بالىڭىزغا يېڭى، ساپ، پاكىز، زىدە بولمىغان مېۋىلەرنى سېتىۋېلىپ يېگۈزۈپ بەرسىڭىز بالىڭىزنىڭ ساغلام ئۆسىشىگە پايدىلىق. بىراق مېۋە -چېۋە سېتىۋالغاندا شۇ پەسللىك مېۋىلەرنى تاللاپ سېتىۋالغىنىڭىز، ھەر قېتىمدا بەك جىق ئېلىۋالمغىنىڭىز ياخشى. چۈنكى مېۋە ئۇزاق تۇرغانسىرى تەركىبىدىكى ئۇزۇقلۇق ماددىلار ئازلاپ كېتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا بالىڭىزغا مېۋىنى تاماقتىن كېيىن ياكى تاماقنىڭ ئالدىدا بەرمىگىنىڭىز ياخشى. مېۋە يېيىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى ئىككى ۋاق تاماقنىڭ ئارلىقى ھىساپلىنىدۇ. مەسىلەن: چۈشلۈك ئويقۇدىن ئويغانغاندا بىرەر تال ئالما ياكى ماندارىن بىرىش دېگەندەك.
بالىلارغا مېۋە بەرگەندە، ئىسسىقچان، ئاسان قەۋزىيەت بولۇپ قالىدىغان بالىلارغا ئەڭ ياخشىسى تەبئىتى سوغۇق مېۋىلەرنى مەسىلەن: نەشپۈت، تاۋۇز، بانان، مايمۇن شاپتۇلى قاتارلىقلارنى يىگۈزگەن ياخشى. بالىڭىز زۇكام بولۇپ يۆتىلىپ قالسا نەشپۈتنى ناۋات بىلەن قوشۇپ، سۇدا دۈملەپ پىشۇرۇپ سۈيىنى ئىچكۈزۈپ بەرسىڭىز شىپا تاپىدۇ. ئەگەر ئىچى سۈرۈپ قالسا، نەشپۈت بەرمىگىنىڭىز ياخشىراق. ۋىتامىن ئا، ۋىتامىن س غا ئىھتىياجلىق بالىلارغا قوغۇن، ئۆرۈك ۋە ئاپېلىسسنى كۆپرەك بەرگىنىڭىز ياخشى. بەدەن ئېغىرلىقى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن بالىلارغا مېۋىنى جىق بەرمەسلىك ياكى شىكەر مىقدارى تۆۋەن مېۋىلەرنى تاللاپ بېرىش كېرەك.
مېۋە تەركىبىدە شىكەر كۆپ بولغاچقا، جىق يەۋەتكەندە ئىشتھانى تۇتۇۋىلىپ، ھەزىم قىلىشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، كۈندە يەيدىغان مېۋىنىڭ تۈرى ئۈچ خىلدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. بەزى مېۋىلەرنى باشقا يېمەكلىكلەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ بىللە ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. مەسىلەن: ئەبنۇس بىلەن تاتلىق ياڭيۇنى بىللە يىسە بولمايدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، مېۋىلەرنى يېيىشتىن بۇرۇن پاكىز يۇيۇش، ئاقلاشقا تىگىشلىك مېۋىلەر بولسا پاكىز ئاقلاپ يېيىش كېرەك.
يان تېلېفون، كومپيۇتېرنىڭ ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىگە بولغان زىيىنى
تۇخۇم ۋە بالىلار قىزىتمىسى
ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنچۇقلار بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىسز
بالىلارغا قېتىقنى كۆپ ئىچۈرۈشنىڭ زىينى
ئاتا-ئانىلارغا ئون تەكلىپ
ئائىلە تەربىيىسىدىكى خاتالىقلار
ئانىنىڭ رولى ئىنتايىن مۇھىم
بالا ئېمىتىۋاتقان ئانىلار سۈتىنى ساغقاندا...
ئاياللار ئۈچۈن پەرزەنت كۆرۈشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى
تۆرەلمىنىڭ يىتىلىش جەريانى
يۇپۇرماق كىسلاتاسىنى ھامىلدار بۇلۇشتىن 3 ئاي بۇرۇن تۇلۇقلىغان ياخشى
يان تېلېفون، كومپيۇتېرنىڭ ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىگە بولغان زىيىنى
تۇخۇم ۋە بالىلار قىزىتمىسى
ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنچۇقلار بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىسز
بالىلارغا قېتىقنى كۆپ ئىچۈرۈشنىڭ زىينى
ئائىلە تەربىيەسىدىكى بىر مىنۇت ......
بالىلارغا قالدۇرۇلغان يۈز جۈملە ‹‹ ماختاش سۆزى››
ئاتا-ئانىلارغا ئون تەكلىپ
ئائىلە تەربىيىسىدىكى خاتالىقلار
ئانىنىڭ رولى ئىنتايىن مۇھىم
