• ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ مۇھىم ئادەم كىم

    ۋاقىت:2010-04-22 | تۈرى:نادىر ماقالىلەر--

    ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ مۇھىم ئادەم كىم
    ئامىركىدىكى مەلۇم ئۇنۋىرسىتىتتا دەرستىن چۈشۈشكە يېقىن پروفىسسور ئوقۇغۇچىلىرىغا:
    _ ھازىر بىز بىر ئويۇن ئوينايلى، قايسىڭلار مەن بىلەن ماسلىشىشنى خالايسىلەر؟دېيىشىگە بىر قىز ئوقۇغۇچى ئالدىغا چىقىپتۇ.
    پروفىسسور قىزغا "دوسكىغا تۇرمۇشىڭىزدىكى كەم بولسا بولمايدىغان يىگىرمە كىشىنىڭ ئىسمىنى يېزىڭ" دەپتۇ، قىز پروفىسسورنىڭ دېگىنى بويىچە دوسكىغا ئۇرۇق_تۇققانلىرى، قوشنىلىرى ۋە دوسلىرىنىڭ ئىسمىنى يېزىپتۇ.
    پروفىسسور: " بۇنىڭ ئىچىدىكى سىزگە نىسبەتەن مۇھىم بولمىغان بىرسىنىڭ ئسمنى ئۆچۈرۋېتىڭ" دەپتۇ،قىز بىر قوشنىسىنىڭ ئىسمىنى ئۆچۈرۋېتىپتۇ.پروفىسسور: " يەنە بىرنى ئۆچۈرۋېتىڭ" دەپتۇ.قىز بىر دوستىنىڭ ئىسمىنى ئۆچۈرۋېتىپتۇ. " يەنە بىرنى ئۆچۈرۋېتىڭ" ،قىز يەنە بىرسىنىڭ ئىسمىنى ئۆچۈرۋېتىپتۇ. مۇشۇنداق قىلىپ ئەڭ ئاخىرىدا دوسكىدا پەقەت قىزنىڭ ئاتا_ئانىسى، يولدىشى ۋە بالىسىنىڭلا ئىسمى قاپتۇ.
    سىنىپ ئىچى جىمجىتلىققا چۆمۈپ ساۋاقداشلار پروفىسسورغا قاراپ ئولتۇرۇپتۇ.بۇ ئەمدى ئويۇنغا ئوخشىمايلا قالغانىدى.
    پروفىسسور قىزغا: " يەنە بىرنى ئۆچۈرۋېتىڭ" دەپتۇ، قىز ناھايىتى تەسلكتە قارار چىقىرىپ قولىغا بورنى ئېلپ ئاتا_ئانىسىنىڭ ئىسمىنى ئۆچۈرۋېتىپتۇ." يەنە بىرنى" دەپتۇ پروفىسسور، شۇ چاغدا قىزنىڭ بور تۇتقان قوللىرى تىترەپ ئارانلا قاپتۇ.ئۇ ئاستا ئوغلىنىڭ ئىسمىنى ئۆچۈرۋېتىپتۇ _دە، "پاڭ"ڭىدە قىلىپ يىغلىۋېتىپتۇ.ئۇنىڭ چىرايىدىن ناھايىتى ئازاپلانغانلىقى چىقىپ تۇرۇپتۇ.
    قىز سەل تىنچلانغاندىن كېيىن پروفىسسور ئۇنىڭدىن: " ئەسلىدە سىزگە ئەڭ مۇھىم بولغانلار ئاتا_ئانىڭىز بىلەن بالىڭىز بولشى كېرەك ئىدى،چۈنكى ئاتا_ئانىڭىز سىزنى مىڭ بىر جاپادا بېقىپ چوڭ قىلغان.بالىڭىز بولسا سىز ئۆزىڭىز تۇغقان ئەمەسمۇ؟ لېكىن سىز نېمىشقا ئېرىڭىزنى تاللىدىڭىز، ئەرنى تېپىۋالغىلى بولىدىغۇ؟ " دەپ سوراپتۇ.
    ساۋاقداشلارمۇ سۈكۈت ئىچىدە بۇ قىز ساۋاقدىشىنىڭ جاۋابىنى كۈتۈپ ئولتۇرۇپتۇ.قىز ئاستا ۋە كەسكىن ھالدا " ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئاتا_ئانام مەندىن بالدۇر ئايرىلىدۇ، بالاممۇ چوڭ بولۇپ مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرگىدەك بولغاندا مەندىن ئايرىلىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا ماڭا ھەمراھ بولىدىغىنى پەقەت يولدىشىملا خالاس " دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.
    ئەمەلىيەتتە بۇ بىر ئويۇن بولماي، " ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ مۇھىم ئادەم كىم " دېگەن تېمىدىكى بىر سائەتلىك پىسخىك دەرس ئكەن.
    ئۇنداقتا سىزمۇ قەلبىڭىزنىڭ مەڭگۈ كىمگە ئىنتىلدىغانلىقىنى ، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتساق ئەڭ ئاخىرىدا كىمگە تەۋە بولىدىغانلقىڭىزنى بىلەمسىز؟ ئەر ياكى ئايال بولۇڭ، ئۆلۈم ئالدىدىكى دەقىقىلەردە دوستىڭىز ياكى سۆيگەن يارىڭىزنىڭ قايسىنىڭ يېنىڭىزدا بولىشىنى ئۈمۈت قلىسىز؟ مۇشۇ بىر ئۆمۈر ھاياتىڭىزدا كىم سىزنىڭ ئەڭ يېقىن ، ئەڭ مۇھىم ئادىمىڭىز؟
    <تەرمىلەردىن >ئېلىنغان

     


    收藏到:Del.icio.us




بلوگ ئۇسلۇبىنى ئەزىز تەمىنلىگەن،  مىھرى - مۇھەببەت ئىنسانغا قانات {}+_+

 ئۇسلۇب گۈزەللەشتۈرگۈچى : ئەزىز

QQ:1261135053