1. بۇرۇن، كۆز، ئېغىزىغا ۋاكسىنا تېمىتىشنىڭ ئالدى - كەينىدىكى 24 سائەت ئىچىدە پۈركۈپ دېزىنفېكسىيىلەشكە ۋە ئىچىملىك سۈيىنى دېزىنفېكسىيىلەشكە بولمايدۇ؛ ئىچىملىك سۈيىگە ئەڭ ياخشىسى باكتېرىيىسىز دىستىللەنگەن سۇ ئىشلىتىش كېرەك. ۋاكسىنا ئەملەشنىڭ ئالدىدىكى 2 - 3 سائەت ئىچىدە سۇ بېرىشكە بولمايدۇ. ئەگەر تۇرۇبا سۈيى بېرىشكە توغرا كەلسە، 2 سائەت تىندۇرۇپ، ھەر 10L سۇغا 50g قايمىقى ئايرىۋېلىنغان سۈت پاراشوكى قوشۇپ بېرىش كېرەك. ۋاكسىنا قوشۇلغان سۇنى 1 سائەت ئىچىدە توخۇلارغا ئىچۈرۈپ بولۇش لازىم؛ تۆمۈر قاچا ئىشلەتمەي، سۇلياۋ ياكى چاقچۇق قاچا ئىشلىتىش كېرەك.
2. قانات ئاستىغا توخۇ چېچىكى ۋاكسىنىسى ئەملىگەندە، ۋېنا تومۇرغا يېقىن بولۇپ قالماسلىقى ھەمدە 6 - 7 كۈنگىچە كۆزىتىپ ئازراق قىزىلىش ئىششىق بار - يوقلۇقىغا قاراش كېرەك. ئەگەر ئىششىق بولسا، ئىممۇنلاش ئوڭۇشلۇق بولغانلىقىنى، ئىششىق بولمىسا، ئىممۇنلاش ئۈنۈمسىز بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
3. ياغسىمان ئېمۇلسىيىلىك ئاكتىپسىزلاشتۇرۇلغان ۋاكسىنىنى ئۆي قۇشلىرىنىڭ بويۇن تېرىسى ئاستىغا ئەملەش كېرەك. سول قول بىلەن بويۇننى تۇتۇپ، ئۈستىدىن ھېسابلىغاندا ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىكى ئورۇنغا يىڭنىنى ئۈستىدىن ئاستىغا قارىتىپ ئۇدۇل سانجىسا بولىدۇ. ۋاكسىنىنى ئەملەپ بولغاندىن كېيىن يىڭنە ئورنىنى بېسىپ، ۋاكسىنىنىڭ سىرتقا ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
4. ئىممۇنلاش مەزگىلىدە ئۆي قۇشلىرىدا باشقا تەسىرلەر پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئىممۇنلاش ئالدىدىكى 2 كۈندە ئۆي قۇشلىرىغا ئېلېكترولىزلىق كۆپ خىل ۋىتامىن ۋە باشقا سىرتقى تەسىرگە تاقابىلچان دورىلارنى بېرىش كېرەك. تۇمشۇقىنى كېسىشنىڭ ئالدىدا ۋىتامىن K ۋە ۋىتامىن C نى يېگۈزۈش كېرەك.
5. ۋاقتى ئۆتكەن، سۈپىتى ئۆزگەرگەن، ماركىسى يوق ۋاكسىنىلارنى قەتئىي ئىشلەتمەسلىك كېرەك.
<ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ>