1. كۆكىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش
(1) نەملىكنى تىزگىنلەش: بۇ، يەمنىڭ سۇ تەركىبى ۋە يەم ساقلايدىغان مۇھىتنىڭ نىسپىي نەملىكىنى تىزگىنلەشنى كۆرسىتىدۇ. دانلىق زىرائەتلەرنى يىغىۋالغاندىن كېيىن، سۇ تەركىبىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىخەتەر دائىرىگە چۈشۈرۈش كېرەك. ئادەتتە، دانلىق زىرائەتلەرنىڭ بىخەتەر سۇ تەركىبى %13 تىن تۆۋەن بولىدۇ، مەسىلەن، كۆممىقوناقنىڭ %512تىن، يەر ياڭىقى مېغىزىنىڭ %8 تىن تۆۋەن بولۇپ، مۇشۇنداق شارائىتتا كۆكەرتكۈچى باكتېرىيەلەر ئاسان كۆپىيەلمەيدۇ. ھەر خىل يەملەرنىڭ بىخەتەر سۇ تەركىبى ئوخشاش بولمايدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەمنىڭ بىخەتەر سۇ تەركىبى بىلەن ساقلاش تېمپېراتۇرىسى ئۆز ئارا تەتۈر تاناسىپلىق مۇناسىۋەتتە بولىدۇ.
(2) تېمپېراتۇرىنى تىزگىنلەش: يەمنى12 سېلسىيە گرادۇستىن تۆۋەن شارائىتتا ساقلىسا، كۆكەرتكۈچى باكتېرىيەلەرنىڭ كۆپىيىشى ۋە زەھەر ھاسىل بولۇشنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىگىلى بولىدۇ.
(3) قۇرت ۋە چاشقان زىيىنىدىن ساقلاش: ئۈسكۈنە ۋە خىمىيەلىك ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئىسكىلاتتىكى قۇرت، چاشقان قاتارلىق زىيانداشلارنى يوقىتىش كېرەك، چۈنكى قۇرت چۈشكەن ۋە چاشقان چىشلەپ قويغان يەم ئاسان كۆكىرىپ قالىدۇ.
(4) كۆكىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش دورىلىرىنى ئىشلىتىش: پىششىقلانغان يەم ۋە تەڭشەلگەن يەملەر ئاسان پاختىلىشىپ قالىدۇ، شۇڭا پىششىقلاپ ئىشلىگەندە كۆكىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش دورىسى قوشۇش كېرەك. ئادەتتە، يەمنىڭ كۆكىرىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان دورىلاردىن ئورگانىك كىسلاتا ۋە تۇز تۈرىدىكىلەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە پىروپىئونىك كىسلاتا (بىڭسۈەن 冰酸) ۋە تۇزلار كۆپ ئىشلىتىلىدۇ.
2. زەھەرسىزلەندۈرۈش
(1) كۆكەرگەن دانچىلارنى يوقىتىش: زەھەر ئاساسلىق كۆكىرىپ سۈپىتى ئۆزگەرگەن يەم دانچىلىرىغا مەركەزلىشىدىغان بولغاچقا، يەمدىكى كۆكىرىپ قالغان دانچىلارنى چىقىرىۋېتىپ، ئاپتاپقا سېلىپ قۇرۇتۇپ ئاندىن ئىشلىتىش كېرەك.
(2) قىزىتىپ بىر تەرەپ قىلىش: كۈنجۈرە تۈرىدىكى يەملەرنى150 سېلسىيە گرادۇسلۇق مۇھىتتا يېرىم سائەت قاقلاش ياكى مىكرو دولقۇندا 8-9 مىنۇت قىزىتىش ئارقىلىق، %48 - %61 ئافلاتوكسىن خۇاڭچۈمېيدۇسۇ 黄曲霉毒素) B1 )ۋە %32 - %40 ئافلاتوكسىن C1 نى يوقاتقىلى بولىدۇ.
(3) سۇدا يۇيۇش: كۆكىرىپ قالغان يەمنى پاكىز سۇدا قايتا-قايتا يۇسا، تەركىبىدىكى سۇدا ئېرىشچان زەھەرنى چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ. مەسىلەن، كۆممىقوناق، كانىپۇرچاق قاتارلىق دانلىق زىرائەتلەرنى ئۇۋاقلاپ بولغاندىن كېيىن، پاكىز سۇدا ياكى %2 لىك ھاك سۈيىدە قايتا-قايتا بىر قانچە قېتىم يۇسا، يەمدىكى كۆكەرتكۈچى باكتېرىيەنىڭ زەھىرىنى يوقاتقىلى بولىدۇ.
(4) ئادسورپىسىيەلەش (سۈمۈرۈپ يېپىشتۇرۇش) ئۇسۇلى: گاۋلىڭ توپىسى، ئاكتىپلاشتۇرۇلغان كاربون قاتارلىق ئادسورپىسىيەلىگۈچى رېئاكتىۋلار كۆكەرتكۈچى باكتېرىيە زەھىرىنى سۈمۈرۈش رولىغا ئىگە بولۇپ، بۇنىڭدىن پايدىلانسىمۇ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
شىنجاڭ يېزا-ئىگىلىك ئۇچۇر تورىدىن ئېلىندى
<ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ>