ئوپېراتسىيە قىلىشتىن ئىلگىرى چارۋىلارغا يۈرەك كۈچەيتكۈچى ئوكۇللارنى ئۇرۇش ئارقىلىق، يۈرەكنىڭ بەرداشلىق بېرىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئوپېراتسىيىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا شارائىت ھازىرلىغىلى بولىدۇ.
1. ئاتروفىن سۇلفات (硫酸阿托品)ئوكۇلىنى ئوپېراتسىيىدىن 10 - 15 مىنۇت ئىلگىرى ئات، كالىغا 15mg ~ 30mg، قويغا 2mg ~ 4mg تېرە ئاستىغا ئۇرۇش كېرەك.
2. دېگىتالىس (洋地黄) ئوكۇلىنى ئوپېراتسىيىدىن 3 سائەت ئىلگىرى چارۋىلارنىڭ ھەر كىلوگرام تەن ئېغىرلىقىغا 0.006mg - 0.012mg دىن، 1 - قېتىمدا ئومۇمىي مىقدارىنىڭ 2/1 ىنى، ئۇنىڭدىن كېيىن ھەر 2 سائەتتە ئومۇمىي مىقدارىنىڭ 10/1 ىنى تاكى يۈرەك كۈچەيگەنگە قەدەر ۋىنادىن ئۇرۇش لازىم. بۇ دورىنى ئىشلەتكەندە كالتسىي پرۇپاتلىرى بىلەن كالىي تۇزلىرىنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك.
3. كامفورا (樟脑) ئوكۇلىنى ئوپېراتسىيىدىن 15 - 20 مىنۇت ئىلگىرى ئات، كالىغا 10ml ~ 20ml، قويغا 5ml ~ 10ml ۋىنادىن ياكى مۇسكۇلغا ئۇرۇش ياكى ناترىي كامفو سۇلفات ئوكۇلىنى ئات، كالىغا 1g - 2g، قويغا 0.2g - 1g مۇسكۇل، ۋىنا ياكى تېرە ئاستىغا ئۇرۇش كېرەك.
<ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ>