ئوغلاق
نەجمىدىن قوي بېقىشقا بولۇپمۇ، قوزا بېقىشقا تۇلىمۇ ئامىراق ئىدى. ياز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە دادىسى ئۇنىڭغا بىر ئوغلاق ھەدىيە قىلدى، ئۇ ھەركۈنى ئوغلاقنى بېقىپ پەرۋىشلىدى، ئوغلاق ئۇنى قوغلاپ يۈگۈرەلىگۈدەك بولغاندا، نەجمىدىن ئۇنىڭغا تېخىمۇ ئامىراق بولۇپ كەتتى.
نەجمىدىننىڭ دادىسى ئۇنىڭغا: – ئىشىكنى ئۇچۇق قويما، بولمىسا قويلار ئۆيگە كىرىپ ئۆينى قالايمىقان قىلىۋېتىدۇ-، دېدى.
بىر كۈنى، نەجمىدىن توپىنى ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن ئۆيگە كىردى، گەرچە دادىسىنىڭ سۆزى ئېسىدە بولسىمۇ، كۆڭلىدە تېزلا قايتىپ كېلىمەنغۇ دەپ ئويلاپ، ئىشىكنى ئەتمىدى، نەدىن بىلسۇن ئۇ ئامىراق ئوغلىقىنىڭ ئۆزىگە ئەگىشىپ ئۆيىگە كىرىۋالغانلىقىغا دىققەت قىلمىغان ئىدى.
ئوغلاق ئۆيدە نەجمىدىننى ئىزدەپ ئەينەكنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالدى، ئۇ ئەينەكتىكى تەسۋىرىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا سەل يېقىنلىشىپ كۆردى. بۇ ئۇنىڭغا تۇلىمۇ غەلىتە تۇيۇلغان ئىدى. چۈنكى ئەينەكتىكى ئوغلاقمۇ ئۇنىڭغا قاراپ يېقىنلىشىۋاتاتتى، دەل شۇ پەيتتە، ئوغلاق بېشىنى تۈۋەن قىلىپ ئەينەككە، كېلىشتۈرۈپ بىرنى ئۈستى. ئۇ كۆڭلىدە بۇ ئەبلەخنى ئوبدان بىر ئەدەپلەپ قويماقچى ئىدى. تويۇقسىز تاراڭ-تۇرۇڭ قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئەينەك پارە-پارە بولۇپ كەتتى.
ئىبنى ئۆمەر ۋە ئابدۇللا ئىبنى ئامىر پەيغەمبىرىمىزنىڭ (ئاللا ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن) ئىككى ياشقا نەسىھەت قىلىپ، مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان دەيدۇ: «ئاتاڭلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاڭلار!»
ئەگەر نەجمىدىن پەيغەمبىرىمىز ئېيىتقان بۇ ھەدىسنى ئاڭلىغان بولسا، ئاتىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان بولاتتى!
ئىت
مول ھوسۇل بولغان پەسىل، مۇستاپا بىلەن ئايالى بۇغداي ئورىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ بالىسى بىر تۈپ دەرەخنىڭ تۈۋىدە ئۇخلىماقتا، ئۇلارنىڭ ئىتى بالىغا قاراۋاتىدۇ.
بىردەمدىن كېيىن، ئەر-خوتۇن ئىككەيلەن ئارام ئېلىش ئۈچۈن دەرەخ يېنىغا كېلىپ، ئىنتايىن قورقۇنۇچلۇق بىر مەنزىرىنى كۆردى. ئۇلارنىڭ بالىسى بۈشۈكتە دۈم ياتاتتى، ئىتى بولسا بەدىنى قان ھالەتتە ياتاتتى. مۇستاپا ساراڭ بولۇپ قالايلا دېگەن ئىدى، ئۇ كۆڭلىدە ئىت بالىنى ئۆلتۈرىۋېتىپتۇ دەپ ئويلىغان ئىدى. ئۇ قولىغا ئورغاقنى ئېلىپ ئىتنى كۈچەپ بىرنى چاپتى، بىچارى ئىت ھايالشىماي ئۆلۈپ قالدى.
ئەمما، كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغان ئىش شۇ بولدىكى، ئايالى ئۇنىڭغا: – بالىمىز ھېچنىمە بولماپتۇ، ھازىر ناھايىتى تاتلىق ئۇخلاۋېتىپتۇ!-، دېدى. ئۇلار ئەتراپقا بىر قۇر قارىغاندىن كېيىن بالىدىن ئانچە يىراق بولمىغان يەردە ياتقان يوغان بىر تال يىلاننىڭ ئۆلۈكىنى كۆرگەندە، نېمە دېيىشلىرىنى بېلەلمەي قېلىشتى، ئەمدى ئۇلار ئىتنىڭ يىلان بىلەن ئېلىشىپ ئۆزىنىڭ ھاياتى بىلەن بالىنى قوغداپ قالغانلىقىنى بىلىشكەن ئىدى. مۇستاپا ئۆزىنىڭ خاتالىقىغا قاتتىق پۇشايمان قىلدى.
مۇستاپا پەيغەمبىرىمىز (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن)نىڭ تۈۋەندىكى نەسىھىتى بويىچە ئىش قىلغان بولسا پۇشايمانغا قالمايىتتى.
پەيغەمبىرىمىز(ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن) مۇنداق دېگەن: «ئېھتىياتچان بولۇش ئاللاھتىن كېلىدۇ، ئالدىراقسانلىق شەيتاندىن كېلىدۇ.» (تىرمىزىي)
بالىلار ئۈچۈن ھېكايەتلەر بىلەن 40 ھەدىس ناملىق كىتابتىن ئېلىندى،تەرجىمانغا ئاللاھ كۆپلەپ ئەجىر بەرسۇن ئامىيىن.