• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • ئالما دەرىخى چىرىش كېسىلىنى يەرلىك ئۇسۇلدا يوقىتىش

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2013-09-09
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>
    <ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ>

     ئالما دەرىخى چىرىش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىشتا بالدۇر بايقاپ يوقىتىشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم. ئادەتتە 4 - ئايدىن 9 - ئايغىچە بۇ كېسەل ئېغىر يۈز بېرىدۇ، شۇنداقلا ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىل.wdYئاقيول تور بىكىتى

       1. گىل - چاچ ئارىلاشمىسىنى سۈرۈش گىل بىلەن چاچنى ئارىلاشتۇرۇپ يېپىشقاق ھالەتكە كەلتۈرگەندىن كېيىن، كېسەللەنگەن ئورۇنغا سۈرۈپ، ئاندىن سۇلياۋ بىلەن ئوراپ 10 كۈن ئەتراپىدا تۇرغۇزسا، كېسەل باكتېرىيىلىرى ھاۋادىن ئايرىلىپ ئۆلىدۇ. چاچ گىلنى يېپىشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ، سۇلياۋ گىلنىڭ نەملىكىنى ساقلاپ، چۈشۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.wdYئاقيول تور بىكىتى

       2. ئادەم سۈيدۈكى سۈرۈش بۇ ئۇسۇل ناھايىتى ئاددىي. ئاۋۋال كېسەل ئورۇننىڭ ئەتراپىنى ياغاچلانغان قىسمىغىچە ھالقىسىمان ئويىۋېتىپ، پىچاق بىلەن 0.5cm چوڭلۇقتا گىرەلەشمە تۆشۈك ئېچىپ، يېڭى سۈيدۈكنى تەكشى سۈرسە بولىدۇ.wdYئاقيول تور بىكىتى

       3. ئاچچىقسۇ سۈرۈش ئاچچىقسۇنى كۈچلۈك پۇرىقى چىققۇدەك ھەمدە يېرىمى قالغۇدەك قاينىتىپ، سوۋۇتۇپ، كېسەللەنگەن ئورۇننى پىچاق بىلەن ياغاچلانغان قىسمىغىچە پرىزما شەكلىدە قىرىۋەتكەندىن كېيىن (قىرىۋەتكەن قوۋزاقنى يىغىپ كۆيدۈرىۋېتىش كېرەك)، كىچىك چوتكا بىلەن كېسەل تەگكەن ئورۇندىن 2cm دىن ئوشۇق قىسىمغىچە سۈرسە بولىدۇ، 2 ھەپتىدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم تەكشى سۈرۈش لازىم.wdYئاقيول تور بىكىتى

       4. تۇز سۈرۈش كېسەللەنگەن ئورۇننى قىرىۋەتكەندىن كېيىن %10 لىك تۇزنى تەكشى سۈرۈپ، تەييارلانغان گىل لاينى ئۈستىگە چاپلاپ، سۇلياۋ بىلەن مەھكەم ئوراپ قويسا بولىدۇ.wdYئاقيول تور بىكىتى

       5. قاراماي سۈرۈش 15kg قاراماينى قاچىغا سېلىپ سۇس ئوتتا ئېرىتكەندىن كېيىن، چوتكا بىلەن كېسەللەنگەن جاينىڭ 3/1 قىسمىچىلىك جايىغا 3 قېتىم سۈركىسە بولىدۇ.wdYئاقيول تور بىكىتى

       6. كۆمۈر مېيى سۈرۈش كېسەللەنگەن ئورۇننى 3mm كەڭلىكتە ئۇزۇنىسىغا ياغاچلانغان قىسىمىغىچە تىلىپ، كۆمۈر مېيىنى سۈرسە بولىدۇ، 2 كۈندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم سۈرۈش لازىم. كۆمۈر مېيى قوۋزاقنى كۆيدۈرمەيدۇ، سېڭىشچانلىقى كۈچلۈك بولۇپ، ئۈنۈمى فۇمېيشېن (神美福) نىڭكىدىن ياخشى.wdYئاقيول تور بىكىتى

       7. كالا تېزىكى لېيى سۈرۈش ئوت - چۆپ ئارىلاشقان كالا تېزىكىدىن 10 ئۈلۈش، لايدىن 1 ئۈلۈشنى تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، كېسەللەنگەن جاينى قىرىۋەتكەندىن كېيىن سۈرسە بولىدۇ.wdYئاقيول تور بىكىتى

       8. سېرىق گلىتسېرىن سۈرۈش كېسەللەنگەن ئورۇننى قىرىۋەتكەندىن كېيىن، ھاندۇۋا بىلەن سېرىق گلىتسېرىننى تەكشى سۈركەپ، سۇلياۋ بىلەن ئوراپ، 1 يىل تۇرغۇزغاندىن كېيىن يېشىۋەتسە بولىدۇ.wdYئاقيول تور بىكىتى

       9. قويۇق شۇلتا سۈيى سۈرۈش شۇلتىنى ئۆي تېمپېراتۇرىسىدا سۇدا ئېرىتىپ تويۇندۇرۇلغان شۇلتا سۈيى، كېسەللەنگەن ئورۇننى قىرىۋېتىپ، 2 كۈندە بىر قېتىمدىن، ئۇدا 3 قېتىم سۈركىسە بولىدۇ.wdYئاقيول تور بىكىتى

       10. سامساق سۈرۈش ئاۋۋال كېسەللەنگەن ئورۇننى قىرىۋەتكەندىن كېيىن، سامساق چىشىنى بىۋاسىتە قىرىۋەتكەن ئورۇنغا سۈيى ئېقىپ چىققۇدەك سۈركىسە بولىدۇ، 1 ھەپتىدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم سۈركەش لازىم. بۇ ئۇسۇل زەھەرسىز، ئەكس تەسىرى يوق، كېسەللەنگەن ئورۇننىڭ ئەسلىگە كېلىشى %97 تىن ئاشىدۇ، كېسەلنىڭ قايتا پەيدا بولۇشى %0.5 تىن تۆۋەن .wdYئاقيول تور بىكىتى

    <ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ> ئادىرسىمىز