سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

ئاجايىپ مەكتەپ ھاياتى(ئۆرۈكجان كومىدىيەسى)

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-04-09 15:37مەنبە: يازغۇچى:urukjan زىيارەت سانى: قېتىم

كۆرسەتمە:بۇ ھىكاينىڭ قاچان يېزىلغىنىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. ئىشقىلىپ 10يىلىچە بولىدىغۇ دەيمەن. بۇ بالىلىقتىكى ئىشلار. ئەمما ئەسلەپ قويغۇچىلىكى بار. مەن بۇنى <باس باس>دىكى بارلىق تورداشلارنىڭ كۆڭۈل ئارامىغا(بالىلىقنى ئەسلەيدىغان) سۇندۇم. دوستلۇقىمىز مەڭگۈ داۋاملاشسۇن! باشلىدىم ئەمسە: بىر ،ئىككى ،ئۈچ !

<ئاجايىپ مەكتەپ ھاياتى>

مانا ھەش-پەش دىگۈچە تولۇقسىزغىمۇ چىقىپ قالدىم.ئەمدى بۇرۇنقى دوستلار بىلەن خوشلۇشىدىغان گەپ. ئېست...مەرەمنىسانى شۇنداق ياخشى كۆرەتتىم.ئۇ شەھەرگە كېتىدىغان بولدى.بوپتۇلا، ناھىيدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتىمۇ بۇنىڭدىن ياخشىسى چىقىپ قالامدۇ تېخى. ئەمما بۈگۈن يېڭى سىنپقا كىرىپلا خورۇجۇم 40گەز ئۆرلەپ كەتتى. نىمىنداق سەت قىزلار بار بۇ سىنىپتا! ھېچبىرى كۆزۈمگە سىغمىدى.ئەۋالىغا باقماي <ئابدۇۋارىس، ئابدۇۋارىس> دەپ كېتىشلىرىچۇ تېخى چالا تۇغۇلغان تەخەيدەك...ئۇھ..بۇلارنىڭ ئالدىغا ئەمەس، ئارقىغا قارىساڭ بولىدۇ خالاس. راست دەۋاتىمەن، ئارقىدىن قارايدىغان بولساڭ قاپقارا قۇندۇز چاچلىرى كۆزۈڭنىڭ يېغىنى يەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن جىم تۇرغۇڭ كەلمەي مۈرىسىنى بىر تۇتۇپ ئۆزۈڭگە بىر قارىتىدىغان بولساڭ ئارقىڭغا تىررڭڭىدە چۈشۈپ كېتىسەن. بەئەينى پۇرلۇشۇپ پىشىپ كەتكەن كاۋىنىڭ ئۆزى -دە! ئەمما بېقىنىمدىكى سىنىپتا خېلى سەتەڭ قىزلار توپلانغان. خۇدايىممۇ مېنى كەلتۈرۋالمىسۇن دەپ شۇنداق تەقسىملىگەن گەپ. بۈگۈن بىرىنجى سائەت دەرىستىلا بېشىم ئاغرىغىلى تۇردى. چىدىماسنىڭ ئۆيى پايلىماسنىڭ قېشىدا دەپ .يېنىمغا ئالامەت سەت چىقىرايدىغان ئافرىقىنىڭ ئېشىگىدىن بىرنى ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپتىكەن، مۇئەللىم <چۈشەندىڭلارمۇ!>دەپ بولغۇچە كالتا ئىشتىنىغا چىقىرۋەتكۈدەك <چۈشەندۇق!> دەپ تولا توۋلاپ بېشىمدىن تۈتۈن چىقىرۋەتتى. ھېچ ئامال بولماي <ئاستاراق توۋلىسىڭىز، بېشىم بەك ئاغرىپ كەتتى> دەپ باقتىم. ئەمما ئۆتۈپ كەتكەن بەز نىمىمىكىن ،تېخىمۇ بەك توۋلىغىلى تۇردى. قاتتىق غەزەپلىنىپ قولۇمنى لاخشىگىر قىلدىمدە چەنلەپ تۇرۇپ <ئەجەللىك> يېرىنى كاپپىدە قىلىپ چىمدىۋالدىم. <ۋاي مالىم! ماۋۇ ئادەمگە ئەدەپسىزلىك قىلىۋاتىدۇ!> ھى...ھى...ھى...بىزنىڭ ئامبۇر ئۇنچە بوش قىسمايدۇ. قىساممىغانلارنى ئوبدانلا قىسىدىغان قىپ قويدۇ ئاشۇنداق! مالىم مەكىت قويىدەك بەدەنلىرىنى لىپىلدىتىپ، بىر جۈپ تىيانشان چوققىلىرىنى ئىككى يانغا تاشلاپ يېنىمغا كەلدى.<كىم؟ كىم ئەدەپسىزلىك قىلدى؟> ئۇ نىڭ كالا دېۋىدەك كۆزلىرى بىزگە تىكىلدى.<ماۋۇ! ئادەمنى چىمداپ..> ئافرېقا ئېشىگى مېنى ئىما قىلدى.<تۇرە ئورنۇڭدىن! نىمىشقا قىز بالىنى بوزەك قىلىسەن! بەك چوڭ بوپ كەتتىڭمۇ يا؟ ئېيتە سەن قايسى مەكتەپتىن كەلگەن؟> .
