توۋا دەيمەن ، گۈلۈم، ساڭا ئەجەبمۇ كۆنۈپ قاپتىكەنمەن.مانا، سەن بىلەن كۆرۈشمىگىلى خېلى كۈن بولدى. تېلېفۇن قىلسام ، تېلېفۇنىڭ ئېتىك. ئەجەبمۇ تويدۇم مۇشۇ ‹‹来电管家提醒您 ›› دېگەن سۆزدىن. ياكى ، سەن تېلفۇنىڭنى ئاچمىدىڭمۇ؟ گۈلۈم ، تېلېفۇنىڭدىكى ئۇچۇرنى كۆرگەن ھامان ماڭا تېلېفون قايتۇرغىن، مەن سېنى بەك سېغىندىم،گۈلۈم. بولمىسا مەن ساراڭ بولۇپ قالىدىغان ئوخشايمەن. گۈلۈم،ساڭا راستىنلا كۆنۈپ قالغان ئىكەنمەن.سەن بىلەن كۆرۈشمىسەم كۆڭلۈم بىر قىسما بولۇپ قالىدىكەن. بەك ئازابلانغاندەك بولىدىكەنمەن. تېزدىن ئۇچۇرىڭنى بېرىۋەتكىن ، گۈلۈم.
توۋا دەيمەن ئۆز ئۆزۈمگە، گۈلۈم ، ساڭا نېمە بولدى؟ نېمە ئۈچۈن بۇنچىۋالا يوقاپ كېتىسەن؟ سەن بىلەن كۆرۈشۈپ تۇرمىسام قانداق ئەھۋالدا قالىدىغانلىقىمنى سەن بىلمەمسەن؟ سەن بۇنىڭغا چىدىدىڭمۇ؟ ساڭا زادى نېمە بولدى؟ سەن ئەزەلدىن بۇنداق تۇيۇقسىز يوقاپ كەتمەيتتىڭغۇ؟ مەن سەندىن ئەنسىرەپ قالدىم، گۈلۈم. ماڭا بىر خەۋىرىڭنى بېرىۋەتكىن. مەن راستىنلا ساڭا كۆنۈپ قاپتىمەن. ساڭا چىدىمايدىكەنمەن.
ساڭا نېمە بولدى ، ئەي، گۈلۈم؟
گۈلۈم،مانا بۈگۈن ھېچ بىر نىشانسىزلا سېنى ئىزدەپ چىقتىم. بىراق، زادى قەيەرلەردىن سېنى ئىزدەشنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالدىم. گۈلۈم ، سەن زادى قەيەرگە كەتكەنسەن؟ تەقدىرنىڭ رەھىمسىز شاماللىرى سېنى قەيەرلەرگە ئۇچۇرۇپ كەتكەندۇ ؟ ئۇچۇرىڭدىن زەررىچە دېگىدەك خەۋەردار بولسام ئىدىم، جان پىدالىق بىلەن سېنى ئىزدەپ تاپار ئىدىم.ئەمما،مەن سېنىڭ ھازىر قەيەرلەردە ، قانداق قىسمەتلەر بىلەن يۈرىۋاتقىنىڭدىن خەۋەرسىز بىر ئاشىقمەن. ياكى مەنمۇ ئاشۇ چۆچەكلەردىكى ئاشىقلاردەك مەشۇقۇم بولغان سېنى تەۋەككۈلچىلىك بىلەن ئۇدۇل كەلگەن بىر نىشانغا قاراپ ماڭايمۇ؟ لېكىن ، بۇنداق ماڭسام سېنى ئىزدەپ تېپىشىم زادى مۇمكىن ئەمەستە!.........شۇنداق، ئۇ ئۇسۇل بىلەن سېنى ئىزدەش مۇمكىن بولمايدىغان بىر ئىشتە.چۈنكى، بۇ دېگەن رىئال دۇنيا. ھەرگىزمۇ چۆچەكلەردىكى خىيالىي دۇنيا ئەمەس....... ئىزدەپ چىقتىم بۈگۈن مەن سېنى،
ئەي، قەدىرلىك گۈلۈم، بۈگۈنمۇ سەندىن خەۋەر يوق. چۈشۈم بۇزۇلۇپلا تۇرىدۇ.ساڭا بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟ ياق! ساڭا بىرەر ئىش بولمايدۇ. ناۋادا ساڭا بىرەر ئىش بولۇپ قالسا، مەن قانداق قىلىمەن؟ ئېيتقىن، گۈلۈم، مەن ئۇ چاغدا نېمە بولۇپ كېتەرمەن؟ ئاپلا ! ماۋۇ تىڭىرقىغان كاللامنى. مەن نېمىلەرنى ئويلاپ كەتتىم. يوق بىر ئىشلارنى ئويلاپ كېتىپتىمەنغۇ. ئادەم ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادىمى بىلەن گەرچە ۋاقىتلىق كۆرۈشەلمىسىمۇ، بۇ تىڭىرقىغان كاللىغا ھەرخىل خىياللار كېلىۋالىدىكەن. بۇنداق ھېسسىيات بەلكىم بىر مەندىلا ئەمەس بولۇشى مۇمكىن. ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادىمىدىن كىممۇ ئەنسىرەپ تۇرالمىسۇن. سېنى ئاللاھ ئۆز پاناھىدا ساقلايدۇ، گۈلۈم. چۈنكى، مەن سېنى قۇدرىتى ئۇلۇغ بولغان ئاللاھقا تاپشۇردۇم ئەمەسمۇ. ئېھ ! ئاللاھ! گۈلۈمنى ۋە ئۇنىڭ قاتارىدا بارلىق ئاشىقلارنىڭ مەشۇقلىرىنى ئۆز ھېدايىتىڭگە ئالغايسەن.
ئەنسىرەيمەن سېنىڭدىن ، گۈلۈم،
توۋا ! گۈلۈم، كونىلارنىڭ بىر سۆزى بولىدىغان : ‹‹كۆيگەن يامانمۇ؟ كۆنگەنمۇ؟ ›› دەپ. سەبى ۋاقىتلىرىم بولسا كېرەك. بۇ گەپنى ئاڭلاپ ، بۇ نېمە گەپتۇ؟ نېمىگە كۆنگەن يامانمۇ دەيدۇ؟ بىرىگە كۆنۈپ قالغان بىلەن كۆيۈپ قالمىسا بەرىبىردە دەپتىكەنمەن . ئەمدى بىلسەم، ساڭا كۆنگەن ئىكەنمەن. ئەسلىدە كونىلار بىكار ئېيتماپتىكەن. ئۇلارنىڭ بېشىدىن نۇرغۇن كەچۈرمىشلەر ئۆتكەچكە ، شۇنداق سۆزنى قالدۇرغان ئىكەن. ‹‹كۆيگەن يامانمۇ؟ كۆنگەنمۇ؟ ›› كۆنگەننىڭ بۇنچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى سېنى كۆرمىگەن بىر نەچچە كۈن ئىچىدە ھەقىقىي ھېس قىلدىم. گۈلۈم، ئەسلى مەن ساڭا تەسۋىرلىگۈسىز دەرىجىدە كۆنگەن ئىكەنمەن............
(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |