-
ياشاپ كەتسۇن يۇرتۋازلىق
ۋاقىت:2010-04-22 | تۈرى:ئۇيغۇر شئرىيىتى--
ياشاپ كەتسۇن يۇرتۋازلىق
قۇرۇپ كەتسۇن بىر يۇرتلۇق،بىر قېرىنداش دىگەن گەپ،
مەن دىگەن بىر كورلىلىق خوتەنلىكلەر قۇرۇپ كەت.
ئۆزۇڭ جاھىل خوتەنلىك،نامرات قاقشاپ ئۆتۈپ كەت،
قەشقەرلىككە گەپ كەتمەس،سېسىق گەپكە تۇشۇپ كەت.
ئاتۇشلۇقلار سودىدا زىيان تارتىپ قاخشاپ كەت،
بىر پۇڭ ئۈچۈن تىك تۇرۇپ،پۇلغا قاراپ ئۆلۈپ كەت.
كاۋاڭنىلا دەستەك قىپ ئۆتۈپ كەتكىن ئاقسۇلۇق،
غورورۇڭنى تاشلاپلا كورلىلىقلار يوقاپ كەت.
سىلىق گەپ قىپ،جان ئېلىپ ئادەتلەندىڭ تۇرپانلىق،
يالقۇن تاغدا ھەيكەلنى تىكلەپ قۇيۇپ ياشاپ كەت.
پونى راسا ئېتىپلا،سورونلاردا ياشاپلا،غەمسىز كۈلۈپ قۇيۇپلا،
نامنى ئېلىپ چاقچاقچى، غۇلجىلىقلار يۈرۈپ كەت.
مانا شۇنداق ئاتاقلا بىزگە ھەمرا بوپ كەتكەي،
يۇرت ئايرىشىپ،تىللىشىپ ياشاش ئادەت بوپ كەتكەي.
سەھرالىق دەپ پەس كۆرۈپ،ئۆزىمىزنى تىللايلى،
شەھەرلىككە چوقۇنۇپ،خوشال كۈلۈپ يايرايلى.
ئېتىقاتلار بولمىسۇن،يۇرت ئايرىپلا ئۆتەيلى،
يۇرتۋازلىقنى تەكىتلەپ،ئىناقلىقنى سۆكەيلى.
يۇرتئاپتۇرى نامەلۇم
随机文章:
ھاي-ھاي تېرەك 2010-04-21--ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر --رۇبائىلار 2010-05-08ئايال 2010-05-05ئىزدەشLooking for 2010-05-04
收藏到:Del.icio.us