بۈگۈندىن باشلاپ بىۋاسىتە دەرس ئۆتۈشنى باشلىدىم. | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى,تاغدىن-باغدىن  >  يازما كۆرۈش

بۈگۈندىن باشلاپ بىۋاسىتە دەرس ئۆتۈشنى باشلىدىم.

[ IT خەۋەرلىرى، تاغدىن-باغدىن ]

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ساۋاقداشلار:
alim

9-ئاينىڭ 30-كۈنى سۆزلەپ يوللىغان دەرسلىرىممۇ تېخىچە تەستىقلانماپتۇ، مەندە باشقا ئامال بولمىدى. نېمە سەۋەبلىكىنىمۇ بىلمەيمەن.
testiq
شۇڭا كەڭ تورداشلارنىڭ ئارزۇسى بويىچە مەن بىۋاسىتە دەرس ئۆتۈشنى تاللىدىم. ئەمما سىنغا ئېلىنمايدۇ، قايتا يوللانمايدۇ، ۋاقتىدا كېلىپ دەرس ئاڭلاڭلار، بۈگۈن 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن باشلاپ دۈشەنبە، چارشەنبە، جۈمە كۈنلىرى ئۈرۈمچى ۋاقتى 8:00 دە Visual Basic.NET سىنىپىدا دەرس سۆزلەيمەن. بۇ ھەپتىلىك دەرس پىلانى مانا:
jedwel
ئەگەر باشقا چوڭ ئۆزگۈرۈش بولمىسا، ئەمدى مۇشۇ پىلان بويىچە بولىدۇ، يەنى بىۋاسىتە سۆزلەيمەن. ئەمما دەرسلىرىم تەستىقلىنىپ قالسا ئەلۋەتتە بۇرۇنقىدەك بولىدۇ، باشقا ساۋاقدىشىڭلارغا يەتكۈزۈپ قويۇڭلار.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
71 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3 4
  • باللا ماۋۇ چچ توپىنى قېتىڭلا 320368518 ، ئالىم مالىمنىڭ چ چ توپىدا كەلگەن ئۇچۇرلارنى دەل ۋاقتىدا مۇشۇ توپقا يوللىنىدۇ . ئالىم مالىمنىڭ توپىغا كىرەلمىگەنلەر كىرىپ قويۇڭلار ، يەنە ۋب ئۆگىنىدىغانلارمۇ كىرىپ قويۇڭلار ، بىرلىكتە ئۆگىنەيلى ، بىرلىكتە ۋب نىڭ مەسلىلىرىنى ھەل قىلايلى .

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 20:42
  • توپقا كىرەلمىسەممۇ بىۋاستا سۆزلەنگەن دەرسلەرگە قاتناشقىلى بۇلامدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 20:38
  • بەك ياخشى باشلىنىش بولغانتى ، مۇشۇ تىڭشۇن دىگەن گۇيلار بەك قورقۇپ كەتكەن ئوخشايدۇ ، بىر نەچچە كۇندىلا 7 مىڭدىن ئوشۇق ئادەم تىزىملاتسا ، تېخى مالىمنىڭ تور دەرسخانىسىغا تىزىملاتقىنىغا نەچچە كۇن بولا -بولمايلا بۇنچە كۆپ ئادەم كىرىپ تىزىملاتسا ، ئۇلار قورقۇپ كىتىپتۇ-دە

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 20:37
  • بۈگۈنكى دەرسنى ئاڭلىيالماي تولىمۇ ئەپسۇسلاندىم . بولسا بەيدۇ ، ۋاڭيىنىڭ دەرسخانىلىرىنى ئۇقۇشۇپ باقسىڭىز . بۈگۈنكى ئىشتىن تولىمۇ ئەپسۇسلاندىم

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 20:33
  • مۇئەللىم بۇگۇنكى نىمە ئىش بۇ ؟ سىز نىڭ باشقۇرشىڭىز دىكى نەرسە نىم بولۇپ بۇنداق بوپقالىدۇ ؟
    ئەخلاقسىزلا كىرمىسە بولاتتى دەرىسكە ۋاقتىمىزنى بەك ئالدى . ئامال بار مۇ مۇئەللىم ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 20:32
  • مۇئەللىم بىلىگ تورىنى ئويلىشىپ باقتىڭىزمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 20:25
  • مۇئەللىم مەن تۇلۇق تەييارلىق قىلىپ كىلىۋاتىمەن ھەم 90% تىن ئارتۇق ئۆزلەشتۈرۈپ مېڭى ۋاتىمەن . بەزى سۇئاللارنى سورىيالمىغان بولساممۇ ئەپسۇسلانمىدىم سەۋەبى مەن يېڭى ئۈگەنگۈچى سىز 20 يىللىق ئوقۇتقۇچى چۇقۇم تۇلۇق ئۆزلەشتۈرۈپ ماڭسام مەن سورىماقچى بولغان سۇئاللارنى سىز ئالا قويماي سۆزلەپ بېرىسىز دەپ قارايمەن . ئەجىرىڭىزگە جاۋاپ قايتۇرامەن ئىگىمىز خالىسا . رەھمەت سىزگە كۆكلەم

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 19:16
    • بۇ ئىش مېنىڭ ئارزۇيۇمغا باقمىدى، دەسلەپتە ھەممە ئىشلار شۇنداق ياخشى بولغان، سىنغا ئېلىپ دەرس سۆزلەي دېسەم يېڭى دەرسلىرىم تەستىقلانمىدى، بۈگۈندىن باشلاپ بىۋاسىتە نەقمەيداندا سۆزلەي دېسەم، دەرسخانىنى كونترول قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشەلمىدىم، بۇ يەردە چوقۇم باشقىچە سەۋەب بار، سەۋەبىنى ئويلاشقا مادارىم يوق ھەم خالىمايمەن، سىلەرمۇ ئارتۇق سوئال سورىماڭلار، بۈگۈن دەرسكە كەلگەنلەردىن كەچۈرۈم سورايمەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 20:37
  • ئالىم مۇئەللىم مەن vs نىڭ ئۈستەل يۇزىدىكى قۇرال كۇزنىكى بىلەن ئاستىدىكى چىقىرىش كۇزنىكنى چىقارسام ئايرىم يەرگە چىقىۋالدى قانداق قىلسام vs نىڭ ئۈستەل يۇزىگە چىقرالايمەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 19:11
    • بۇ ئىش مېنىڭ ئارزۇيۇمغا باقمىدى، دەسلەپتە ھەممە ئىشلار شۇنداق ياخشى بولغان، سىنغا ئېلىپ دەرس سۆزلەي دېسەم يېڭى دەرسلىرىم تەستىقلانمىدى، بۈگۈندىن باشلاپ بىۋاسىتە نەقمەيداندا سۆزلەي دېسەم، دەرسخانىنى كونترول قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشەلمىدىم، بۇ يەردە چوقۇم باشقىچە سەۋەب بار، سەۋەبىنى ئويلاشقا مادارىم يوق ھەم خالىمايمەن، سىلەرمۇ ئارتۇق سوئال سورىماڭلار، بۈگۈن دەرسكە كەلگەنلەردىن كەچۈرۈم سورايمەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 20:37
  • مۇئەللىم ، ۋاڭيى تور دەرىسخانىسىنىمۇ سىناپ باقسىڭىزكەن . http://study.163.com

