• 5/10/2010

    ئانا ھەقىدە رىۋايەت - [شئېرى ئەسەرلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/63323475.html

    ياش دوستۇم،بىلەمسەن ئانا ھەققىدە،
    گۇمىدا تارالغان بىر رىۋايەتنى.
    مەرد،ئۇلۇغ ئانىغا ھۆرمەت-ئەقىدە،
    ۋاپاسىز ئوغۇلدىن دەرد-شىكايەتنى.

    بار ئىكەن بىر قېرى ئانا مىھرىبان،
    ئوغلىنى ئۆيلەپتۇ سۆيگەن قىزىغا.
    خىيانەت قىلىپتۇ بۇ ئىككى نادان،
    ئانىنىڭ ئەجرىگە بەرگەن تۇزىغا.

    خورلاپتۇ ئانىنى زالىم كېلىنى،
    چېقىپتۇ ئېرىگە،سېلىپ داد-پەريات.
    دەپتۇ ئۇ:«راستىنلا سۆيسەڭ سەن مېنى،
    ئۇ قاقباش قېرىنى دۇنيادىن يوقات!..»

    ئەسەبىي سۆيەركەن دۆت ئوغۇل ئۇنى،
    «ئاجرىشىش»گېپىدىن تىترەپتۇ غال-غال.
    يان ئۆيدە مەرد ئانا ئاڭلاپلا بۇنى،
    ئۇلارنىڭ قېشىغا كىرىپتۇ دەرھال.

    دەپتۇ ئۇ:«ئۆرتەنمە،قىينالما ئوغلۇم،
    مەن ساڭا ئاتىغان يوقۇ-بارىمنى.
    بەكلا ئاز قالغانتى ئەرزىمەس ئۆمرۈم،
    مۇرادقا يەتكۈزگىن سۆيگەن يارىڭنى.

    گۆر كولاپ كۆمۈۋەت مېنى...مەن رازى،
    تېز بولغىن،جاي ئالاي ئاتاڭ قېشىدىن...»
    چوكاننىڭ كۈلكىسى،چىرايى،نازى،
    ئوغۇلنى ئايرىپتۇ ئەقىل-ھوشىدىن.

    «خوپ»دەپتۇ ئاخىرى قارا دىل نادان،
    مېڭىپتۇ ئانىنى ئاتقا مىندۈرۈپ.
    كۆرۈنگەن چېغىدا كونا قەبرىستان،
    توختاپتۇ ئۆزىچە كۆڭۈل تىندۇرۇپ.

    قاراپتۇ ئەلەڭلەپ ئىككى يېقىغا،
    يوق ئىكەن يا قوزۇق،يا بىر تۈپ دەرەخ.
    باغلاپلا يۈگەننى ئۇ سول پۇتىغا،
    گۆر كولاش ئىشىنى باشلاپتۇ ئەبلەخ.

    يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ مېھرىبان ئانا،
    تىلەرمىش ئوغلىغا ئۆمۈر،سائادەت.
    دەر ئىمىش:«ئەي تەڭرى،ئەي پۇشتى پاناھ،
    قىل ئۇنى دۆلەتمەن،ساغلام-سالامەت!...»

    بۇ ھالدىن ياپراقتەك تىترەپتۇ ئاسمان،
    ئېچىنىپ يىغلاپتۇ چىدىماي بوز ئات.
    تۇيۇقسىز چىقىپتۇ شىددەتلىك بوران،
    يۈز بېرىپ ئاجايىپ مۆجىزە ... ھەيھات!

    ئەتراپنى قاپلاپتۇ قاراڭغۇ زۇلمەت،
    زېمىندىن تاش-قۇملار كۆككە ئۇچۇپتۇ.
    ئوغۇلنى سۆرىگەن پېتى ئات كىشنەپ،
    بۇ يەردىن يىراققا ئېلىپ قېچىپتۇ.

    ئۇرۇلۇپ ئوغۇلنىڭ بەدىنى تاشقا،
    كەتكەنمىش ئېتىلغان مازدەك تىتىلىپ.
    ئانىنىڭ يۈز-كۆزى تولۇپ قان-ياشقا،
    يۈگرەرمىش ئوغلىغا«ئاھ!»دەپ ئېتىلىپ.

    دەر ئىمىش:«قالسىدى ئوغلۇم ساق-ئامان،
    مەيلىدى مەن ئۆلسەم،ئاڭلا ئەي خۇدا.
    گۆرۈمدە ياتاتتىم خۇرسەن-شادىمان،
    بولمىسا پەرزەنتىم جۈپتىدىن جۇدا...»