• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • كىشلىك ھاياتتىكى ئەڭ خۇشال ۋاقىت

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 2014-03-13
    ئاپتورى : amiryasn
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>
    كىشلىك ھاياتتىكى ئەڭ خۇشال ۋاقىت بەخت سەپەر دېمەكتۇر،شۇڭلاشقا ھەر بىر دەقىقىڭىزنى قەدىرلەڭ،سىز بىلەن شۇ مەزگىللەرنى بىللە ئۆتكۈزگەن يېقىن كىشىلىرىڭىزنى تېخىمۇ قەدىرلەڭ.ئېسڭىزدە بولسۇن، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ. ئۆزىمىزگە «تۇرمۇش-توي قىلىپ بالىلىق بولغاندىن كىيىن تېخىمۇ گۈزەللىشىدۇ» دەپ تەسەللى بېرىمىز، ئەمما بالا كىچىك چىغىدا ئەندىشە قىلىمىز، ئۇلار چوڭ بولغاندىن كىيىنلا خاتىرجەم بولغاندەك ھېس قىلىمىز. كىيىنچە بالىمىزنىڭ 10 نەچچە ياش مەزگىلدىكى قلىقلىرى بىزنى ئامالسىز قالدۇرسىمۇ،لىكىن بۇ مەزگىل ئۆتۈپ كەتكەندىن كىيىن ئۆزىمىزنى يەنىلا ناھايىتى بەخىت ھېس قىلىمىز.بىز ئۆز-ئۆزىمىزگە ئاشىقىم باشتىن-ئاخىر بىزنى قوللىسا،چىرايلىق ماشىنىغا ئېرىشىپ بىر قېتىملىق كۆڭۈللۈك سەپەرگە چىقالىساق ياكى پىنسيگە چىققاندىن كىيىنكى تۇرمۇشمىزنى مۇكەممەل دەپ ئىيتالايمىز. ئەمەلىيەتتە ئادەمنى «ھازىر» دىنمۇ بەكرەك بەختلىك قىلالايدىغان ۋاقىت بولمايدۇ. ئەگەر «ھازىر» بولمىسا يەنە قاچان بولاتتى! ئەڭ ياخشىسى كىشلىك تۇرمۇشنىڭ خىرىسقا تولغانلىقىدەك ھەقىقەتنى قوبول قىلشىمىز ھەمدە قانداق بولشىدىن قەتئىنەزەر خۇشال-خۇرام ياشىشىمىز لازىم. بەخىت سەپەر دېمەكتۇر.شۇڭا ھەر بىر دەقىقىڭىزنى قەدىرلەڭ، سىز بىلەن بۇ مەزگىلنى بىرگە ئۆتكۈزگەن يېقىن كىشلىرىڭىزنى تېخىمۇ قەدىرلەڭ،ئېسىڭىزدە بولسۇن ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ.كىشلىك ھاياتتا «ھازىر» دىنمۇ خۇشالراق ۋاقىت بولمايدۇ، شۇڭا ھەرگىز ساقلىماڭ. بەخىت مەنزىل ئەمەس،بەلكى مۇساپىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بېرىلىپ ئىشلەپ،باشقىلارغا پۇل ئۈچۈنلا ئىشلىمەيدىغانلىقىڭىزنى ھېس قىلدۇرۇڭ! ھەممىنى چىن دىلىڭىزدىن سۆيۈپ، باشقىلارغا ھېچكىمدىن رەنجىمىگەنلىكىڭىزنى ھېس قىلدۇرۇڭ! ئەتراپىڭىزدا ھېچكىم يوقتەكلا پۈتۈن ئىشقىڭىز بىلەن خۇشال ئويناڭ! «پەلسەپىۋىلىككە باي نادىر ئەسەرلەر» (最富哲理的美文) ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى. تەرجىمە قىلغۇچى: ئامىر ياسىن (يېڭىسار ناھىيە چولپان يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى) كىملىك نۇمۇرى: ئالاقلىشىش تېلېفون نۇمۇرى: 15894009050 پوچتا نۇمۇرى: 844504 ئادىرسىمىز