dunyablog.com
  • 2010年05月10日

    uyghurs nameئۇيغۇر نامىنى قوللىنىشنىڭ باش ئاخىرى ( غالىب بارات ئەرك) - [ئەسەرلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/63324308.html

    سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ 10  ـ  ئەسىردە ياشىغان ئالىم، ئۇنڭىغا ئوخشاشلا 8  ـ ، 9  ـ  ئەسىرلەردە ياشىغان دەپ پەرەز قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئالىمى پېرتانراكشتمۇ ئوز تىلىنى « تۇرك تىلى » دەپ ئاتىغان.
      ئوتتۇرا ئەسىردە ھۆكۇم سۇرگەن « خاقانىيە » ۋە « ئۇيغۇر ئېلى » تېرىتورىيىلىرىدە ياشىغان خەلق ئوز تىلىنى ئورتاق ھالدا « تۇرك تىلى »، ئوزلىرىنى بولسا « تۇرك » دەپ ئاتىغان. ئوزلىرىنىڭ سىياسىي ھاكىميەتلىرىنى « خاقانىيە » ۋە « ئۇيغۇر ئېلى » (ئون ئۇيغۇر ئېلى دەپمۇ ئاتىغان) دەپ ئاتاشقان. ماھمۇد كاشغەرى خاقانىيىلىكلەرنى « خاقانىيە تۇركلىرى » دەپ ئاتىغاندەك، سىڭقو سەلى تۇتۇڭ « تۇرك  ـ  ئۇيغۇر » دەپ ئاتىغان. خۇددى ماھمۇد كاشغەرى « ئۇيغۇر بىر ئەلنىڭ نامى » دىگىنىدەك « ئۇيغۇر » سىياسىي نام ئىدى، يەنە بىر جەھەتتىن جۇغراپىيىلىك نام ئىدى. لېكىن خەلقنى ئۇيغۇر دەپ ئاتىمىغان، ئۇلارنىڭ تىلى بولسا « ئۇيغۇر تىلى بولسا »ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۇركلەرنىڭ تىلى ئىدى، ئۇلار موڭغۇللارغا خىزمەت قىلغان چاغلاردا مۇسۇلمانلاردىن ئوزلىرىنى پەرقلەندۇرۇش ئۇچۇن دولەت نامى بويىچە ئوزلىرىنى ‹‹ئۇيغۇر›› دەپ ئاتاشقان. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا بۇ جۇغراپىيىلىك ئۇقۇمغا ئىگە سىياسىي نامدۇر. شۇڭىمۇ مىرزا ھەيدەر كورگانى ‹‹تارىخىي رەشىدى›› ناملىق كىتابىدا ئاقسۇنىڭ شەرقىدىكى رايونلارنى ‹‹ئۇيغۇرىستان›› دەپ يازغان.
      بۇ ئىككى خانلىق تېرىتورىيىسىدىكى ئاھالە بىردەم تۇرك، بىردەم ئۇيغۇر بولۇپ قالىدۇ؟ ئۇنداقتا ماھمۇد كاشغەرى، يۇسۇپ خاس ھاجىپ، سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ، پىرتانراكشمۇ  ئۇيغۇر تۇرك يەنى باشقا مىللەت بولۇپ قالمامدۇ؟ بۇ مەسىلىگە يۇننەن ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ تارىخشۇناسلىرى ‹‹جۇڭگودىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى›› ناملىق ئۇچ توملۇق كىتابىدا ئورخۇن  ـ  يەنسەي ۋادىسىدا تاشقا ئويۇپ قالدۇرۇلغان تارىخىي ئابىدىلىرىمىزگە ئاساسلىنىپ ‹‹ مەڭگۇ تاشتا مۇنداق دىيىلگەن: توققۇز ئۇيغۇر، بىز بىلەن بىر مىللەت، تۇركلەر بىلەن ئۇيغۇرلار ئوخشاش بىر مەنبەدىن كېلىپ چىققان تارماقتۇر، شۇڭا مەڭگۇ تاشنىڭ بايقىلىشى بىزگە شۇبھىسىز جاۋاب بەردى›› دىگەن يەكۇننى چىقارغان. ۋ. سامۇرىن تاڭ دەۋرىدىكى تارىخ كىتابلىرىغا ئاساسلىنىپ ‹‹ئۇيغۇر›› دىگەن بۇ نام كۆپ ھاللاردا سىياسىي ئاتالغۇ سۇپىتىدە قوللىنىلغان، ئىنتايىن ئاز چاغلاردا مەلۇم قەبىلە ياكى مەلۇم پارچە تۇپراقنى كورسەتكەن، كېيىنچە بىر خەلق تىلىنىڭ نامىغا ئايلانغان، ئۇنى ئىشلىتىپ قەدىمكى تۇرك تىلىنىڭ بىر خىلىنى پەرقلەندۇرگەن »  دەپ يازىدۇ.
      خەنزۇلارنىڭ ئاتاقلىق تارىخچىسى « ھون تارىخى »، « تۇرك تارىخى » ۋە « ئۇيغۇر تارىخى » دەك كىتابلارنىڭ ھەمدە كوپلىگەن ئىلمىي ماقالىلەرنىڭ ئاپتورى بولغان پروفىسسور لىن گەن « تۇرك تارىخى » ناملىق كىتابىدا « ئۇيغۇر  =  تۇرك » دىگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بىز بۇ نۇقتىلارنى چۇشىنىشىمىزدە ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ بىردە ئوزلىرىنى تۇرك دىسە بىردە ئۇيغۇر دەپ ئاتاشتىكى مۇددىئاسىنى چۇشىنەلەيمىز.
      مىلادىيە 10  ـ  ئەسىردە ئىسلام دىنى خاقانىيە سۇلتانى سۇتۇق بۇغراخان تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ كەڭ كولەملىك غازاتلار ئارقىسىدا تەردىجى ئىسلامىيەت خاقانىيىدە ئومۇملىشىدۇ. لېكىن خاقانىيە ئۇيغۇر ئېلىنى ئىسلاملاشتۇرۇشقا ئۇلگۇرمەيلا يىمىرىلىدۇ. ئالدى بىلەن قىتانلارنىڭ ئاندىن موڭغۇللارنىڭ ئىستىلاسى بۇ ئىككى ئەلنى مۇستەملىكە ۋە يېرىم مۇستەملىكىگە ئايلاندۇرىدۇ. ئەمما شۇ ئىستىلاچىلار يەنە مەدەنىيەتلىك ئەجدادلىرىمىز تەرىپىدىن ئاسسىلىماتسىيە قىلىنىدۇ. ئۇيغۇرئېلىنىڭ كوپچىلىك ئاھالىنى ھېسابقا ئالمىغاندا موڭغۇللار بىلەن ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئارىسىدا دىن ئەڭ چوڭ توسالغۇ بولۇپ قالىدۇ. ئەنە شۇنداق تارىخى دەۋردە چىڭگىزخان ئەۋلادى بولمىش توغلۇق تومۇرخان مىلادىيە 1348  ـ  يىلى تەختكە چىققاندىن كېيىن موڭغۇللارنىلا ئەمەس بارلىق مۇسۇلمان بولمىغان تۇركلەرنى ھەم مەجبۇرىي ھالدا ئىسلام دىنىغا كىرگۇزدى. شۇندىن باشلاپ ئانا تۇپراق ئالتۇن دىيارىمىزدا ياشايدىغان ئەجدادلىرىمىز ئارىسىدىكى ئېدىئولوگىيە پەرقىمۇ تۇگىدى. ئەلۋەتتە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خەلقلەر ئارىسىدىكى تىل شىۋىسى پەرقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا بىرلىككە كەلدى. شۇندىن باشلاپ ئەلىشىر نەۋائى « مۇھاكىمە تىل لۇغەتتىن » ئەسىرىدە ۋە زوھۇرىددىن مۇھەممەد بابىرنىڭ « بابۇرنامە » سىدە بىر نەچچە جايدا « ئۇيغۇر » ئىبارىسىنى تىلغا ئالغىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا « تۇرك » نامى ئومۇمىي نامغا ئايلىنىدۇ. خەلق ئوزىنى « تۇرك » ياكى مۇسۇلمان دەپ ئاتاش بىلەن بىرگە يۇرتنىڭ نامى بىلەن خوتەنلىك، قەشقەرلىك، لوپلۇق، تارانچى، دولانلىق  دىگەندەك ناملاردا ئاتايدۇ. بۇ خىل ھالەت ياكى مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىنىڭ ئاخىرلىرىغىچە داۋاملىشىدۇ، مۇشۇ ئەسىردىكى ئالىملاردىن ئابدۇقادىر داموللا، ھوسەيىنخان تەجەللىلەرمۇ ئوزلىرىنى « تۇرك » دەپ ئاتىغان. خەنزۇچە مەنبەلەردىمۇ 1884  ـ  يىلىدىن ئىلگىرى يۇرتىمىزمۇ مۇسۇلمانلار يۇرتى (回疆) دەپ يازغان ھەمدە ئەجدادلىرىمىزنى تۇڭگانلاردىن پەرقلەندۇرۇش ئۇچۇن 缠头 دەپ ئاتىغان.
      « ئۇيغۇر » دىگەن بۇ نام مىلادىيە 1350  ـ  يىللاردىن 1935  ـ  يىللارغىچە ئۇنتۇلۇپ ئۇنىڭ ئىزىغا « تۇرك » دىگەن ئەسلى نام قوللىنىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئوزلىرىنى يۇرت نامى بىلەن پەرقلىق ئاتىغان، مۇسۇلمان دەپ ئاتاشمۇ بىر خىل مىللەت نامى تۇسىنى ئالغان. ئۇنداقتا « ئۇيغۇر » دىگەن بۇ مىللەت نامى قانداقچە قايتىدىن پەيدا بولۇپ قالدى؟
      بۇمەسىلىنى ئالدى بىلەن خەلقئارا ۋەزىيەتكە باغلاپ چۇشىنىش مۇمكىن. مىلادىيە 20  ـ  ئەسىردە دۇنيا ۋەزىيىتىدە ئاجايىپ ئوزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. مەنچىڭ ئىمپىرىيىسى ئاغدۇرۇلۇپ جۇڭخۇا مىنگو قۇرۇلدى. چاروسىيە ئاغدۇرۇلۇپ تۇنجى سوتسىيالىستىك ئىمپىرىيە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى قۇرۇلدى. سوۋېت ئىمپىرىيىسى بارلىققا كېلىشى بىلەنلا ئوزىنى پۇتكۇل دۇنيادىكى ئېزىلگۇچىلەرنىڭ باشلامچىسى دەپ ئېلان قىلدى ھەمدە تۇرلۇك ئاماللار بىلەن غەربىي تۇركىستاننى ھاكىمىيىتى ئاستىغا ئالدى. پۇتكۇل ئوتتۇرا ئاسىيانى مەڭگۇ ئىشغالىيەت ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇش ئۇچۇن گۇرۇھلارغا بولۇپ ئىدارە قىلىش زورۇر بولۇپ قالدى. بۇ خۇددى ‹‹ئۇيغۇرلار يەڭىدىن بارلىققا كەلگەن مىللەت گەۋدىسى بولۇپ، ئۇ تەسەۋۋۇر ئىچىدىكى تارىخىي ئەنئەنە ۋە يېقىنقى سىياسىي ئەھتىياج تۇپەيلىدىن يەرداشلىقنى بىرىكتۇرۇپ باشقىلار تەرىپىدىن كەشپ قىلىپ چىقىلغان›› دىيىلگەنگە ئوخشاش مەلۇم پەرقلەرنى ئاساس قىلىپ يېڭى مىللەتلەر ياساپ چىقىلدى. نەتىجىدە ئۇيغۇر ۋە ئوزبەك بارلىققا كېلىپ تۇرك نامى ئوتتۇرا ئاسىيادىن سىقىپ چىقىرىلدى.
      ئۇنداقتا ‹‹ئۇيغۇر›› ئاتالمىسى قانداقچە بۇ يېڭى مىللەتكە نام قىلىپ قوبۇل قىلىندى؟ قازاق ئاكادىمىك ظا. ت قايدارۇۋ ‹‹1921  ـ  يىلى س. ظة. مالوۋنىڭ تەشەببۇسى بىلەن تاشكەنتتە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ قۇرۇلتىيى ئېچىلدى. يىغىن قاتناشچىلىرى ئەزەلدىن مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر دىگەن مىللەت نامىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇشنى ھەمدە شىنجاڭدىكى بارلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئورتاق نامى قىلىشنى بىردەك قوللىدى››  دەيدۇ. بۇ يىغىن 1921  ـ  يىل 6  ـ  ئايدا ئېچىلغان بولۇپ شۇ نۇقتىنى ئىلمىي ھالدا پەرەز قىلىش مۇمكىنكى يىغىندا رۇس ئۇيغۇرشۇناسى مالوۋ ئوزىنىڭ ئۇيغۇرشۇناسىلىقتىكى شۆھرىتىدىن پايدىلىنىپ ‹‹ئۇيغۇر›› نامىنى قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىپ شەرھىلەپ، يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنى قايىل قىلغان. چۇنكى مالۇۋ ئاكادىمىك رادلوۋنىڭ شاگىرتى بولۇپ ئۇنۋېستېتتا ئوقۇۋاتقان چېغىدىن باشلاپ تۇرك تىلى تەتقىقات گۇرۇپپىسىغا قاتناشقان. 1909  ـ  يىلىدىن 1911  ـ  يىلىغىچە، 1913  ـ  يىلىدىن 1915  ـ  يىلىغىچە شىنجاڭ ۋە گەنسۇدا ئۇيغۇرلارنىڭ (سەرق ئۇيغۇرلارنىمۇ ئوز ئىچىگە ئالىدۇ) تىل ۋە فولكلورىنى تەكشۇرگەن. 1916  ـ  يىلى تۇرك فلولوگىيىسى بويىچە ماگىستىر بولغان. 1917  ـ  يىلىدىن كېيىن قازان، پېتىربورگ، تاشكەنت قاتارلىق جايلاردىكى ئالىي مەكتەپلەردە تۇرك تىل  ـ  ئەدەبىياتىدىن دەرس ئوتكەن. 1939  ـ  يىلى روسىيە پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ مۇخبىر ئاكادىمىكى بولغان. ئۇ ھاياتىدا ئۇيغۇرلارغا ئائىت نۇرغۇن كىتاب، ماقالىلەر ئېلان قىلغان.
      ئۇيغۇر نامى ئەنە شۇنداق ئوتتۇرىغا چۇشۇپ قانۇنلاشقان. 1924  ـ  يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا نوپۇس تەكشۇرۇشتىن باشلاپ بۇ نام كورۇلۇشكە باشلىغان. ئۇنداقتا بۇ نام قانداقچە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن شىنجاڭغا كوچۇپ كەلدى؟ بۇ نام بېكىتىلىپ قانۇنلاشقاندىن كېيىن مەتبۇئات، تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلىنىش بىلەن بىرگە ئالى ئىلىمگاھلاردا قوللىنىلدى، مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ نۇرغۇنلىغان زىيالىلىرىمىز ئىلىم ئېلىش ئۇچۇن سوۋېتقا چىقىپ تەدرىجىي بۇ نامنى قوبۇل قىلدى. مىللەتپەرۋەر، مەرىپەتپەرۋەر شائىرلىرىمىز مەمتىلى توختىھاجى ئوغلى تەۋپىقى ۋە ئابدۇخالىق ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر نامنى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قوبۇل قىلغان. بۇ مەسىلىگە قارىتا شىۋىتسارىيىلىك داڭلىق دىپلومات، ئۇيغۇرشۇناس دوكتۇر گۇننار ياررىڭ مۇنداق دەيدۇ: ‹‹20  ـ  ئەسىرنىڭ 30  ـ  يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرى شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدا ‹ تۇرك › نامىنىڭ ئورنىغا ‹ ئۇيغۇر › نامى دەسسىدى  بۇ ئاتالغۇنىڭ تەشەببۇسچىسى س. ئە مالوۋ››  (‹‹قەشقەرگە قايتا بېرىش›› قا قاراڭ)، ئۇ ئەسىرىدە ئۇيغۇر نامىغا مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئاتالمىسى سۇپىتىدە مۇئامىلە قىلىدۇ.
      ‹‹ئۇيغۇر›› ئاتالغۇسى شىنجاڭدا زادى قاچاندىن باشلاپ قانۇنلىشىپ قوللىنىلدى؟ بۇ ھەقتە خارۋورت ئۇنىۋېرستېتىنى پۇتتۇرگەن تۇرپان ئەكىسپىدىتسىيىگە قاتناشقان جاسيان لودېس (1933 ـ  يىلى شىنجاڭغا كەلگەن سوۋېت دىپلوماتى ئاپىراسيۋ شىنجاڭ مىلىتارىسى شىنجاڭ شەرىپىگە بەرگەن تەكلىپ ئىچىدە تارىم ۋادىسىدىكى ئامىللارنى 20  ـ  يىللاردىكى لېنىن ئاساس قىلغان سوۋېت ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقىنىڭ مىللەت تەۋەلىكىنى تىل  ـ  تارىخ قۇرۇلمىسىغا ئاساسەن ئۇيغۇر دەپ ئاتاش تەكلىپىنى بەرگەن بولۇشى مۇمكىن »  دەيدۇ. شۇ چاغلاردا قەشقەرنى مەركەز قىلغان ھالدا ئوتتۇرىغا چىققان « شەرقىي تۇركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى » بەلكىم سوۋېت ئىمپېرىيىسىنى چوچۇتۇپ قويغان بولۇشى مۇمكىن، چۇنكى شۇ زاماننىڭ ھىيلە  ـ  مىكىر شاھى، ئەشەددىي فاشىست شېڭ شىسەي ئوز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ئۇچۇن قىزىل فاشىست ستالىندىن ئىبارەت دۇنياۋى شەخسكە ئوزىنى سادىق ئىت قىلىپ كورسىتىپ، بولشىۋېك بولغان ئىدى. سوۋېت ئىمپېرىيىسى نۇرغۇنلىغان بولشىۋىكلارنى ئەۋەتىپ ئۇنىڭ ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەشكە غايەت زور توھپىلەرنى قوشتى، 1934  ـ  يىلى جاھانگىرلىككە قارشى ئۇيۇشما قۇرۇپ بىر مەزگىل ئوتكەندىن كېيىن « چەنتۇ » دىگەن نامنى « ئۇيغۇر » دەپ ئوزگەرتىش 2  ـ  نوۋەتلىك ئاۋام خەلق قۇرۇلتىيىدا قانۇنلاشتۇرۇلغان. قۇرۇلتايدا ئۇيغۇر دىگەن نامنى خەنزۇچە تەلەپپۇز تەرجىمىسى مەسىلىسىمۇ ئوتتۇرىغا چۇشۇپ 威武儿 دىگەندەك لايىھەلەرمۇ بار بولغان، بۇنىڭ مەنىسى بولسا « ئالىيجاناب، جاسارەتلىك تەڭرىنىڭ ئامراق پەرزەنتى » دىگەن مەنىنى بەرگەن. بورھان شەھىدى « شىنجاڭنىڭ 50 يىلى » ناملىق ئەسىرىدە « مەن يۇۋىنبىن بىلەن مەسلىھەت قىلىشىپ 维吾尔دەپ يازايلى دىيىشكەن ئىدۇق، ئولكىلىك ھوكۇمەتنىڭ يىغىنىغا سۇنۇپ ماقوللانغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ نامىنىڭ رەسىمى يازما شەكلى قىلىنغانىدى. شۇنىڭدىن ئەتىبارەن ئۇ بارا  ـ  بارا كەڭ قوللىنىلدى »  دەپ يازىدۇ. 