• 5/5/2010

    abdukadir jalalidin ئانا تىل ھاياتىم ،ئانا تىل ئەركىم--ئورخۇن ئابىدىلىرى - [شئېرى ئەسەرلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/63058964.html


    ئانا تىل ھاياتىم ،ئانا تىل ئەركىم
                    ئابدۇقادىرجالالىدىن              

    Abdukadir jalalidin

     

    2.ئورخۇن ئابىدىلىرى

    تاش دىمە باغرىمدا قان ئاقار ئىسىق ،
    شۆھرەتلىك يىللارنى سۆزلىدىم تەكرار.
    پۇچۇلۇپ  كەتسىمۇ مۇزلىغان جىسمىم ،
    قېنىمدىن تۇغۇلار ئەزىمەت زىنھار ،

     

    بارچە ئادەملەرنى تۇغار ئانىلار ،
    ۋە لىكىن باتۇرنى تۇغىدۇ ئۆلۈم ،
    كۆڭۈللەر تەختىگە ئالغىنىدا يول ،
    باتۇرغا پايانداز بولىدۇ ئۆلۈم .

     

    مەرتلىكنىڭ قېلىچى قىلمىسا جەۋلان ،
    ئابىدە دەقىقە تۇرالماس ئۆرە .
    تاش مۇنار يىقىلار ئۆتمەسىتىن ھايال ،
    باتۇرغا باتۇرلار سالمىسا گىرە.


     
    شائىرقەلىمىدىكى قاپقارا سىياھ !
    باتۇرلۇق قېنىدىن ئالمىسا زىيا !
    ھىكمەت پاراسەتكە تۇلۇپ كەتسىمۇ !
    سىياھدۇر ،سىياھدۇر ،بەرىبىر سىياھ !!!

     

    ›ئىلىم بۇدۇن ئەردى ، ئەمدى ئۇقېنى ؟
    باتۇرلۇق بۇدۇن ئەردىم ، باتۇرلار قېنى ؟‹  
    شاھانە قەسىر ،ئاۋات خانىدان ،
    بولمىسا باسىۋان ئۆرۈلەر تېمى .

     

    تاش دىمە ئىبرەتلىك سۆزلىرىم بىلەن ،
    تۇيغۇن كۆڭۈللەرگە سىڭىپ كىتىمەن .
    قىمىرلاپ يۈرىشكەن مۇردىدىن ئۈتۈپ ،
    جەڭلەرگە ئاتلىنىپ مېڭىپ كىتىمەن .