|
-
5/8/2010
--ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر --رۇبائىلار - [شئېرى ئەسەرلەر]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/63208926.html
رۇبائىلار
)ئون يىللىق ئاپەت مەزگىلىدە(
1.
قەلەم سۇندى، ئەلەم ئەزدى دىلىمنى ،
شامالدارىپ كىكەچ قىلدى دىلىمنى .
قولۇم تۇتماس، پۇتۇم باسماس ،پالەچ مەن ،
نىمە بىرلە قىلاي رازى ئىلىمنى .
2.
قارا يىللار بوشۈكىگە تۇغۇلدۇم ،
تۇغۇلدۇممۇ ، قەپەس ئىچىرە بوغۇلدۇم ،
ئومرۈم مىنىڭ ھەسرەت بىلەن ئۆتەرمۇ ،
ئەلگە خىزمەت قىلاي دىگەن ئوغۇلدۇم .
3.
يوق ئىدىم بىر كىچىدە بار قىلدى مىنى ،
بار قىلدىيۇ ، جاپاغا دۇچار قىلدى مىنى .
يەتمەسمىدى شۇ ،پەرزەنىت تاپقىنىم نىمە،
ساراڭلىقىم تولا گۇناھكار قىلدى مىنى
4.
مىنىڭ مەن بولمىقىم ئۆز مەيلىم ئەمەس ،
يا ئورۇق -سىمىزلىك تۈپەيلىم ئەمەس .
ئۆز يۇرتتا غېرىپ ، ئۆز يۇرتتا مۇساپىر ،
بولمىقىم ھەرگىز ئۆز پەيلىم ئەمەس .
5.
تىرىك دىسەم ،تىرىكلىكتىن مەنە يوق ،
ئۆلەي دىسەم ،ئۆلمىكىمگە باھانە يوق .
كۈندە خىيال ،كۈندە تەشۋىش،كۈندە غەم .
دەردىم ئېيتسام ،دەردكە دەرمانە دانا يوق .
6.
بۇ نىچۈك تۇرمۇشكى ،كىشى ئاندىن بىزار،
تەن بىزار جاندىن ،يەنە جانمۇ تەندىن بىزار.
كۆڭلۈم ئىستەر مەڭگۈلۈك خىلۋەت ماكان ،
ۋاھ ، ئەجەبكىم ،دىلمۇ بۇ جاندىن بىزار.!
13.
تۇغۇلغاندا تەڭ ئىدۇق تەڭرى ئالدىدا ،
تەڭ ئەمەس بىزلىكىن دەۋىر ئالدىدا .
كۆرەڭلەپ كەتمىگىن ئامەتلىرىڭدىن ،
تەڭ بولىمىز ئاخىر قەبرە ئالدىدا .
1972-يىلى 8-ئىيۇل
14.
زالىم زۇلمىلە ھەردەم لەنەتكە دۇچار،
ئىمىش يەر ئاستىدا ھەم ھالى ناچار .
يىلانغا رەھىم يوق تا ئەلمىساقتىن ،
ھەر كىم كۆرسە ئۇنى ،باشنى يانچار.
1972-يىلى 3-سىنتەبىر
ھوشىيارلىقتىن مەستىرەك يۈرگەن ياخشراق ،
زىرەكلىكتىن دۆتىرەك بولغان ياخسىراق .
كۆزۈڭ خىرە بولسا تېخىمۇ ياخشى ،
ئاغرىمىسۇن دىسەڭ دىل بىلەن قۇلاق .