维吾 بولسا مېنى ھىمايە قىل دىگەن مەنىنى بىلدۇرىدۇ. بۇ نام ئەنە شۇنداق ئوتتۇرىغا چۇشىدۇ. قۇرۇلتاي مەزگىلىدە مىللەتلەرنىڭ نامىنى ئوزگەرتىش بولغان. بۇرھان شەھىدىنىڭ ئەسلىمىسىگە ئاساسلانغاندا « بۇلۇت » ئورنىغا « قىرغىز » « نۇغاي » ئورنىغا « تاتار » بېكىتىلگەن. « جۇڭگو » ئاتالمىسىنى « خىتاي » دەپ تەرجىمە قىلماي ئاھاڭ بويىچە ئاتاشمۇ بەكىتىلگەن، تاكى 1949  ـ  يىلىغىچە خەنزۇ نامى ئورنىغا « خىتاي » دىگەن نام قوللىنىلغان.
      خۇلاسە قىلغاندا ئۇيغۇر نامى كېيىن دىگەندىمۇ مىلادىيىدىن توت ئەسىر ئىلگىرىكى دەۋردىنمۇ بۇرۇن بارلىققا كەلگەن بولۇپ كوپ ھاللاردا سىياسىي ئاتالغۇ، دولەت نامى سۇپىتىدە قوللىنىلغان، ئىنتايىن ئاز ساندىكى چاغلاردا قەبىلە نامى بولۇپمۇ قوبۇل قىلىنغان. ئىلگىرى  ـ  كېيىن بولۇپ ئورخون  ـ  ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ھەمدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نامى بولغان. تەخمىنەن مىلادىيە 1350  ـ  يىللىرى ئەتراپىدا ئىشلىتىلىشتىن قالغان. مىلادىيە 1921  ـ  يىلى 6  ـ  مايدا تاشكەنتتە زىيالىيلار قۇرۇلتىيىدا ئۇيغۇرشۇناس مالۇۋنىڭ تەشەببۇسى بىلەن قارار قوبۇل قىلىنىپ شىنجاڭدىكى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قىسمەن ئاھالىنىڭ نامى سۇپىتىدە بېكىتىلگەن، 1924  ـ  يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى نوپۇس تەكشۇرۇشتىن باشلاپ قوبۇل قىلىنغان، قوللىنىشقا باشلىغان. شىنجاڭدا بولسا شېڭ شىسەي مۇستەبىت ھاكىمىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى مەسىلھەتچىلىرىنىڭ كورسەتمىسى بويىچە قوبۇل قىلىنىپ 2  ـ  قېتىملىق ئاۋام خەلق قۇرۇلتىيىدا (1934  ـ  يىلى) قانۇنلاشتۇرۇپ قوبۇل قىلىنغان ھەمدە كەڭ تەشۋىق قىلىنغان. بۇ نام نىمىشقا شۇنچە تېزلا ئومۇملىشىپ كېتىدۇ؟ سەۋەبى ئېنىقكى نۇرغۇنلىغان سوۋېت مەسلىھەتچىلىرى شىنجاڭدا خىزمەت قىلغاندىن باشقا نۇرغۇنلىغان ياشلار سوۋېت ئىتتىپاقىدا بىلىم ئالغان. ئۇلارنىڭ تەربيىسىنى قوبۇل قىلغان، يەنە كېلىپ « ئۇيغۇر » نامى قەدىمكى يازما يادىكارلىقلاردا كورۇلگىنى ئۇچۇن ناھايىتى تېزلا قوبۇل قىلىنىپ ئومۇملاشقان، ئەينى چاغدا سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە شىنجاڭ ئولكىلىك ھوكۇمەتنىڭ قانۇنى ۋاسىتە بىلەن قارارلاشتۇرۇشمۇ رول ئوينىغان.
      ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن ناھايىتى كوپ مەسىلىلەر ھەل بولدى، ئەمما ئاساسلىقى ئىككى خىل ئاجىزلىققا يول قويۇلدى، ئۇلاردىن بىرى ئۇيغۇر مىللىتى بىلەن ئۇيغۇر نامىنى تەڭلەشتۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ پۇتكۇل تارىخىنى ئۇيغۇر ناملانغان ئاشۇ گەۋدىسىنىلا ئىزدەش. يەنە بىر ئاجىزلىق ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي يازما يادىكارلىقلارنى ئاساسى سۇپىتىدە پايدىلانماسلىقتا كورۇلىدۇ. بۇ خىل ئاجىزلىقلار ئۇيغۇر ئالىملارنىڭ ئۇزلۇكسىز يېتىشىپ چىقىشىغا ئەگىشىپ ئوزگەرگۇسى.
      ئىزاھلار:
        مەھمۇت قەشقەرى « تۇركىي تىللار دىۋانى » شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1980  ـ  يىل ئۇيغۇرچە نەشرى 1  ـ  توم 151  ـ ، 2  ـ  بەتلەر
      « ئوغۇزنامە » مىللەتلەر نەشرىياتى ئۇيغۇرچە نەشرى 1980  ـ  يىل 30  ـ  بەت
      موللا نىمەتۇللا موجىزى « تەۋارىخى مۇسقىييۇن » ئۇيغۇرچە مىللەتلەر نەشرىياتى 1982  ـ  يىل 26  ـ  بەت.
        ليۇ يىتاڭ « ئۇيغۇر تەتقىقاتى » 1977  ـ  يىل تەيۋەن خەنزۇچە نەشرى 11  ـ ، 27  ـ  بەت
      زوردۇن سابىر « ياۋروپاغا سەپەر »، « تارىم » 1988  ـ  يىل 5  ـ  سان 106  ـ  بەت.
      « ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى » شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1989  ـ  يىل ئۇيغۇرچە نەشرى 92  ـ  بەت
      يۇسۇپ خاس ھاجىپ « قۇتادغۇبىلىك » مىللەتلەر نەشرىياتى 1984  ـ  يىل ئۇيغۇرچە نەشرى 92  ـ  بەت
      « تارىم » ژۇرنىلى 1986 ـ  يىلى2  ـ  سان تۇركلوگ ئىسراپىل يۇسۇپ تەييارلىغان ماقالىگە قاراڭ
      « جۇڭگودىكى مىللەتلەر تارىخى » مىللەتلەر نەشرىياتى 1990  ـ  يىلى خەنزۇچە نەشرى 2  ـ  قسىىم 63  ـ  بەت
      گراتىن « ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشى » ناملىق ماقالىسىدە كەلتۇرگەن نەقىل « ‹‹شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاخباراتى » 1992  ـ  يىل 5  ـ  سان 14  ـ  بەت، 11  ـ  بەت.
      71 « قەشقەر پەداگوگىكا ئىنستىتوتى ئىلمىي ژۇرنىلى » ئۇيغۇرچە 1993  ـ  يىل 4  ـ  سان 75  ـ  بەت
      بۇرھان شەھىدى « شىنجاڭنىڭ 50  ـ  يىلى » ۋە « شىنجاڭ تارىخىي ماتىرىياللىرى » ئۇيغۇرچە 28  ـ  توپلامغا قاراڭ.

    manba:http://sirdaxyurak.blogbus.com/logs/39363419.html

    历史上的今天:

    مۇھاببەتlove 2010年05月10日

    收藏到:Del.icio.us