كۆكتاتنى قانچە بالدۇر بازارغا سالسا، باھاسىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. بەزى دېھقانلار ۋاقىت ئۇتۇش ئۈچۈن، بالدۇر مايسا تەييارلايدۇ، ئاندىن مايسا تازا چوڭايغاندا (9 - 10 يوپۇرماق بولغاندا) كۆچۈرىدۇ. چوڭىيىپ كەتكەن مايسىنى كۆچۈرسە، گەرچە تۇنجى قېتىملىق مېۋىسى بالدۇر بازارغا كىرسىمۇ، ئەمما تۈپ تىمەن ئۆسەلمەي كېيىنكى مەھسۇلاتى تۆۋەنلەپ كېتىپ، پايدىسىدىن زىيىنى ئېغىر بولىدۇ.
1. چوڭىيىپ كەتكەن مايسىنى كۆچۈرسە، كۆكتاتنىڭ ئوتتۇرا، ئاخىرقى مەزگىلىدىكى چېچەك بىخلىرىنىڭ بۆلۈنۈشىگە تەسىر يېتىدۇ. كۆپ قىسىم كۆكتاتلارنىڭ چېچەك بىخلىرى 2 - 3 تال ھەقىقىي يوپۇرماق چىققاندا بۆلۈنۈشكە باشلايدۇ، شاخلىنىش مەزگىلى (6 - 7 ھەقىقىي يوپۇرماق چىقارغان مەزگىلى) گە كەلگەندە چېچەك بىخلىرىنىڭ بۆلۈنۈشى توختايدۇ. بۇ دەل كۆكتاتنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى، سۈپىتىنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر مۇشۇ مەزگىلدە كۆچۈرمىسە مايسا 25cm ~ 30cm غا يېتىپ، مايسىلار قىستىلىپ، كۈن نۇرى ياخشى چۈشمەي، فوتوسىنتېز رولىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئاسانلا تۈپنىڭ بويىغا ئۆسۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنداقلا، ئوتتۇرا، ئاخىرقى مەزگىلىدىكى چېچەك بىخلىرىنىڭ بۆلۈنۈشىگە تەسىر يېتىپ، ئوتتۇرا، ئاخىرقى مەزگىلىدىكى مەھسۇلاتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.
2. چوڭىيىپ كەتكەن مايسىنىڭ تۇتۇشى ئاستا، يىلتىز قىسمىدا كېسەل زىيىنى ئېغىر بولىدۇ. چوڭىيىپ كەتكەن مايسىنى كۆچۈرسە، فوتوسىنتېز رولى تۆۋەنلەپ، فوتوسىنتېز مەھسۇلاتى ئازىيىدۇ، يىلتىز سىستېمىسى يېتەرلىك ئوزۇقلۇققا ئېرىشەلمەي، ئۆسۈپ يېتىلىشى زور دەرىجىدە ئاستىلايدۇ. يىلتىز سىستېمىسىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى بەك ئاستا بولسا، تۇپراقتىن قوبۇل قىلىدىغان سۇ ۋە ئوزۇقلۇق ئازىيىپ، غول، يوپۇرماق، چېچەك قاتارلىقلارغا ئوزۇقلۇق يېتىشمەي، تۇتۇش ۋاقتى ئۇزىراپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يىلتىز سىستېمىسى ئاجىز، كېسەلگە تاقابىلچانلىقى تۆۋەن بولۇپ، بىر قىسىم كېسەللەر بىلەن يۇقۇملىنىپ، كۆكتات ئاسان قۇرۇپ قالىدۇ. ئەگەر 4 - 6 ھەقىقىي يوپۇرماق چىقارغاندا كۆچۈرسە، تۇپراققا ئاسان ماسلىشىپ، تېز يىلتىز تارتىدۇ. شۇڭا، مايسىنى بەك چوڭىيىپ كېتىشتىن بۇرۇن كۆچۈرۈش لازىم.
<ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ>