• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • قوي راخت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، داۋالاش

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2013-09-09
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>
    <ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ>

    راخت كېسىلى قوزا ئورگانىزىمىدا كالتسىي ، فوسفورنىڭ مىتابولىزمى توسقۇنلۇق ئۇچراشتىن كېلىپ چىقىدىغان سۆڭەك توقۇلمىلىرىنىڭ يېتىلىشى ياخشى بولماسلىق كېسىلى بولۇپ ، ۋىتامىن Dكەمچىل بولۇش بۇ كېسەلنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى مۇھىم ئامىل .lM7ئاقيول تور بىكىتى

        كېسەل سەۋەبى بۇ كېسەل ئاساسلىقى يەم -خەشەكتە ۋىتامىن Dكەمچىل بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، بىۋاستە كالتسىي ، فوسفورنىڭ سۈمۈرۈلىشىگە ۋە قاندىكى كالتسي ، فوسفورنىڭ تەڭپۇقلىقىغا تەسىر يەتكۈزگەنلىكتىن پەيدا بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ، يەنە گەرچە ۋىتامىن Dقوزىنىڭ ئېھتىياجىنى قامدىيالىسىمۇ ، لېكىن ساغلىقنىڭ سۈتى ۋە يەم -خەشىكىدە كالتسىي ، فوسفورنىڭ نىسبىتى مۇۋاپىق بولماسلىق قاتارلىق كۆپ خىل سەۋەبلەردىن ئوزۇقلۇق يىتىشمەي قالسىمۇ ، بۇ كېسەل پەيدا بولىدۇ .lM7ئاقيول تور بىكىتى

       كېسەل ئالامىتى كېسەل يېنىكرەك بولسا، قوزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئاستىلاپ ، غەيرىي نەرسىلەرنى يەيدىغان بولۇپ قالىدۇ ؛ ھالسىزلىنىپ، يېتىۋالىدۇ ،ئورنىدىن تۇرۇشى قىيىنلىشىپ ، ئاقسايدۇ ، دەلدەڭشىيدۇ ، بۇغۇنم قىشمىنى تۇتسا ئاغرىقسىنىدۇ . كېسەل ئۇزىراپ كەتسە ، پۇت بوغۇملىرى ئىششىپ ، سۆڭىكى ئەگرىلىشىپ ، پۇتلىرى سىرتقا كېرىلىپ قالىدۇ. ئاخىرقى مەزگىلگە كەلگەندە قوزا تىزى بىلەن ئۆمىلەپ ماڭىدىغان بولۇپ قالىدۇ ، تىنىنىڭ كەين قىسمىنى كۆتۈرەلمەيدۇ ؛ تېخىمۇ ئېغىرلاشقاندا يېتىپ قالىدۇ، نەپسى ۋە يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىدۇ .lM7ئاقيول تور بىكىتى

       ئالدىنى ئېلىش 1)بوغاز ساغلىق ۋە قوزىلىق ساغلىقنى بېقىش ، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ ، يەم -خەشىكىدىكى ئاقسىل ، ۋىتامىن Dۋە كالتسىي ، فوسفورنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، كالتسىي بىلەن فوسفورنىڭ نىسبىتى مۇۋاپىق بولۇشقا دىققەت قىلىش ھەمدە يېتەرلىك يېشىل يەم -خەشەك ۋە قۇرۇق ئوت-چۆپ بېرىش ، مۇۋاپىق ھەركەتلەندۈرۈش ، ئاپتاپسىزلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك . 2)قوزىنى تۈجۈبىلەپ بېقىش شارائىت بولسا بېدە ، سەۋزە قاتارلىق شىرنىلىك ، يېشىل يەم -خەشەكلەرنى كۆپرەك بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، مۇۋاپىق مىقداردا ئاش تۇزى ۋە تۈرلۈك مىكرو مىقدارلىق ئېلېمېنتلارنى تولۇقلاش كېرەك .lM7ئاقيول تور بىكىتى

        داۋالاش ۋىتامىن A،ۋىتامىن Dئوكۇلىدىن 3مىللىينى مۇسكۇلغا ئۇرۇش كېرەك ؛بېلىق مېيىدىن 3مىللىينى ئاغزىغا تېمىتىش ياكى مۇسكۇلغا ئۇرۇش كېرەك .يەنە %10لىك كالتسىي گىلوكونات ئوكۇل سۇيۇقلۇقىدىن 5مىللىيدىن -10مىللىينى ئۇرۇش كېرەك .lM7ئاقيول تور بىكىتى

    <ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ> ئادىرسىمىز