بىر يۈرۈش مۇسادىرە قىلىنغان ۋېلىسپىتلەر كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلماقچى بولدى. سېتىلىش مەيدانىدا، ھەرقېتىملىق باھا چاقىرغاندا ئون ياشلاردىن ئاشقان بىر ئوغۇل بالا باھا قوياتتى. قويغاندىمۇ ھەر قېتىم پەقەت بەش دوللارلا باھا قوياتتى، ئاندىن باشقىلارنىڭ 30 دوللار، 50 دوللاردىن باھا قويۇشى بىلەن ۋېلىسپىتنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن سېتىۋېلىشىغا قاراپ تۇراتتى. ئارىلىقتىكى دەم ئېلىش ۋاقتىدا خىزمەتچى خادىم بالىنىڭ قېشىغا كېلىپ، نېمىشقا پەقەت بەش دوللارلا باھا قويۇپ، ئۇنىڭدىن ئۆرلىمەيدىغانلىقىنى سورىدى. بالا: «مەندە پەقەت بەش دوللارلا بار» دەپ جاۋاب بەردى.
باھا تالىشىش يەنە باشلاندى. بالا يەنىلا ھەر بىر ۋېلىسپىتىكە بەش دوللاردىن باھا قويۇپ كېتىۋەردى. باشقىلار بولسا ئوخشاشلا يۇقىرى باھادا سېتىۋېلىشتى. ۋېلىسپىتلەر سېتىلىپ ئەڭ ئاخىرقى بىرسى قالدى. بۇ ۋېلىسپىت يېپيىڭى بولۇپ، سۈرئەت كۆرسەتكۈچ ۋە چىراق قاتارلىق يېڭى ئۈسكۈنىلىرى بار ئىدى. «كىم باھا قويىدۇ؟» ئەڭ ئالدىدا ئولتۇرغان بۇ كىچىك بالا ئۈمىدسىزلىنىپ بوش ئاۋازدا يەنە: «بەش دوللار!» دەپ باھا قويدى. خىزمەتچى خادىم گەپ قىلمىدى. مەيداندىكى كىشلەر بۇ بالىغا قاراپ ھېچقايسىسى قول كۆتۈرمىدى ھەم باھا تالاشمىدى. خىزمەتچى خادىم «بەش دوللار!» دەپ ئۈچ قېتىم توۋلىغاندىن كېيىن: «بۇ ۋېلىسپىت بۇ شاكىچىكنىڭ بولدى!» دەپ جاكارلىدى. مەيداندا قىزغىن چاۋاك ئاۋازى ياڭرىدى. بالا قېشىدىكى بار يوق بەش دوللار پۇلىنى چىقىرىپ، بۇ ئەڭ يېڭى ۋېلىسپىتكە ئىگە بولدى. ئۇنىڭ چىرايىدا بولسا، خۇشاللىق كۈلكىسى جىلۋە قىلاتتى.
شۇنداق، ئازراق نەپسىمىزدىن ۋاز كېچىپ، بىر گۈزەل ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرايلى! ھەر بىرىمىزنىڭ ئازراق تىرىشچانلىقىمىز بىلەن بۇ دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ خۇشاللىق ۋە گۈزەللىك ئاتا قىلالايمىز.
<ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ>