• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنچۇقلار بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىسز

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2014-01-28
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>
    بۇ مەزمۇن ئاقيول تورىدىن كۆچۈرۈلگەن . تور ئادرېسىمىز:

    cDOئاقيول تور بىكىتى

    يېقىندا بازاردا بالىلار ئۈچۈن مەخسۇس لايىھەلەنگەن Ipad نى كۆردۈم. ئاتا – ئانىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ تەربىيەلىنىشىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈش ۋە بالىلىرىنىڭ رايىغا بېقىش پىسخىكىسىنىڭ تەسىرىدە بىر قىسىم شىركەتلەر بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنى ئاچىدۇ دەپ Ipadدەك ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنچۇقلارنى بازارغا سالدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ تېلېفون Ipad قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنچۇقلار بالىلارنىڭ قولىدىن چۈشمەيدىغان بولدى. بىر قىسىم شىركەتلەرمۇ يەنە مەخسۇس بالىلارنىڭ ئۆگىنىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ يېشىغا مۇناسىپ بولمىغان ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنچۇقلارنىمۇ بازارغا سېلىۋاتىدۇ.cDOئاقيول تور بىكىتى

    مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتە مۇنداق قارايدۇ: كۆپ ساندىكى ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى ئويۇنچۇقلىرى گۆدەك بالىلارنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىش ئىقتىدارى يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ئويلىنىش ئىقتىدارى ھەقىقىي دۇنيا ئۈستىدە ئىزدىنىش جەھەتتىكى قىزىقىش ۋە ھەۋەسلىرىگە نىسبەتەن پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ. يۇقىرى پەن – تېخنىكىلىق ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى يەسلى مائارىپىنى ‹‹باشلانغۇچلاشتۇرۇش››قا پەردە قىلىشقا بولمايدۇ ھەم گۆدەك بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتىگە خىلاپلىق قىلىشقىمۇ بولمايدۇ.cDOئاقيول تور بىكىتى

    بۇ ھەقتە مائارىپ تەتقىقاتچىلىرى مۇنداق دەپ قارىغان: Ipad كە تاينىپ تۇرۇپ ئىشلەپچىقارغان ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرىنى بالىلار ياخشى كۆرىدۇ لېكىن بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ مەۋجۇت بولۇشى كۆپ ۋاقىتلاردا پايدىسىز ئامىلنى كەلتۈرىدۇ. مەسىلەن: بالىلارنىڭ ئۆز ئارا ئالاقە قىلىشىغا كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاسراشقا پايدىسىز. ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى بىرىنچى باسقۇچتىن ئاتلاپ ئۆتۈپ خىيالىي ئەمەلىيەتكە كىرىدۇ – دە بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئەكس تەسىر كۆرسىتىدۇ شۇڭا بالىلار ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەتكەندە قۇرامىغا يەتكەنلەر چوقۇم كۆپرەك يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.cDOئاقيول تور بىكىتى

    بۇ مەزمۇن ئاقيول تورىدىن كۆچۈرۈلگەن . تور ئادرېسىمىز: ئادىرسىمىز
    ئەڭ يىڭى ئانىلار ساۋاتلىرى