• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • تۈرمىدە يېزىلغان ئەسەر — «نېمە قىلىش كېرەك؟»

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2014-11-21
    ئاپتورى : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>
    <ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ>

     5izئاقيول تور بىكىتى

    ئابدۇكېرىم ئىسمائىل بوزتېكىن5izئاقيول تور بىكىتى

     5izئاقيول تور بىكىتى

    نىكولاي گارىلوۋىچ چېرنىشېۋىسكىي 19 – ئەسىر رۇسىيە سوتسىيال دېموكراتىزمىنىڭ ئۇلۇغ پىشىۋاسى، مەشھۇر ئىنقىلابىي دېموكرات جەڭچى، مۇتەپەككۇر، پەيلاسوپ، ئەدەبىي تەنقىدچى، ئېستېتىكىشۇناس ۋە يازغۇچىدۇر.5izئاقيول تور بىكىتى

    چېرنىشېۋىسكىي ۋولگا دەرياسى بويىغا جايلاشقان ساراتوۋ شەھىرىدە پوپ ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى شۇ زاماندا ناھايىتى ئوقۇمۇشلۇق كىشى بولۇپ، ئۆيىدە نۇرغۇن كىتابلارنى ساقلىغان. چېرنىشېۋىسكىي بالىلىق دەۋرىدىن باشلاپلا، پۇشكىن، گوگول قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىنى، بېلىنىسكىينىڭ نەزەرىيەۋى ماقالىلىرىنى، چەت ئەل ئەدەبىياتىدىكى مەشھۇر ئەسەرلەرنى، ھەمدە تارىخ، جۇغراپىيە ۋە ئىلىم-پەنگە ئائىت باشقا كىتابلارنى ئوقۇشقا باشلىغان. يەنە لاتىن، گىرېك، فىرانسۇز، نېمىس ۋە ئىنگلىز تىللىرىنى ئۆگەنگەن. لېكىن چېرنىشېۋىسكىي كىتاب بىلەنلا بولۇپ كېتىپ، باشقا ھېچقانداق ئىش بىلەن كارى بولمايدىغان كىتاب مەستانىسى ئەمەس ئىدى. ئۇ چار پادىشاھنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى خەلق تۇرمۇشىنىڭ پاجىئەلىك مەنزىرىلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، قاچقۇن يانچىلارنىڭ بەخىتسىزلىكى ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلىك كەچۈرمىشلىرى توغرىسىدىكى شىكايەتلىرىگە قۇلاق سالاتتى. ئۇ كېيىن: «مېنىڭ بالىلىق ھاياتىم خەلق تۇرمۇشى بىلەن بىرلىشىپ كەتكەنىدى، ئۇ چاغلاردا، بۇنداق تۇرمۇش مېنى ھەر تەرەپتىن ئورۇۋالغانىدى» دەپ يازغان. خەلقنىڭ ئازابى چېرنىشېۋىسكىينىڭ ئىدىيەسىدە كۈچلۈك تەسىر قالدۇرغان. 1846-يىلى 18 ياشقا كىرگەن چېرنىشېۋىسكىي مۇنتىزىم ئوتتۇرا مەكتەپنى تۈگەتمەيلا، پېتېربۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەلسەپە فاكۇلتېتىغا كىرگەن.5izئاقيول تور بىكىتى