-<مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپتىن.>
-<ئىسمىڭ نىمە؟ داداڭنىڭچۇ؟>
-<ئىسمىم ئابدۇۋارىس. دادامنىڭ ئىسمى غوپۇرھاجى>
-ھە!!!! غو...غو پۇرھاجى؟ بۇ..بۇ... سىز ھېلىقى چەتكە چقىپ كەلگەن غوپۇرھاجى مالىمنىڭ ئوغلىما؟ ئەستا ...كەچۈرۈڭ ئىىنم. مەن دادىڭىزنىڭ 3-قارار ئوقۇغۇچىسى بولىمەن. توۋا، بەكلا كىچىك ئىدىڭىز ..بەكلا چوڭ بوپ كېتىپسىز جۇمۇ....باشلانغۇچتا قانداق ۋەزىپىدە بولغان؟
ئۇھ...نېمىدىگەن تولا گەپ قىلدىغان مالىم بۇ! دادامنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپلا خوشامەت قىلغىلى تۇردى. <چەت>دېگەن قانچىلىك يەرتى ئۇ! بىزمۇ چىقىمىز ئۇنچىلىك يەرگە بىىر كۈنى. ئادەمگە تىيانشان چوققىلىرىنى ئۈستۈرگۈدەك كېلۋالمىسىمۇ ھامان بىزنىڭ ئىنەككە يەتمەيدۇ ئۇ نىمىسى! خىم! قارا، بوپتۇ بىر پەدە نۇتۇق سۆزلەپ قوياي دادامنىڭ ئورنىدا:
<1-سىنىپتىن 3-سىنىپقىچە ئۆگىنىش باشلىقى، 3-سىنىپتىن 4-سىنىپقىچە تەنتەربىيە باشلىقى ئاندىن مەكتەپنى پۈتتۈرگۈچە سىنىپ باشلىقى بولغان.
مالىم بايا بېشىم بەك ئاغرىپ كېتىپ ماۋۇ چىقىرايدىغان پېپىلدىغۇچقا  بوشراق توۋلاڭ دىسەم ئۇنمىغاچقا چىمداپ قويدۇم. بولسا ماڭا بۈگۈن رۇخسەت بەرسىڭىز...بېشىم..>
-<بولىدۇ...بەرسەم بېرەي، بىر ئىشنى جاكارلايمەن! بۈگۈندىن باشلاپ ساۋاقداش ئابدۇۋارىس سىنىپىمىزنىڭ سىنىپ باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ! قېىنى قىزغىن چاۋاك!>
توۋا، بۇ نېمىش بوپ كەتكەندۇ ئەمدى. بۇ پىسا قاتلىمىسى ئەجەپ قىپ كەتتا ماڭا. ياكى بىرەر
قىزىنى بېرەمدىغاندۇمۇ يا! ھا...ھا...ھا... بالىلار چاۋاكنى ياغدۇرۋەتتى. ئاۋۇ ئافرىقا ئېشىگىگە قارىسام ئۇمۇ تەڭ چاۋاك چالغىلى تۇرۇپتۇ. قارىغاندا باياقى ئامبۇر پايدا قىپ قالغان گەپ. ھىم! مەندەك كېلىشكەن يىگىت بۇ مەكتەپتە بىر! چاۋاك چالمايدىغانغا كۆڭلى قانداق چىدىسۇن ھە! ئاھاي تاق! بوخچامنى بىر ئالدىمدە ئېشىكىنى قوتاننىڭ ئېشىگىنى ياپقان پەدىگە <جالاققىدە>يېپىپ چىقىپ كەتتەىم. بۈگۈن ئالامەت ئىش بولدى جۇمۇ! ئەمدى سىنىپ بويىچە ئەڭ چىرايلىق قىزنى يېنىمغا ئولتۇرغۇزىمەندە <قۇلىقىڭىزغا گەپ بار>دەپ ئېڭىكىگە چوپپىدە سۆيۈپ ئوينايمەن! ماڭا بۇ شەرەپنى بەرگەن دادامغا مىڭ رەھمەت!

1-قىسىم تۈگىدى

(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)
ياخشى باھا
(3)
42.9%
دەسسەش
(4)
57.1%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !