• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • يوقال بۇزۇق، مىنىڭ ئايالىم بار

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2013-11-13
    ئاپتورى : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ئەر ھازاق ئىچىپ ئېغىر مەس بولۇپ ئۆيگە قاتىپ كەپتۇ ،ئەتىسى ئۇيقىسىدىن يىشىلىپ قارىسا ئۆيلەر رەتلىك تۇرغانلىقىنى ، يەنە ئۇستەل ئۈستىدە ئايالى خەت يېزىپ قالدۇرغان بىر  ۋاراقچە تۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ . ئايالى مۇنۇلارنى قالدۇرغان ئىكەن :
    ـــــ ئاخشام ھاراق ئىچىپ بەك مەس بوپ كېتىپسىز ، ناشتىلىق تەييارلاپ قويدۇم،كىيىملىرىڭىزنى يۇيۇپ قويدۇم ،بۇنىڭدىن كىيىن ھاراق ئىچمەڭ ــــــ ئايالىڭىزدىن .
       ئەر ھەر قېتىم ئۆيگە مەس پېتى قايتىپ كەلسە ئايالى دائىم ئۇنىڭ بىلەن جىدەل قىلاتتى ، بىراق بۈگۈنكى ئەھۋال ئەرگە غەلتىلىك بىلىندى . ئەر ئوغۇلىنى چاقىرىپ سوراپتۇ :
    ـــــ مەن تۈنۈگۈن نىمە بولدۇم ؟
    ئوغلى جاۋابەن :
    ـــــ ھېچنىمە ، سەن قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ئاپام سىنى تىللاپ كەتتى ، ئاندىن سەن تۇربىدىن ئازراق سۇ ئىچىۋالغاندىن كىيىن ، ئاپام سىنىڭ كىيىملىرىڭنى يىشىندۈرمەكچى بولدى .
    ئەر ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ ئوغۇلىدىن سورىدى :
    ــــــ ئاندىن مەن نىمە دىدىم ؟
    ئوغۇلى جاۋابەن :
    ـــــــ سەن بىرمۇنچە گەپ قىلدىڭى ، ھەممىسى تاققا تۇققا گەپلە ، ھېچنىمىنى چۈشىنەلمىدىم.
    ھە راس ، ئىشتىنىڭ بەك مەينەت بوپ كېتىپتىكەن ، ئاپام ئىشتىنىڭنى سالدۇرۇشقا تەمشەلگەن چاغدا ئاپامنى ‹‹يوقال بۇزۇق، مىنىڭ ئايالىم بار ›› دەپ تىللىدىڭ . شۇنىڭ بىلەن ئاپام سىنى تىللاشتىن توختىدىMLoئاقيول تور بىكىتى

    ئادىرسىمىز