• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • مەن دادامغا ھەمراھ بولۇپ ئايرۇپىلانغا ئولتۇردۇم

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2014-03-16
    ئاپتورى : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    لى شاۋ1rhئاقيول تور بىكىتى

    مۇھەممەد تۇراپ تەرجىمىسى1rhئاقيول تور بىكىتى


    1rhئاقيول تور بىكىتى

       ئون يىلنىڭ ئالدىدا يۇرتىمىزنىڭ تاغ چوققىسىدا بىر ئايرۇدۇروم ياسالدى. ئاشۇ يىلى دادام 66 ياشتا ئىدى.1rhئاقيول تور بىكىتى

       ئايرۇدۇرۇمدا ئۇچۇش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئايرۇپىلانلار يۇرتىمىزنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدىن يەرگە قونۇشقا باشلىغاندا چىقارغان گۆكۈرىگەن ئاۋازلار كىشىلەرگە ئايرۇپىلان گويا ئۆگزىلەردىن سىيپاپ ئۆتۈۋاتقاندەك تۇيغۇ بەرگەنلىكتىن، يۇرتداشلار ئەنسىزلىك ھېس قىلىشقا باشلىدى ئىدى.1rhئاقيول تور بىكىتى

       يۇرتىمىزدىكى جاۋ چوڭام كېچىسى ھەمىشە دەككە-دۈككىدە ئۇخلايتتى، ئۇ ئايرۇپىلانلارنىڭ ئېھتىياتسىزلىقتىن ئۆگزىگە چۈشۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپلا يۈرەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايرۇپىلانغا ئولتۇرۇپ كۆرۈپ بېقىش ۋە گۇاڭجۇغا بېرىپ، ئاشۇ يەردە خىزمەت قىلىۋاتقان ئوغلىنى يوقلاپ كېلىش ئۈچۈن سەپەرگە ئاتلاندى.1rhئاقيول تور بىكىتى

       جاۋ چوڭام قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئالاھىتەن دادامنى ئىزدەپ كېلىپ، ماختانغان تەلەپپۇزدا مۇنداق دېدى:1rhئاقيول تور بىكىتى

       ــ لاۋلى، ئايرۇپىلان ھەقىقەتەن بەك ياخشى ئىكەن، ھەم تېز ئۇچىدىكەن، ھەم ئازادە ئىكەن.1rhئاقيول تور بىكىتى

       دادام ئۇنىڭدىن:1rhئاقيول تور بىكىتى

       ــ ئايرۇپىلان سىلىقمىكەن، ـــ دەپ سورىدى.1rhئاقيول تور بىكىتى

       جاۋ چوڭام قاقاھلاپ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى:1rhئاقيول تور بىكىتى

       ــ لاۋلى سىز نېمىدېگەن دۆت، ئايرۇپىلانغا ئولتۇرسىڭىز خۇددى ئۆيىڭىزدىكى دىۋاندا ئولتۇرغاندەك شۇنداق سىلىق ھېس قىلىسىز.1rhئاقيول تور بىكىتى

       بىر قېتىم ئۆيگە قايتقىنىمدا ئاپام مېنى تام تۈۋىگە تارتىپ تۇرۇپ پەس ئاۋازدا مۇنداق دېدى:1rhئاقيول تور بىكىتى

       ـــ داداڭ دائىم ئايرۇدۇرۇمغا ئايرۇپىلانلارنى كۆرگىلى بېرىپ، خۇددى كىچىك بالىدەك خۇش بولۇپ كېتىدۇ.1rhئاقيول تور بىكىتى

       ئاپامنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈمدە خىجىل بولدۇم، مەن نېمىشقا دادامنى ئايرۇپىلانغا ئولتۇرغۇزۇشنى ئويلىمىغاندىمەن؟ مەن شەھەردە تىجارەت قىلىدىغان بىر دوستۇمنىڭ پۇل تاپقاندا چوقۇم دادامنى ئېلىپ ھەر قايسى جايلارنى ساياھەت قىلدۇرىمەن، دەپ ئاغزىدىن چۈشۈرمەي دەيدىغان سۆزى ئېسىمگە كەچتى. دوستۇمنىڭ ئانىسى بالدۇرلا ئالەمدىن ئۆتكەنلىكتىن، ئۆزى مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر دادىسىغا بالىلىق مېھرىنى يەتكۈزۈشنى ئويلايتتى. شۇنداق قىلىپ دوستۇم دادىسىغا جۇڭگو خەرىتىسىنى ئېلىپ بېرىپتۇ، بەزىدە ئۆيگە قايتقاندا، ئۇ قېرىنداش بىلەن دادىسىغا بۇنىڭدىن كېيىن بارماقچى بولغان يەرلەرگە چەمبەر سىزىپ بېرىپ، خەرىتە مىجىر-مىجىر بولۇپ كەتكەن ئىكەن.1rhئاقيول تور بىكىتى

       تۇيۇقسىز بىر كۈنى ئۇ قوشنىسىنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلىپ ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە دادىسىنىڭ مۇزدەك سوۋۇپ كەتكەن تېنىنى كۆرۈپتۇ. ئەسلىدە دادىسىنىڭ مېڭىگە قان قويۇلۇش كېسىلى قوزغىلىپ قالغانلىقتىن، دادىسى ئۇنى تاشلاپ كەتكەن بولۇپ، دادىسىنىڭ يېنىغا دادىسىنىڭ قولىدىن سىيرىلىپ چۈشۈپ كەتكەن خەرىتە قويۇلغان ئىدى. دوستۇم دادىسىنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلىغىنىچە: ‹‹ئۇ ماڭا يۈك-تاق قېنى، قاچانغىچە ساقلايمىز دەيتتى››، دېدى.1rhئاقيول تور بىكىتى

       دادامنىڭ 80 ياشقا كىرىش ھارپىسىدا مەن ئىدارىدىن رۇخسەت سوراپ دادامنى ئايرۇپىلانغا ئولتۇرغۇزۇپ بېيجىڭغا ئاپارماقچى بولدۇم. دادام تيەنئەنمېنگە بېرىپ دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىنى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىراق مەن ئايرۇدورومنىڭ بېلەت سېتىش ئورنىغا بارماي تۇرۇپلا دادام تېلېفۇن بېرىپتۇ، ئۇ تېلېفۇندا: ‹‹بارمايمەن، بارمايمەن، ئۆيدە بېقىۋاتقان توخۇلارغا ۋابا كېسىلى يۇقۇشتىن ئەنسىرەيمەن، ھازىر تۇرمۇشۇم يامان ئەمەس››، دېدى. مەن تېلېفوندا شۇنچە نەسىھەت قىلغان بولساممۇ، بىراق دادام قارارىنى ئۆزگەرتكىلى ئۇنىمىدى. ‹‹ئاپام بولغان بولسا قانچە خۇشال بولۇپ كەتكەن بولاتتى-ھە، سىزنىڭ باققىنىڭىز پەقەت بىر قانچە توخۇغۇ شۇ، بوغۇزلىۋەتسە بولمىدىمۇ››، دېدىم. بىراق دادامنىڭ مىجەزى خۇددى سۆرىگىلى بولمايدىغان بىر ئۆكۈزگە ئوخشاپ قالغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن دادام ئۇ قېتىم بارماي يۇرتىمىزدىكى ئۆيىمىزنىڭ ئۆگزىسىدىن گۈركىرەپ ئۇچۇپ كېتىۋاتقان ئايرۇپىلانلارغا قاراپ قالدى.1rhئاقيول تور بىكىتى

       كېيىن، دادامنىڭ توي قىلغىنىغا 45 يىل بولغاندا، مەن ئۇلارنى ئايرۇپىلانغا ئولتۇرغۇزۇپ بېيجىڭغا ئاپىرىشقا تەييارلىق قىلغان بولساممۇ، بىراق سىڭلىمنىڭ بالىلىرىنىڭ يۇقىرىلاپ ئوقۇش ئىمتىھانىغا توغرا كېلىپ قېلىپ، دادام بېرىشتىن باش تارتتى. ئۇ قولىنى پۇلاڭلىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: ‹‹پۇرسەت چىقىدۇ، پۇرسەت چىقىدۇ.›› مەن ئۆيگە قايتىپ دادامنىڭ تاش ئۈستىدە ئولتۇرۇپ، كۆزىنى قىسىپ تۇرۇپ تاغ باغرىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئايرۇپىلانلارغا قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم.1rhئاقيول تور بىكىتى

       بۇ يىل ئەتىيازدا مەن بېيجىڭغا بېرىپ قەلەمكەشلەر يىغىنىغا قاتنىشىدىغان بولدۇم، يىغىن ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ ئايرۇپىلاننىڭ بېرىش-كېلىش بېلىتىنى ئاتچوت قىلپ بېرىدىغان بوپتۇ. مەن ئايالىم بىلەن دادامغا ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلىدىم. ئايالىم دادامنى گوللاپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: ‹‹دادا ئايرۇپىلان بېلىتىنىڭ باھاسى ئۆسۈپ كېتىدۇ دەيدۇ، سىز يەنە بارمامسىز؟ بېلەت باھاسى ئۆسكەندىن كېيىن بارامسىز؟››. دادام ئاخىرى: ‹‹مەن باراي، مەن بۇ قېتىم باراي››، دەپ باش لىڭشىتتى.1rhئاقيول تور بىكىتى

       بىر نەۋرە ئىنىم دادام بىلەن ئىككىمىزنى ئاپتوموبىلىدا ئايرۇپورتقا ئاپىرىپ قويدى. بىخەتەرلىكنى تەكشۈرىدىغاندا دادام توساتتىن بىزنىڭ ئالدىمىزدىلا ئاپامنى چىڭ قۇچاقلاپ كەتتى. ئاپام سەل ئىزا تارتقان بولسىمۇ، بىراق نەۋرە ئىنىم بىر چەتتە تۇرۇپ: ‹‹چوڭ دادا سىز بۇنى قايسى تېلىۋىزىيە تىياتىرىدىن ئۆگنىۋالدىڭىز؟›› دەپ چاقچاق قىلدى. دادام باش چايقىغىنىچە: ‹‹ئايرۇپىلانغا ئولتۇرىمەن ئەمەسمۇ، مۇشۇنداق قىلىشقا تېگىشلىك›› دېدى.1rhئاقيول تور بىكىتى

       ئايرۇپىلاندا مەن دادامنىڭ بىخەتەرلىك بەلبېغىنى تاقاپ قويدۇم، ئۇ بەئەينى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسىدەك ناھايىتى رەتلىك ئولتۇراتتى، چىرايىدىن ھاياجانلىق ئالامەتلىرى چىقىپ تۇراتتى ھەمدە بىلىنەر-بىلىنمەس ھودۇققاندەك تۇراتتى. مەن دادامغا ئايرۇپىلان دەرىزىسىدىن ھاۋا بوشلۇقىدىكى تۈرلۈك بۇلۇتلارنى كۆرسەتكىنىمدە، دادام ھەيران قالغانلىقتىن ئاغزىنى يوغان ئېچىپلا قالدى. ئايرۇپىلان بۇلۇت قاتلىمىنىڭ ھاۋا ئېقىمى ئىچىدە يەڭگىل سىلكىنگەندە دادام بىردىنلا مەيدەمگە يۆلىنىۋالدى. ئاشۇ دەقىقىدە مەن ھېچنىمىنى ئاڭقىرالماي قالغاندەك تۇيغۇدا بولساممۇ، بىراق مەن دادامنىڭ ئالدىدا تۇيۇقسىزلا قوغداشقا مۇھتاج بولۇۋاتقان بىر بالىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىمنى ھېس قىلدىم.1rhئاقيول تور بىكىتى

       ئەگەر بىر ئادەمنىڭ 30 ياشتىن بۇرۇنقى قامىتىنى ئاتا-ئانا بېرىدۇ دېيىلسە، ئۇ ھالدا ئۇنىڭ 60 ياشتىن كېيىنكى قامىتىنى پەرزەنتلەر بېرىدۇ. شۇڭا تۇرمۇش ھەر قانچە ئالدىراش بولسىمۇ، ئاتا-ئانىغا مېھىر-مۇھەببەت يەتكۈزۈشنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ. بىلىشىڭىز كېرەككى، ئۇلارمۇ سىزنىڭ ئوغلىڭىزغا ئوخشاش، بەزىدە ئىككى قولىڭىز بىلەن مېھرىبانلارچە ئاسرىشىڭىزغا مۇھتاج بولۇپ قالىدۇ.1rhئاقيول تور بىكىتى

    ‹‹ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى››نىڭ 2013-يىل 28-مايدىكى سانىنىڭ 23–بېتىدىن تەرجىمە قىلىندى1rhئاقيول تور بىكىتى

       تەرجىمان: توقسۇ ناھىيەلىك خەلق بانكىسىدا1rhئاقيول تور بىكىتى

    ئادىرسىمىز