-
2010年05月05日
ئايال - [شېئرلار]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/63056618.html
ئايالرەيھانگۈل غېنى
چىداشلىق ئىكەنسەن قارام تاشلاردىن ،
كۆلپەتلەر ئىچىدە سۇنمىدى قەددىڭ .
ياغسىمۇ ئۈستىڭگە خولۇق -ھاقارەت ،
سەۋىر ۋە تاقەتتە مەغرۇر ياشىدىڭ .ئازاپلىق كەچمىشىڭ قالدى يىراقتا ،
قەلبىڭگە چۈشكەن داغ تامام يۇيۇلسۇن ،
تاشلىۋەت ئارتۇقچە ئەستىلىكلەرنى ،
بىردەملىك چۈش كەبى يادىڭدىن يۇتسۇن .
ناۋادا ،سەن بىرتال قىزىل گۈل بولساڭ ،
قالماستى بەرگىڭمۇ ،يىلتىزىڭ قۇرۇپ .
مۇرەككەپ تۇرمۇشنىڭ قايناملىرىدا ،
قايتىدىن يارالدىڭ سۇنماس گۈل بۇلۇپ .
ئۆگىچە خۇش پۇراق تارالغاچ سەندىن ،
ياتلاشقان يۈرەكلەر بولدى ساڭا رام .
ھەممنى ئىلىكىڭگە ئالدىڭ قايتۇرۇپ ،
بەختىيار چاغلىرىڭ قىلماقتا داۋام .
收藏到:Del.icio.us