• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • يان تېلېفون، كومپيۇتېرنىڭ ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىگە بولغان زىيىنى

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2014-01-28
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>
    بۇ مەزمۇن ئاقيول تورىدىن كۆچۈرۈلگەن . تور ئادرېسىمىز:

    yr1ئاقيول تور بىكىتى

    ھازىر يان تېلېفون كومپيۇتېرنىڭ ئومۇملىشىشى ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ بىرىنچى قاتىلىغا ئايلانماقتا . جۇڭشەن ئۈنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى كۆز كېسىلى دوختۇرخانىسىنىڭ مۇتەخەسسىسى لۇ جىنخۇانىڭ ئېيتىشىچە يان تېلېفون كومپيۇتېرنىڭ ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆزىگە بولغان زىيىنى تېلېۋىزورنىڭ كۆزگە بولغان زىيىنىنىڭ 12 ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدىكەن.yr1ئاقيول تور بىكىتى

    ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش كىتاب ئوقۇش كومپيۇتېر يان تېلېفون بىلەن مەشغۇلات قىلىش ۋاقتى زىيادە ئۇزاق بولۇپ كەتسە ئاسانلا يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىكەن. مۇتەخەسسىسنىڭ تەكلىپى: بالىلارنىڭ يېقىندىكى نەرسىگە قارىغان ۋاقتى 15 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتسە چوقۇم دەرھال كۆزنى ئارام ئالدۇرۇش كېرەك بەش مېتىر ئارىلىقتىكى نەرسىلەرگە قاراپ بەرگەندە كۆزگە بولغان پايدىسى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.yr1ئاقيول تور بىكىتى

    يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالامەتلىرى:yr1ئاقيول تور بىكىتى

    1.كۆز چارچاش. بەزى بالىلارنىڭ كىتاب كومپيۇتېر يان تېلېفون كۆرگەن ۋاقتى ئۇزارغانسىرى خەتلەر قوش كۆرۈنىدىكەن بېشىنى كۆتۈرۈپ نەرسىلەرگە قارىغاندا ئېنىق پەرق ئېتەلمەيدىكەن نەرسىلەر تەۋرەنگەندەك كۆرۈنىدىكەن. بۇلار كىرپىكسىمان مۇسكۇللارنىڭ تەڭشەش ئىقتىدارىنىڭ ناچارلىشىۋاتقانلىقىنىڭ ئالامىتى بولۇپ كۆزنىڭ چارچىشىدىن كېلىپ چىقىدىكەن.yr1ئاقيول تور بىكىتى

    2.كۆز سىرتى ياللۇغلىنىش. بىر قىسىم ياش – ئۆسمۈرلەردە دانچە ئىششىق يىڭناسقۇ ياكى قاپاق گىرۋىكى ياللۇغى قاتارلىقلار تەكرار كۆرۈلىدىكەن. بەزىلەرنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى 1.0 دىن ئېشىپ كېتىدىكەن بۇ ئالامەت سىزنىڭ ئاللىبۇرۇن يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىڭىز ھېسابلىنىدىكەن.yr1ئاقيول تور بىكىتى

    3.بىر نەرسە رېئاكسىيە قىلىۋاتقاندەك سەزگۈدە بولۇش. كۆز چارچىغاندا كۆپىنچە بالىلاردا كۆزى ئوتتەك قىزىپ كېتىش قىچىشىش قۇرغاقلىشىش ئاغرىق كېڭىيىش ئېغىرلاشقاندا ئاغرىق كۆز چانىقىدىن كېڭىيىپ ھەتتا بېشىنىڭ يېرىمى ئاغرىش گەجگە بويۇن مۆرە ئارقىسى سىرقىراپ ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن بۇمۇ كۆز سەزگۈ نېرىپلىرىدە چارچاش خاراكتېرلىك زىيادە سېزىمچانلىق پەيدا بولغانلىقتىن بولىدىكەن.yr1ئاقيول تور بىكىتى

    4. بەدەن نېرىپلىرى تەڭپۇڭلۇقىنىڭ بۇزۇلۇشى. ئەسلىدە ئۆگىنىش نەتىجىسى ياخشى بالىلاردا ئۆگىنىشتىن بىزار بولۇش كەيپىياتى دەرس ئۆتۈلۈۋاتقاندا دىققىتىنى يىغالماسلىق ئىنكاسى تۆۋەنلەش تېرىككەك بولۇپ قېلىش ئۆگىنىش نەتىجىسى تۆۋەنلەپ كېتىش كۆپ تەرلەش بېشى قېيىش ئىشتىھاسى تۇتۇلۇشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدىكەن. بۇمۇ يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىنىڭ يىقىنلىشىۋاتقانلىقىنىڭ ئالامىتى ھېسابلىنىدىكەن.yr1ئاقيول تور بىكىتى

    بۇ مەزمۇن ئاقيول تورىدىن كۆچۈرۈلگەن . تور ئادرېسىمىز: ئادىرسىمىز
    ئەڭ يىڭى ئانىلار ساۋاتلىرى