    چېرنىشېۋىسكىي ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان يىللار دەل مەملىكەتنىڭ ئىچكى-تاشقى سىياسىي ھاياتى داۋالغۇش ۋە زور ۋەقەلەر بىلەن تولغان يىللار ئىدى. رۇس خەلقىنىڭ چار پادىشاھنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا نىسبەتەن نارازىلىقى ۋە قەھرى-غەزىپى بارغانسېرى كۈچىيىپ، بولۇپمۇ 1848-يىلىدىكى ئىنقىلاب غەربىي ياۋروپادىكى نۇرغۇن مەملىكەتلەرنى قاپلىغاندا، چېرنىشېۋىسكىي ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ ئىنقىلابىي كۈرىشىگە چوڭقۇر، سەمىمىي ھېسسىداشلىق قىلىدۇ. مۇشۇ مەزگىلدە، چېرنىشېۋىسكىي يانچىلىق تۈزۈمنى سۆكىدىغان ئىلغار دېموكراتلار بىلەن تونۇشىدۇ. بۇلار بىلەن ئالاقىلىشىش ئارقىلىق فىرانسىيە پەيلاسوپلىرى ۋە خىيالىي سوتسىيالىزمچىلارنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ چىقىدۇ. 1850-يىلى ئۇ ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ساراتوۋغا قايتىپ كېلىپ بىر ئوتتۇرا مەكتەپتە ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولغان. ئوقۇغۇچىلار ۋە بەزى زىيالىيلار ئارىسىدا ئىلغار ئىدىيەلەرنى تەشۋىق قىلغان. 1853-يىلى چېرنىشېۋىسكىي ئۆز يۇرتىدىكى بىر دوختۇرنىڭ قىزى بىلەن توي قىلىپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئائىلىسىنى پېتېربۇرگقا كۆچۈرۈپ كېلىپ ماكانلىشىپ قالغان. پېتېربۇرگتا ئۇ، «ۋەتەن خاتىرىلىرى» بىلەن «زامانداشلار» دېگەن ئىنقىلابىي دېموكراتىك ژۇرناللارنىڭ ماقالە يازغۇچىسى بولۇپ قالغان. كېيىن دېسسىرتاتسىيە ياقلاشقا كىرىشىپ، 1855-يىلىغا كەلگەندە «سەنئەتنىڭ رېئاللىق بىلەن بولغان ئېستېتىك مۇناسىۋىتى توغرىسىدا» ماۋزۇلۇق مەشھۇر دېسسىرتاتسىيەسىنى ئېلان قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا چېرنىشېۋىسكىي «زامانداشلار» ژۇرنىلىدا «رۇس ئەدەبىياتىدا گوگول دەۋرى»، «پۇشكىن، ل. تولىستوي، شېدرىن ۋە ئوستىروۋىسكىينىڭ ماقالىلىرى توغرىسىدا» قاتارلىق نۇرغۇنلىغان مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئوبزورلارنى، پەلسەپە، تارىخ ۋە ئىقتىسادشۇناسلىققا ئائىت نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغان.5izئاقيول تور بىكىتى

    چېرنىشېۋىسكىي 1853-يىلىدىن 1862-يىلىغىچە پېتېربۇرگدا «زامانداشلار» ژۇرنىلىدا ئىشلىگەن، بۇ — رۇسىيە جەمئىيىتى كەسكىن ئۆزگىرىشلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈۋاتقان، شۇنداقلا بارلىق ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى يانچىلىق تۈزۈم بىلەن ئۇنىڭ قالدۇقلىرىغا قارشى كۈرەشكە يىغىنچاقلانغان دەۋر ئىدى. قىرىم ئۇرۇشى مەغلۇپ بولۇپ، رۇسىيە يانچىلىق تۈزۈمىنىڭ چىرىكلىكى ئاشكارىلغاندىن كېيىن، دېھقانلار قوزغىلىڭى يىلدىن-يىلغا ئەۋج ئېلىپ كەتكەچكە، چار پادىشاھ ھۆكۈمىتى خەلقنىڭ «تۆۋەندىن» ئاغدۇرۇپ تاشلىدىدىن قورقۇپ، 1861-يىلى «يۇقىرىدىن ئىسلاھ» قىلىپ، يانچىلىق تۈزۈمنى بىكار قىلىشقا مەجبۇرلىدى. لېكىن «ئىسلاھات» تىن كېيىن يەنىلا فېئوداللىق زۇلۇم ۋە كاپىتالىستىك ئېكىسپىلاتاتسىيەگە ئۇچرىغان دېھقانلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتى بارغانسېرى يامانلاشتى. شۇ چاغلاردا چېرنىشېۋىسكىي نىكراسوف ۋە دوبرولوبويوف بىلەن بىرلىكتە «زامانداشلار» ژۇرنىلىغا باشچىلىق قىلىپ، كۆپلىگەن ئىلغار پىكىرلىك زىيالىيلار بىلەن بىرلىشىپ ئىنقىلابىي ئىدىيەلەرنى تەشۋىق قىلدى ۋە بۇ ئارقىلىق يانچىلىق تۈزۈمنىڭ ھىمايىچىلىرى بىلەن لېبرالىستلارنىڭ ئەكسىيەتچىل ئەپت-بەشرىسىنى پاش قىلىپ، ئاۋام-پۇقرالارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان. چېرنىشېۋىسكىي «ئىسلاھات» تىن ئىلگىرىلا بىر تەشۋىقات ۋەرەقىسىدە: بۇ قېتىمقى «ئىسلاھات» بىر «رەزىل ئويۇن» دەپ كۆرسىتىپ، خەلقنىڭ ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق «ئەركىنلىككە ئېرىشىش» كە ئۈندىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، چېرنىشېۋىسكىي يەنە ئىنقىلابنىڭ ئەمەلىي پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتناشقان. 1861-يىلى رۇسىيەدىكى يانچىلىق تۈزۈمگە قارشى ئەڭ چوڭ ئىنقىلابىي مەخپىي تەشكىلات — «يەر ۋە ئەركىنلىك جەمئىيىتى» نىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغاندا، چېرنىشېۋىسكىي ئۇنىڭ بىلەن زىچ مۇناسىۋەت باغلاپ، ئۇنىڭ يېتەكچىسى ۋە ئىلھامچىسى بولۇپ قالغان. چېرنىشېۋىسكىينىڭ مۇشۇنداق ئىنقىلابىي تەشۋىقاتلىرى بىلەن ئىنقىلابىي پائالىيەتلىرى چار پادىشاھ ھاكىمىيىتىنى ئىنتايىن ئالاقزەدە قىلىۋەتكەن. 1862-يىلى ئىيۇندىن باشلاپ، «زامانداشلار» ژۇرنىلى مەجبۇرىي ھالدا نەشردىن 8 ئاي توختىتىلغان. شۇ يىلى 7-ئىيۇل چېرنىشېۋىسكىي چار پادىشاھ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، پېتروپاۋلوۋىسكىيدىكى يالغۇز كىشىلىك زىندانغا تاشلانغان.5izئاقيول تور بىكىتى

    چېرنىشېۋىسكىي پېتروپاۋلوۋىسكىيدا قاماقتا ياتقان ئازابلىق 678 كۈن ئىچىدە ئۆزىنىڭ قەيسەر ئىنقىلابىي ئىرادىسىنى نامايان قىلىپ، ئىلمىي ۋە ئەدەبىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا بولىدىغانلىكى ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپ، رۇسىيەنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن كۈرەشنى بىر كۈنمۇ توختاتمىدى. ئۇنىڭ «نېمە قىلىش كېرەك؟» ناملىق مەشھۇر رومانى دەل شۇ زىنداندا يېزىلغان بولۇپ، 1863 – يىلى «زامانداشلار» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان. «نېمە قىلىش كېرەك؟» رۇسىيەنىڭ 19-ئەسىر رېئالىستىك ئەدەبىياتىدا ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە نادىر ئەسەر بولۇپ، ئۇ چېرنىشېۋىسكىينىڭ تۈرمىدە تۇرۇپ خەلققە چىقارغان ئىنقىلابىي چاقىرىقنامىسى. روماننىڭ مەزمۇنى ئەركىن ئەمگەك قىلىش، ئاياللارنىڭ ئازادلىققا ئېرىشىشى ۋە ئەگرى – توقاي يوللار بىلەن ئېلىپ بېرىلغان مەخپىي ئىنقىلابىي پائالىيەتلەردىن ئىبارەت ئۈچ تال يىپ ئۇچىنى چۆرىدىگەن ھالدا چوڭقۇرلىشىپ، كىشىلەرگە پەقەت كۈرەش ئارقىلىقلا خەلقنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئۇ «كۆڭۈلدىكى يار» نى ئىنقىلابقا ئىستىئارە قىلىپ، ئۇنىڭغا «تۇرمۇشنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرغىن، دۇنيادا يەنە نامراتلار بولمىسۇن» دەيدۇ. رومان جەمئىيەتتىكى ئەكسىيەتچىل كۈچلەرنى پاش قىلىپلا قالماي، بەلكى كىشىلەرگە ھەرىكەت يۆنىلىشىنىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ، روماننىڭ قوشۇمچ ماۋزۇسى «يېڭى كىشىلەر ھەققىدە ھېكايە» بولۇپ، ئۇ ئىنتايىن مۇھىم دەۋر ئەھمىيىتىگە ئىگە ماۋزۇدۇر.5izئاقيول تور بىكىتى

    «نېمە قىلىش كېرەك؟» رومانى روس ئىنقىلابىي دېموكراتىك ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئەسەرلىرىدىن بىرىدۇر.5izئاقيول تور بىكىتى

    روماننىڭ باش قەھرىمانلىرى «يېڭى ئادەملەر» — ۋېرا پاۋلوۋنا، لوپوخوف، كىرسانوفلاردىن ئىبارەت. ئاپتور بۇ ئادەملەرنىڭ ھاياتى، پىكىرلىرى توغرىسىدا تەپسىلىي سۆزلەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئىش - ھەرىكەتلىرىنى چۈشەندۈرىدۇ. روماندا ۋېرا پاۋلوۋنانىڭ ئوبرازىغا كۆپ سەھىپە ئاجرىتىلغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ياشلىق ۋە بالىلىق دەۋرىنى مىشچانلار ئارىسىدا ئۆتكۈزىدۇ. ئىنقىلابى دېموكراتىك كۆز قاراشلارغا بولغان لوپوخوف بىلەن تونۇشۇش ۋېرا پاۋلوۋناغا ئائىلىسى بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزۈپ، مۇستەقىللىققا ئىگە بولۇشقا ياردەم بېرىدۇ. «ئۆيدىن چىقىپ، ئۇ باشقا ئاياللارنى ئازاد قىلىشقا تىرىشىدۇ. تىككۈچىلىك كارخانىلىرىنى قۇرۇپ، ئۇ يەردە كۆپلىگەن قىزلارغا يېڭىچە يول ئاچىدۇ. كۆرۈنۈشتە ھەممە نەرسە ياخشى داۋام قىلىۋاتقاندەك تۇيۇلىدۇ. بىراق كۆپ ئۆتمەي ۋېرا پاۋلوۋنانىڭ كىرسانوفنى — لوپۇخونىڭ دوستىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى ئاشكارىلىنىدۇ. بۇنى ۋېرا پاۋلوۋنا ئېرىدىن يوشۇرمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن لوپوخوف «سەھنىدىن چۈشۈش» نى قارار قىلىدۇ. ئۆزىنى يالغاندىن ئۆلدىگە چىقىرىشى ئۇنىڭغا يوشۇرۇن چەت ئەلگە كېتىشكە ۋە ئۇ يەردە ھاياتىنى كۈرەشكە بېغىشلاشقا ئىمكانىيەت تۇغدۇرىدۇ. ۋېرا پاۋلوۋنا كىرسانوفقا ياتلىق بولىدۇ. ۋېرا پاۋلوۋنا، كىرسانوف، لوپوخوفلار ئىشلەشنىلا بىلىدىغان ئادەملەر ئەمەس، بەلكى تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلىنىشنى بىلىدىغان، مۇزىكىغا، تىياتىرغا ھەۋەس قىلىدىغان ئادەملەردۇر. ئۇلار ھايات خۇشاللىقلىرىدىن ئۆزىنى چەتكە تارتمايدۇ.5izئاقيول تور بىكىتى

    كىتابتا رەخمەتوفنىڭ ئوبرازىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلگەن. بۇ روماندىكى قەھرىمانلارنىڭ پىكرىچە ئۇ «ئۆزگىچە ئادەمدۇر». ئۇنىڭ ھاياتى ئىنقىلابقا خىزمەت قىلىش. ئىنقىلابقا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئۇ ئۆزىنىڭ شەخسىي بەختىدىن كېچىدۇ، ھەر قانداق سىناق ۋە قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. روماننىڭ ئالاھىدىلىكى تېز - تېز ئۇچرايدىغان چېكىنىشلەر، قەھرىمانلارغا مۇراجىئەت قلىشلار ۋە «پاراسەتلىك ئوقۇغۇچى» بىلەن قىلىدىغان سۆھبەتلەردىن ئىبارەت. بۇ چېكىنىشلەر ۋېرا پاۋلوۋنانىڭ چۈشلىرىگە، بولۇپمۇ تۆتىنچى چۈشىگە ئوخشاش روماننىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپ بېرىدۇ، «نېمە قىلىش كېرەك؟، قانداق ياشاش كېرەك؟ نېمىگە ئىنتىلىش كېرەك؟» دېگەن سوئاللارغا جاۋاب بېرىدۇ.5izئاقيول تور بىكىتى

    چېرنىشېۋىسكىي رۇسىيە ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ پۇقرا زىيالىيلار دەۋرىدىكى «يېڭى كىشىلەر» نى چىنلىق بىلەن تەسۋىرلەپ، ئۇلارنىڭ يانچىلىق تۈزۈم ۋە كونا جەمئىيەتنىڭ قارشىلىقى ئۈستىدىن مۇقەررەر يوسۇندا غەلىبە قىلىدىغانلىقى ھەمدە شۇ جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلىقىدىن ئىبارەت تارىخنى كۆرسىتىپ بەرگەن. ئۇنىڭ تەسۋىرلىشىچە: بۇ «يېڭى كىشىلەر» رۇسىيە ئەدەبىيات تارىخىدىكى «ئارتۇقچە ئادەملەر» ئەمەس، بەلكى نېمە قىلىشنى ئاللىقاچانلا ئېنىق بىلىپ بولغان بىر ئەۋلاد «يېڭى كىشىلەر» ئىدى. روماندىكى باش قەھرىمان ئايال ۋېرا پاۋلوۋنا يېڭىچە ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىققە ئىنتىلىۋاتقان قىزلاردىن بولۇپ، ئانىسى ئۇنى مال – دۇنيانى كۆزلەپ يۇقىرى تەبىقىدىكى بىرىگە ياتلىق قىلماقچى بولغاندا، ئۇ ئانىسىنىڭ بۇ قىلمىشىغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىدۇ. كېيىن ئۇ، ئۆزى قۇرغان تىككۈچىلىك زاۋۇتىدا ئاياللارنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن ئاكتىپ ئىشلەپچىقىرىش، ئىستېمال قىلىش ۋە ئىش ھەققى تەقسىماتلىرىدا «سوتسىيالىستىك» پىرىنسىپنى قوللىنىپ، ئايال ئىشچىلارنى ئىشخانا باشقۇرۇشقا قاتناشتۇرىدۇ ھەمدە مەكتەپ ئېچىپ ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. لوپوخوف بىلەن كىرسانوف نامرات ئائىلىدە تۇغۇلغان تىپىك ئاددىي زىيالىيلاردىن بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ قەيسەرلىكى ۋە تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ، ئۆزلىرىگە چىقىش يولى ھازىرلايدۇ. ئۇلار ئىشچىلارغا قىزغىنلىق بىلەن دەرس ئۆتۈپ، مەرىپەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، كەمبەغەللەرنى ھەقسىز داۋالايدۇ. ئۇلار يەنە بىر تۈركۈم ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، ئالىملار ۋە ھەربىي ئەمەلدارلار بىلەن ھەمكارلىشىپ دائىم يىغىن ئۆتكۈزۈپ، زور مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە ۋە تەتقىق قىلىپ، پۈتۈن ئۆمرىنى خەلققە بېغىشلايدۇ. «يېڭى كىشىلەر» ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي تۇرمۇشىنى بىر تەرەپ قىلىشتا، ئالىيجاناب پوزىتسىيە ۋە ھەل قىلىش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىدۇ. ۋېرا ئېرى — لوپوخوفنىڭ سىرداش دوستى كىرسانوفنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندا، لوپوخوف بۇنى بىلىپ يالغاندىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ يوشۇرۇن ھالدا چەت ئەلگە چىقىپ كېتىدۇ. ۋېرا ئېرىنىڭ قازا تاپقانلىقى توغرىسىدىكى ئىسپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن، كىرسانوف بىلەن رەسمىي توي قىلىدۇ. كېيىن لوپوخوف ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ دۆلىتىگە قايتىپ كېلىدۇ ۋە ۋېرانىڭ قىز دوستى بىلەن توي قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ ئىككى ئائىلە باشتىن – ئاخىر دوستلۇق مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قالىدۇ. روماندىكى ئاساسلىق پېرسوناژ رەخمەتوف ئەزگۈچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆز سىنىپىغا ئاسىيلىق قىلىپ، پۇقرا زىيالىيلىرى قاتارىغا كىرىپ، خەلق بىلەن يېقىنلىشىش ئۈچۈن، پۈتۈن رۇسىيەنى ئارىلاپ چىقىدۇ، ئاخىرىدا ئوتۇنچى، قاداقچى، تاشچى بولىدۇ. ھەتتا ۋولگا دەرياسى بويىدا كېمە سۆرەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاخىرىدا ئۇ بىر كەسپىي ئىنقىلابچى، يەنى بىر ئالاھىدە ئادەم بولۇپ چىقىدۇ.ئۇ، شەخسىي مۇھەببەت بىلەن تۇرمۇشتىكى بارلىق ھۇزۇر – ھالاۋەتلەردىن ۋاز كېچىپ ئىنقىلابىي ئىرادىسىنى تاۋلاش ئۈچۈن ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا ناھايىتى ئاددىي – ساددا تۇرمۇش كەچۈرۈپ، بارلىق ھاياتىنى ئۆزى تاللىۋالغان غايىسىگە بېغىشلايدۇ.5izئاقيول تور بىكىتى

    روماندا يېڭى ۋە ئالاھىدە كومپوزىتسىيە ئىشلىتىلگەن بولۇپ، باشتىلا تەتۈر بايان ئۇسۇلى ماھىرلىق بىلەن قوللىنىلىپ، باش قەھرىمانلاردىن بىرىنىڭ سىرلىق يوسۇندا غايىب بولۇپ كەتكەنلىكى ھېكايە قىلىنىش ئارقىلىق چار پادىشاھ تەپتىش ئەمەلدارلىرىنىڭ نازارىتىدىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ، كىشىلەرنى مەپتۇن قىلغۇدەك ئۈنۈم ھاسىل قىلغان. روماندىكى ۋەقەلەرنىڭ تەرەققىياتىدا، مەخپىي ئىنقىلابىي ھەرىكەتلەر، باش قەھرىماننىڭ شەخسىي تۇرمۇش جەھەتتىكى مۇرەككەپ مۇناسىۋىتى، ھەمدە ئۇلارنىڭ خەلقنىڭ ئىنقىلاب يولىغا ماڭغانلىقىدىن ئىبارەت مۇھىم يىپ ئۇچلىرى راۋان ھەم جانلىق، ئەگرى – توقاي مۇرەككەپ يوللار ئارقىلىق بىر يەرگە يىغىلىپ، ئەتراپلىق، مۇكەممەل بىر تۇرمۇش كارتىنىسىنى ھاسىل قىلغان. ئايال باش قەھرىماننىڭ تۆت قېتىم چۈش كۆرگەنلىكى روماننىڭ سىيۇژىتىنى، ئاپتورنىڭ ئىجتىمائىي غايىسىنى نامايان قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىغان. ئاپتور بۇ چۈشلەر ئارقىلىق ئىنسانىيەتنىڭ ئۆتمۈشى، ھازىرى، كەلگۈسىنى نامايان قىلىپ، كەلگۈسىدىكى ئىجتىمائىي تۈزۈمنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى گەۋدىلەندۈرگەن. رومان ئۇسلۇب جەھەتتە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، بەدىئىي بايانى ھەمىشە سىياسىي مۇھاكىمە خاراكتېرىدىكى غايىبانە بايان بىلەن ماسلىشىپ كەلگەن. «ئاپتورنىڭ سەزگۈر ئەر ئوقۇرمەن» بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى، روماننى تېخىمۇ روشەن بەس – مۇنازىرە خاراكتېرىگە ئىگە قىلغان. رومان ئىشلىتىش جەھەتتىمۇ باي خۇسۇسىيەتكە ئىگە. ئاپتور چار پادىشاھ دائىرىلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن «يېڭى كىشىلەر» ئىنقىلابىي پائالىيەتلىرىنى بىۋاسىتە بايان قىلماي، دائىم يوشۇرۇن ئوخشىتىش ۋە دارتمىلاش ئارقىلىق مەقسەتكە يەتكەن. لېنىننىڭ خانىمىنىڭ ئەسلىشىچە، «نېمە قىلىش كېرەك؟» لېنىن ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان ئەسەرلەرنىڭ بىرى ئىكەن.5izئاقيول تور بىكىتى

    1864-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى، چار پادىشاھ سىياسىي ئىشلار مەھكىمىسى چېرنىشېۋىسكىي ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىپ، ئۇنىڭ مال – مۈلۈكلىرىنى مۇسادىرە قىلىپ، ئۆزىنى سىبىرىيەگە جاپالىق ئەمگەككە سۈرگۈن قىلغان. يەتتە يىللىق جاپالىق ئەمگەك مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، چار پادىشاھنىڭ ئەمىر – پەرمانىغا ئاساسەن، ئۇ يەنە ياكوت ۋە ۋېريسىككە سۈرگۈن قىلىنغان. ئۇزۇن مۇددەتلىك سۈرگۈن، نەزەربەنت ۋە جاپالىق ئەمگەك بۇ ئىنقىلابچىنى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتە دەھشەتلىك ئازابلىسىمۇ ئۇنىڭ قەيسەر ئىرادىسىنى قىلچىمۇ ئاجىزلاشتۇرالمىغان. ئۇ يەنە داۋاملىق نۇرغۇن ئەسەر ۋە نەزەرىيەۋى ماقالىلارنى يازغان بولسىمۇ، ئەپسۇسكى بۇ ئەسەرلەرنىڭ كۆپ قىسمى ھازىرغىچە يېتىپ كېلەلمىگەن. پەقەت «مۇقەددىمە» دېگەن رومانى مەخپىي ھالدا چەت ئەلگە ئېلىپ كېتىلىپ، 1877-يىلى لوندوندا نەشر قىلىنغان. بۇ رومان «يېڭى كىشىلەر ھەققىدە ھېكايىلەر» دېگەن روماننىڭ داۋامى بولۇپ، لېۋسكىي قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئوبرازى يارقىن، چىن سۈرەتلەنگەن. بىز لېۋسكىي ئوبرازىدا، ئاپتورنىڭ سەپدىشى دوبروليوبوفنى كۆرەلەيمىز. «مۇقەددىمە» رومانىنى رۇسىيە ئىنقىلابىي دېموكراتىزمچىسى ئۈچۈن تىكلەنگەن خاتىرە مۇنارى دېيىشكە بولىدۇ.5izئاقيول تور بىكىتى

    چېرنىشېۋىسكىي سىبىرىيەگە سۈرگۈن قىلىنىپ، توپتوغرا 20 يىل جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرۈپمۇ، تۈرلۈك ئېغىر سىناقلارنى بېشىدىن كەچۈرۈپمۇ، ئۆزىنىڭ ئىنقىلابىي دېموكراتىزمغا بولغان ئېتىقادىغا باشتىن – ئاخىر سادىق بولۇپ، ھاقارەت خاراكتېرلىك كەچۈرۈمنامىگە قەتئىي قول قويمىغان. 1889 – يىلىغا كەلگەندە چېرنىشېۋىسكىي سۈرگۈندىن خالاس قىلىنىپ، يۇرتى — ساراتوۋغا قايتىپ كەلگەن. بىراق، ئۇزۇن مۇددەتلىك جاپالىق ئەمگەككە مەھكۇم قىلىنىش، سۈرگۈنلۈك تۇرمۇش ئۇنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەچكە، ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ، تۆت ئاي تۇرمۇش كەچۈرۈپلا، يەنى شۇ يىلى 10–ئاينىڭ 29-كۈنى مېڭىسىگە قان چۈشۈپ ئالەمدىن ئۆتكەن.5izئاقيول تور بىكىتى

    <ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ> ئادىرسىمىز