• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • تەدبىرىڭ قانداق بولسا تەقدىرىڭ شۇ

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2014-03-16
    ئاپتورى : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

        بىرەيلەن بىر خالتا پىياز ئوغۇرلاپ قويغاچقا قازى ئالدىغا ئېلىپ بېرىلىپتۇ .d4pئاقيول تور بىكىتى

       قازى جازالاشنىڭ ئۈچ خىل ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ، ئۇ كىشىنىڭ خالىغان بىرىنى تاللىۋېلىشىنى بۇيرۇپتۇ .d4pئاقيول تور بىكىتى

       بىرىنچى ، نەق مەيداندا بىر خالتا پىياز يېيىش ؛ ئىككىنچى ، يۈز قامچا يېيىش ؛ ئۈچۈنچى جەرىمانە تۆلەش .d4pئاقيول تور بىكىتى

       پىياز ئوغرىسى بىر خالتا پىياز يېيىشنى ئاسان چاغلاپ ، بىرىنچى جازالاش ئۇسۇلىنى تاللاپتۇ . ئەمما بىر نەچچە تال پىيازنى يەپلا ئۇنىڭ ئېغىزلىرى كۆيۈپ ، كۆزلىرى ئېچىشىپ ، بۇرنىدىن سۇ ئېقىشقا باشلاپتۇ .d4pئاقيول تور بىكىتى

      -ئەمدى بىر تال پىيازنىمۇ يېيەلمىگۈدەكمەن ، بولدى مېنى 100 قامچا ئۇرۇڭلار، -دەپتۇ .d4pئاقيول تور بىكىتى

        بىراق ئون نەچچە قامچا بەدىنىگە تېگىشى بىلەن ، ئۇ چىدىيالمايلا قاپتۇ ۋە قامچىدىن قېچىپ يەردە دۇمىلاشقا باشلاپتۇ ۋە يىغلاپ تۇرۇپ :d4pئاقيول تور بىكىتى

       -بولدى ، ئەمدى ئۇرماڭلار ، مەن جەرىمانە تۆلەشكە رازى ، -دەپتۇ .d4pئاقيول تور بىكىتى

        ئۇ ئەسلىدە بىرلا جازانى قوبۇل قىلسا بولاتتى ، ئەمما ئۈچ خىل جازانىڭ ھەممىسىنى تېتىپ چىققاچقا ئۇنىڭ بۇ ئىشى پۈتۈن شەھەرگە پۇر كېتىپ ، كىشىلەرنىڭ كۈلكە دەستىكى بولۇپ قاپتۇ .d4pئاقيول تور بىكىتى

       ئەمەلىيەتتە تۇرمۇشتا بىزمۇ ئۆز ئىقتىدارىمىزنى دەڭسەپ بولالماي ، پىياز ئوغرىسىغا ئوخشاش ئىشلارنى سادىر قىلىپ، ئورۇنسىز جاپا تارتىۋالىمىز .d4pئاقيول تور بىكىتى

    خالىدە ئوسمان تەرجىمىسىd4pئاقيول تور بىكىتى

    ئادىرسىمىز