• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • ھەر بىر كۈن تەڭرنىڭ ئىلتىپاتى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 2014-03-31
    ئاپتورى : مىھمان*
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>
    ھەر بىر كۈن تەڭرنىڭ ئىلتىپاتى ھەرقانداق نەرسىنى ھەرگىزمۇ مۇۋاپىق پەيتكە ئاتاپ ساقلىماڭ،سزنىڭ ھاياتلىقتىكى ھەر بىر كۈنىڭىز بىر پۇرسەت، قانداق بولۇشىدىن قەتئينەزەر تۇرمۇش دېگەن سەۋىر-تاقەت قىلىش ئەمەس، بەلكى بىر خىل ھوزۇر ئېلىش جەريانىدۇر. سىڭلىمنىڭ يولدىشى ئۇنىڭ ئۈستىلىنىڭ ئەڭ ئاستىدىكى تارتمىسىنى ئېچىپ، قەغەزگە ئورالغان كىچىك بولاقچىدىن بىرنى ئالدى-دە :«بۇ بىر قەغەز پارچىسى ئەمەس،بەلكى بىر قىزلار ئىچ كىيمى»دېدى.ئۇ قەغەز بولاقلارنى ئېلىپ تاشلىۋىتىپ،ئۇنى ماڭا سۇندى.بۇ بىر قول بىلەن تىكىلگەن،نەپىس يىپەك بويۇمى بولۇپ،ئۆمۈچۈك تورىدەك گۈللۈك نەقىشلەنگەن ئىدى.كىيم ئۈستىگە ئادەمنى ھەيران قالدۇرغىدەك باھا قادالغانتى. بۇنى ئۇنىڭ بىلەن تۇنجى قېتىم نيۇيورىكقا بارغاندا سېتىۋالغان،كەم دېگەندىمۇ سەككىز-توققۇز يىل بولدى، ئۇ ئەسلا كىيىپ باقمىغان،ئىزچىل ئالاھىدە بىر سورۇننى ساقلىغان. مېنڭچە ھازىر ۋاقتى كەلدى دېدى-دە قولۇمدىكى ئىچ كىيمنى ئېلىپ باشقا كىيملەر بىلەن كارۋاتقا يېيېپ ئۇنى مېيىتنى ئۇزۇتۇش زالىغا ئاپىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ئىچ كىيىملەرنى سىلاپ قويغاندىن كىيىن تارتمىنى گۈپپىدە ياپتى-دە بۇرۇلۇپلا ماڭا: «ئادەم ھەر قانداق نەرسىنى ئالاھىدە بىر كۈنگە ئاتاپ ساقلىماسلىق كېرەككەن، چۈنكى ئادەمنىڭ ھاياتلىقتىكى ھەر بىر كۈنى بىر پۇرسەتكەن» دېدى. بۇ گەپلەر قەلبىمنىڭ چوڭقۇر يېرىدىن ئورۇن ئالدى. مەن جىيەن قىزىم ـــ ئاتا-بالىنىڭ كۈتۈلمىگەن ھادسىدە قازا قىلغان سىڭلىمنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى ياردەملەشتىم. سىڭلىم ئولتۇرغان ئوتتۇرا قىسمدىكى كىچىك بازاردىن كالفورنىيگە بارىدىغان ئايروپىلانغا چققاندىمۇ ، ئۇنىڭ ھېلىقى گەپلىرىنى ئەسلىدىم.مەن ئۇ ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان،ئاڭلاپ باقمىغان،قىلىپمۇ باقمىغان ئىشلارنى، شۇنداقلا،ئۇنىڭ كەچۈرمىشىگە ئايلانغان بولسىمۇ، تېخى ئۇ ھېس قىلىپ يەتمىگەن ئاجايىپ ئىشلارنىمۇ ئويلىدىم. ھازىرمۇ ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاۋۋالقىدەكلا ئويلايمەن،ئۇ گەپلەر مېنىڭ تۇرمۇشۇمنىمۇ ئۆزگەرتىۋەتتى.مەن نۇرغۇنلىغان نەرسىلەرنى ئوقۇدۇم،مەن تېخىمۇ كۆپ ۋاقتىمنى ئائىلدىكىلەرگە ۋە دوستلىرىمغا ھەمرا بولۇش بىلەن ئۆتكۈزىدىغان،تېتېقسىز يىغىنلارغا قاتناشمايدىغان بولدۇم. قايسى ۋاقىت بولشىدىن قەتئىنەزەر تۇرمۇش دىگەن ھوزۇر ئېلىش جەريانى بولۇشى،ھەرگىزمۇ سەۋىر-تاقەت قىلىش بولماسلىقى كېرەك. مەن كۆز ئالدىمدىكى ھەر بىر پەيتنى قەدىرلەشنى تونۇپ يەتتىم. مەن ھېچقانداق نەرسىنى ئەتىۋارلاپ ساقلىماي ،ھەر بىر ئىشلىرىمنى مەسلەن:بىر قاداق ئورۇقلىغان، توسلۇپ قالغان ئەۋرەز يولىنى راۋانلاشتۇرغان ، چاي گۈلى ئېچىلغان ...چاغلاردىكى كۈنلىرىمنى ئۆز ۋاقتىدا ئېسىل فار-فۇر بويۇمى ۋە ياكى خرۇستال بويۇمى بىلەن تەبرىكلەپ ئۆتكۈزىدىغان بولدۇم،مەن ياقتۇرساملا چىرايلىق كىيىملەرنى كىيىپ بازار ئايلاندىم. نەزىرىمدە يېقشلىقلا بولسا ئىككلەنمەستىن 28-29 دوللارغا چەرچىن مال ئالدىغان بولدۇم،قممەتلىك ئەتىرلەرنى ئالاھىدە يىغلىشلاغا ئاتاپ ساقلىمىدىم،دۇكان خىزمەتچىسى بىلەن بانكا كاسسىرىنىڭ بۇرنىنىڭمۇ ئۇسۇلچى دوستۇمنىڭكى بىلەن ئوخشاشلىقىنى ھېس قىلدىم. «ھامان بىر كۈنى» ۋە « مەلۇم بىر كۈنى» دېگەنلەر مەن ئۈچۈن بەرىبىر، ئەگەر مەلۇم بىر ئىش مەن ئۈچۈن كۆرۈشكە،ئاڭلاشقا،قىلشقا ئەرزىسىلا شۇئان ئەمەلگە ئاشۇرىمەن.مەن ئەگەر سىڭلىم نەزىرىمىزدە چوقۇم كېلدۇ دەپ قارىغان ئەتىنىڭ ئۆزىگە نىسىپ بولمايدىغانلىقىنى بىلگەن بولسا،ئۇنىڭ نىمە قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. مېنىڭچە ئۇ ئائىلسدىكىلەرگە ۋە دوستلىرىغا تېلېفۇن ئۇرغان بولاتتى،بۇرۇنقى دوستلىرىغا تېلېفۇن قىلىپ يۈز بەرگەن تالاش-تارتىشلاردىن كەچۈرۈم سورىغان،مۇناسىۋەتنى ياخشىلىغان بولاتتى. ھەم سرتلارغا چىقىپ ئۆزى ياخشى كۆرگەن يىمەكلىكلەرنى يىگەن بولاتتى. بۇ مېنىڭ ئويۇملا خالاس، شۇنداق بولامتى-يوق؟ بۇنىسى نامەلۇم. ئەگەر ۋاقىتنىڭ قىسلىقىدىن ئىشلىرىمنى قىلىپ بولالمىسام ئاچچقلانغان ،ئىلاجسزلىقتىن دوستۇمنى يوقلاشنىمۇ « مەلۇم بىر كۈنى» گە كىچكتۈرگىنىمدىن قاينىغان، «ھامان بىر كۈنى»يازىمەن دىگەن سۆز جۈملىلەرنى يازالماي ئاچچىقلانغان، يولدىشم ۋە قىزىمنى شۇنداق ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى دېيەلمەي پۇشايمان قىلغان ۋە ئەپسۇسلانغان بولاتتىم. مەن كېچىكتۈرۈشتىن، دەخلى قىلىشتىن ساقلىنىپ، تۇرمۇشىمىزنى شادلىق ۋە رەڭدارلققا ئىگە قىلالايدىغان نەرسىلەرنى ئامالنىڭ بارىچە ساقلاپ قالسام دەيمەن. ھەر كۈنى ئەتىگەن كۆزۈمنى ئىچىپ ئۆز-ئۆزۈمگە :«بۇ ئالاھىدە بىر كۈن» دەيمەن.ھەر بىر كۈن،ھەر بىر مىنۇت،ھەر بىر تىنىق…لارنىڭ ھەممىسى تەڭرنىڭ بىزگە قىلغان ئىلتىپاتى. «پەلسەپىۋىلىككە باي نادىر ئەسەرلەر» (最富哲理的美文) ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى. تەرجىمە قىلغۇچى: ئامىر ياسىن (يېڭىسار ناھىيە چولپان يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى) ئالاقلىشىش تېلېفون نۇمۇرى: 15894009050 ئادىرسىمىز