مۇچ مايسىسىغا زىيان سالىدىغان كېسەللەردىن توساتتىن يېتىۋېلىش كېسىلى، تىك قۇرۇش كېسىلى، ۋىرۇسلۇق كېسەل، كۆيدۈرگە كېسىلى ۋە قوتۇر كېسىلى (باكتېرىيىلىك تېشىلىش كېسىلى) قاتارلىقلار بار. زىيانداش ھاشاراتلاردىن كۆكپىت، غوزا قۇرتى، تاماكا كۆك قۇرتى قاتارلىقلار بار.
1. كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىش
1) يەرنى ئاغدۇرۇشتىن ئىلگىرى ھەر مو يەرگە 70% لىك دېكسون (敌克松) ئەسلى پاراشوكىدىن0.3 2kg~5kg چېچىش كېرەك.
2) ھەر بىر كۋادرات مايسىزارلىققا 50% لىك باۋىستىن ئىمۇلسىيىسىنىڭ 1000 ھەسسىلىك ئېرىتمىسىنى تەكشى پۈركۈش كېرەك.
3) تېرىشتىن 2 - 3 ھەپتە ئىلگىرى ھەر كۋادرات مايسىزارلىققا 40ml فورمالىن (福尔马林)نى 3kg ~ 4kg سۇدا تەڭشەپ چېچىپ، 2 ھەپتىلەردىن كېيىن تۇپراقنى يۇمشىتىپ تېرىسا بولىدۇ.
4) مايسا مەزگىلىدە توساتتىن يېتىۋېلىش كېسىلى ۋە تىك قۇرۇش كېسىلى يېنىكرەك پەيدا بولسا، 70% لىك بوترىلېكس (硝荃五氯) دىن 5gنى 16kg ~ 17kg توپىغا ئارىلاشتۇرۇپ دورىلىق توپا تەييارلاپ، ۋاقتىدا مايسىنىڭ يىلتىز ۋە غولىغا چېچىش كېرەك.
2. كۆكپىتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىش
1) مايسا مەزگىلىدىن باشلاپ دورا بىلەن ئالدىنى ئېلىش كېرەك. بولۇپمۇ، كۆچۈرگەندىن كېيىن نۇقتىلىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
2) 40% لىك ئوكسىدلانغان روگورنىڭ 1000 ھەسسىلىك ئېرىتمىسىنى ياكى 50% لىك مالاتىئون (马硫磷) نىڭ 1000g ~ 1800g ھەسسىلىك ئېرىتمىسىنى 7 - 10 كۈندە بىر قېتىمدىن 2 نۆۋەت پۈركۈسە، ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
3. غوزا قۇرتى، تاماكا كۆك قۇرتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىش
1 -، 2 - ئەۋلاد لىچىنكىسى پەيدا بولۇش مەزگىلىدە 80% لىك دىپتېرېكس (敌虫) ئەسلى پاراشوكىنى 1000 ھەسسە سۇيۇلدۇرۇپ پۈركۈسە بولىدۇ.
<ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ>