• 5/5/2010

    abdukadir jalalidin ئانا تىل ھاياتىم ،ئانا تىل ئەركىم--يارىلىش - [شئېرى ئەسەرلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/63057819.html

     

     


    ئانا تىل ھاياتىم ،ئانا تىل ئەركىم
                    ئابدۇقادىرجالالىدىن              

    1.يارىلىش


     تۇنجى خىتابىدا ئادەم ئاتىنىڭ ،
    يانغان ئەلەم بۇلۇپ بىزنىڭ تىلىمىز ،
    يارالمىش قىسىسى پۈتۈلگەن چاغدا ،
    تەۋرىگەن قەلەم بوپ بىزنىڭ تىلىمىز

     .

    پەلەكنىڭ يۇلتۇزلۇق ،تىنىق باغرىدىن ،
    تامچىلاپ  تۈكۈلگەن سىرلىق قەترە بىز .
    زىمىنگە ھاياتلىق بولغاندا ئەمىر ،
    مەڭگۈگە  ياشاشقا تۈزگە ن ئەھدە بىز

     .

    تاغلارنىڭ كەينىدىن يانغان شۈبىھنىڭ ،
    ھۆسنىدىن  بالقىغان ئانا تىلىمىز ،
    قۇياشقا يۆكسىلىپ سىڭگەن ئوغوزنىڭ
    كۆزى بوپ چاقنىغان ئانا تىلىمىز .

     

    ھىكمەتكە ئايلىنار مىڭ  بىر لەھجىدە
    توپاندەك يامرىغان قىسمەتلىرىمىز .
    ھەقىقەت  كەپتىرى ئۇچقان كۈنىدە
    زەيتۇنغا ئايلىنار خىسلەتلىرىمىز .