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 18:59
    • بۇ ئىش مېنىڭ ئارزۇيۇمغا باقمىدى، دەسلەپتە ھەممە ئىشلار شۇنداق ياخشى بولغان، سىنغا ئېلىپ دەرس سۆزلەي دېسەم يېڭى دەرسلىرىم تەستىقلانمىدى، بۈگۈندىن باشلاپ بىۋاسىتە نەقمەيداندا سۆزلەي دېسەم، دەرسخانىنى كونترول قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشەلمىدىم، بۇ يەردە چوقۇم باشقىچە سەۋەب بار، سەۋەبىنى ئويلاشقا مادارىم يوق ھەم خالىمايمەن، سىلەرمۇ ئارتۇق سوئال سورىماڭلار، بۈگۈن دەرسكە كەلگەنلەردىن كەچۈرۈم سورايمەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 20:38
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ئالىم مۇئەللىم ،قانداق ئەھۋالىڭز؟ خېلى كۈنلەر بولدى ،مەن توپقا كىرەلمىدىم، توشۇپ كىتىپتۇ،لىكىن كۈندە قاچىلاشنى تەلەپ كىلىپ ئۇچۇر يازىمەن، توپقا كىرمىگۈچە بولدى قىلمايمەن، سورىماقچى بولغىنىىم توپقا كىرەلمىسەممۇ بىۋاستا سۆزلەنگەن دەرسلەرگە قاتنىشالامدىم؟ سائەتنىڭ سەككىز بۇلىشنى تەقەززالىق بىلەن ساقلاۋاتىمەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 18:49
    • بۇ ئىش مېنىڭ ئارزۇيۇمغا باقمىدى، دەسلەپتە ھەممە ئىشلار شۇنداق ياخشى بولغان، سىنغا ئېلىپ دەرس سۆزلەي دېسەم يېڭى دەرسلىرىم تەستىقلانمىدى، بۈگۈندىن باشلاپ بىۋاسىتە نەقمەيداندا سۆزلەي دېسەم، دەرسخانىنى كونترول قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشەلمىدىم، بۇ يەردە چوقۇم باشقىچە سەۋەب بار، سەۋەبىنى ئويلاشقا مادارىم يوق ھەم خالىمايمەن، سىلەرمۇ ئارتۇق سوئال سورىماڭلار، بۈگۈن دەرسكە كەلگەنلەردىن كەچۈرۈم سورايمەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 20:38
  • ئالىم ئەھەت مۇئەللىمگە:
    ئىككىنچى قېتىم يازغان چۈشەنچىڭىزنى كۆرۈپ سەل خاتىرجەم بولدۇم. ئالدىدا سىز‹‹ مەن بىۋاسىتە دەرس ئۆتۈشنى تاللىدىم. ئەمما سىنغا ئېلىنمايدۇ، قايتا يوللانمايدۇ›› دەپ يېزىپتىكەنسىز ئەمەسمۇ. سىز بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ھەمدە بىر شىركەتنىڭ قۇرغۇچىسى بولغاچقا ئادەتتە ئىنتايىن ئالدىراش ئۆتىسىز. شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنىلا ئۆز قېرىنداشلىرىڭىزنى دەپ ھەقسىز دەرس سۆزلىگەندىكىن ئامال بار سىنغا ئىلىپ ساقلاپ قويسىڭىز دېمەكچى، ئۇ سىن ھۆججىتىنى مەيلى قايسى تورغا يوللىسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى. سىزنى تېزراق يوللاڭ دەپ ئالدىراتمايمىز. ئىشقىلىپ ئەسلى نۇسخىسى سىزنىڭ كومپيۇتېرىڭىزدا ساقلىنىپلا قالسا ھامان بىر كۈنى بىزمۇ ئۇنى كۆرۈش شەرىپىگە ئېرىشەلەيمىز. لېكىن سىز سىنغا ئالمىسىڭىز بىزگە ئوخشاش سىزنىڭ تور دەرسخانىڭىزغا كىرەلمىگەنلەر ئۇ دەرسلەرنى مەڭگۈ قايتا كۆرەلمەي ئۆتۈپ كېتىمىز. بىزنىڭمۇ مىللىتىمىز ئىچىدىن چىققان داڭلىق كومپيۇتېر پېشۋاسىنىڭ ئۆزىمىزنىڭ ئانا تىلىمىزدا سۆزلەپ بەرگەن دەرسىنى ئاڭلاش ئارزۇيىمىز بار.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 17:29
    • بۇ ئىش مېنىڭ ئارزۇيۇمغا باقمىدى، دەسلەپتە ھەممە ئىشلار شۇنداق ياخشى بولغان، سىنغا ئېلىپ دەرس سۆزلەي دېسەم يېڭى دەرسلىرىم تەستىقلانمىدى، بۈگۈندىن باشلاپ بىۋاسىتە نەقمەيداندا سۆزلەي دېسەم، دەرسخانىنى كونترول قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشەلمىدىم، بۇ يەردە چوقۇم باشقىچە سەۋەب بار، سەۋەبىنى ئويلاشقا مادارىم يوق ھەم خالىمايمەن، سىلەرمۇ ئارتۇق سوئال سورىماڭلار، بۈگۈن دەرسكە كەلگەنلەردىن كەچۈرۈم سورايمەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 20:38
  • ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم دەرىسلىكنىڭ باھا بىرىدىغان يىرىنى بىلەلمىدىم بەلكىم باشقىلارمۇ خەنچە بىلمىگەنلەر بىلىلمىگەن بۇلشى مۇمكىن شۇڭا ئاشۇ يىرىنى كۈرسىتىپ قويغان بولسىڭىز بىزمۇ باھا بەرسەك ئاندىن سىزنىڭ دەرسىڭىزنىڭمۇ تىزراق تەستىقلىنشىغا پايدىسى بولسا دىگەن ئىدىم

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 16:44
    • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
      رەھمەت، مەنمۇ باھا يېزىپ باقمىغاچقا بىلمەيدىكەنمەن، مېنىڭچە ھەممە ئىشلار نورمال بولسا ياخشى بولغۇدەك. بىلەلمىگەن قېرىنداشلار يازماڭلار، بىلگەن قېرىنداشلار يازساڭلار ئىختىيارىڭلار.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 16:58
  • بەكمۇ ئەپسۇسلاندىم. دەل ۋاقتىدا تور ئالدىغا كېلىش ئىمكانىيىتى يوق نۇرغۇن كىشىلەر قانداق قىلىدۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر توردىن خەنزۇچە دەرسلىكلەرنى خالىغانچە ئىزدەپ تاپقىلى بولىدۇ. لېكىن ئۇيغۇرچە يۇقىرى سۈپەتلىك ۋە نوپۇزلۇق دەرس مەنبەسى ئىنتايىن ئاز ئىدى ؛ شۇ سەۋەبتىن كومپيۇتېر ياكى باشقا دەرسلەرنى ياخشى ئۆگىنىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى چوقۇم خەنزۇتىلى ياخشى بىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ قالغان.
    ئەگەر تىلى ئۇيغۇرچە بولغان يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى، نوپۇزلۇق بولغان پىروگرامما لايىھەلەش دەرسلىكى بولىدىغان بولسا خېلى ئۇزۇن بىر مەزگىللەرگىچە نۇرغۇن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ناھايىتى چوڭ نەپ ئىلىپ كەلگەن بولاتتى. ئۇنداق دەرسلىكنى بىر قېتىم كۆرۈپ چۈشىنەلمىسە قايتا-قايتا ياندۇرۇپ كۆرسە بولاتتى. سىنلىق دەرسنىڭ بىردىنبىر ئارتۇقچىلىقىمۇ دەل مۇشۇ ئىدى.
    يەنىلا خەنزۇچە دەرسلىكنى چۈشۈرۈپ كۆرسەك بولىدىغان بولدى. خەنزۇچە بىلمەيدىغان ئۇيغۇر قېرىنداشلار سىلەرمۇ ئالدى بىلەن خەنزۇتىلى ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپ بولۇپ ئاندىن پىروگرامما لايىھەلەشنى ئۆگىتىدىغان خەنزۇچە سىن دەرسلىكنى چۈشۈرۈپ كۆرۈڭلار. باشقا ئامال يوق!

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 16:27
    • مەنمۇ بەك ئەپسۇسلاندىم، دەرسلىرىم ۋاقتىدا تەستىقلانماي ئاران تۇرغاندا، داۋامى قېنى؟ بۈگۈن دەرس يوقمۇ؟…دەيدىغان سوئاللار بەك كۆپ بولۇپ كەتتى، دەرسلىرىمنى ۋاقتىدا تەستىقلاپ قالامدىكىن دەپ قىلمىغانلىرىم قالمىدى، 10-ئاينىڭ 12-كۈنى تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 7500 دىن ئېشىپ كەتكەن ئىدى. ئەمما تېڭشۈن ئەتىسى سەھەردە 4000 ئوقۇغۇچىنىڭ ئۇچۇرىنى يوقىتىۋېتىپ، كەچۈرۈمنامە يېزىپلا قۇتۇلدى. شۇنىڭ بىلەن تېڭشۈن شىركىتىنى كەچۈرۈۋەتكەن ئالىم ئەھەت بولۇپ قالدىم. ئەمما ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىنلىقى توختاپ قالمىدى، ھەركۈنى 150 يېڭى ئوقۇغۇچى تىزىملىتىۋاتىدۇ، 1000 كىشلىك توپنىڭ سىرتىدا 2000 دىن ئارتۇق كىشى كىرەلمەي، سوغۇقتا ساقلاپ تۇرۇۋاتىدۇ. 7500 ئوقۇغۇچى دېگەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەك ئوقۇغۇچىلىرى دېگەن گەپ گەپ، بۇ ھەرگىز ئاز سان ئەمەس ئىدى. ھازىرمۇ 4800 گە يېقىنلىشىپ قاپتۇ.

      قولنى كەسمىسە قان چىقمايدۇ، ھەقىقىي ۋە جىددىي ئۆگىنىش ئارزۇسى بارلار مەن كومپيۇتېر ئالدىغا كېلەلىگەن يەردە، سىلەرمۇ شۇ ۋاقىتتا كومپيۇتېر ئالدىغا كېلىڭلار.
      ئالدىرمايدىغان، كېيىن ئۆگەنسەممۇ بولىدۇ دەيدىغانلار بولسا، مېنى ئالدىراتماڭلار، دەرسلىرىم تەستىقلانغۇچە ئۆزۈڭلارنىڭ ئىشىنى قىلغاچ تۇرساڭلارمۇ بولىدۇ. تەستىقلانغان ھامان دەرسلىرىم كۆرۈنىدۇ.

      مەن مەسىلىنى مۇشۇنداق ھەل قىلىشنى ئويلاشتىم. ياخشى چارە-ئامال بولسا كۆرسەتسەڭلار بولىدۇ. لېكىن باشقا سىن قويۇش\ئېلان قويۇش شەرتىنى ھازىرلىمىغان شىركەت ياكى شەخسلەرنىڭ سۇپىلىرىغا يوللىمايمەن، كەچۈرۈڭلار.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 16:47
  • ۋاقتىدا دەرس ئاڭلاش ھەممىدىن ياخشى تاللاش.
    خالىغان ۋاقىتتا كۆرىمەن دېگەن بىكار گەپ. بەزىلىرىمىز سىننى خالىغان ۋاقىتتا كۆرەلەيمەنغۇ دەپ يۈرۈپ كۆرگىلى چولىمىز تەگمەيدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 16:06
باھا بېتى: 1 2 3 4