملا بەك ئۇخلاپ كېتىدىكەنمەن.
باشلىق:
-- ئەگەر ھەربىر جەڭچى سەندەك ئۇخلاپ كەتسە، بۇ جاھان نېمە بولۇپ كېتەر؟
يېڭى ئەسكەر:
-- شۇنداق بولسا، ئەبەدىي ئۇرۇش بولماس ئىدى، - دەپتۇ.
  
سەمىمىيلىك
ئەمدىلا خىزمەتكە قاتناشقان ئوغلى ئوتقاش بىلەن ئاتىسى يانبۇلاق پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ، ئوغلى ئوتقاش :
-- سەمىمىيلىك دېگەن نېمە؟ - دەپ سوراپتۇ ئاتىسىدىن.
 ئاتىسى  يانبۇلاق  :
-- سەمىمىيلىك دېگىنىمىز ئەتە ۋەيران بولۇشىمىزنىبىلسەكمۇ. بۈگۈن مالنى خېرىدارنىڭ قولىغا تەگكۈزۈشىمىز كېرەك، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
ئوغلىئوتقاش :
-- پەم - پاراسەت دېگەن نېمە؟
ئاتىسى يانبۇلاق  :
-- بۇ خىل ئەخمىقانە ئىشنى قىلماسلىق، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.

                             ئايىقىمنى كىيىۋاتىمەن

بىر كۈنى ئۆمۈچۈك،پاقا ھەم سەكسەن پۇت ئۈچەيلەن بىللە ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچىشىتۇ.
ھاراقمۇ تۈگەپتۇ،ئۇلارنىڭ كەيپى بېسىلماي،ئۆمۈچۈك:"پاقا ئاداش،سەكرەپ-سەكرەپ بېرىپ يەنە بىرە بوتۇلكا ئەكەلمەمسەن؟دەپتۇ.
پاقا:"ۋاي ئۆزەڭ بارمامسەن ئۆمۈچۈك ئاداش."دەپتۇ.
"بولدى مەنلا باراي."دەپ سەكسەن پۇت مېڭىپتۇ. ئۇ كىتىپ شۇنداق ئۇزۇن بولغۇچە قايتىپ كەلمەپتۇ.
پاقا چىقىپ قارىسا سەكسەن پۇت سىرىتتا تۇرغۇدەك،پاقا ئاچچىقلاپ تۇرۇپ:"ھەي،تېخى بارمىدىڭما"دەپتىكەن،
سەكسەن پۇت خىيالىدا يوق :"ئايىقىمنى بىردىن كىيىپ،يىپىنى بىردىن چىگىپ ھېساپلاپ باقە،40  جۈپ ئاياق دەيمەن ماۋۇ."دەپتۇ.    

 

 

    

(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)
ياخشى باھا
(8)
100%
دەسسەش
(0)
0%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !