• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • ئانىنىڭ رولى ئىنتايىن مۇھىم

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2014-01-28
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    anIئاقيول تور بىكىتى

    ئانا بالىغا نىسبەتەن بىر دىپلومات بالا بولسۇن مەيلى چوڭ ئادەم بولسۇن ئۇلارغا بۇنى قىلىشقا بۇيرۇق قىلىش ئۇنى قىلىشنى چەكلەشلەرنىڭ ھەممىسى ئەكىس تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ شۇڭلاشقا بالا قىلىماق دېمىسىمۇ ئاڭلىق قىلمايدىغان بىر خىل ئۇسۇلنى ئويلىنىش كېرەك ئۇلارنى ئۆگىنىش قىىلشقا بۇيرۇش مەجبۇرلاشنىڭ پايدىسى يوق ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش قىلىشقا بۇيرۇش ئۇلارنى ئۆگىنىشكە توغرا مۇئامىلە قىلىشقا يېتەكلەشكە يەتمەيدۇ.anIئاقيول تور بىكىتى

    ئانىلارنىڭ ئۆزىنىڭ بالىلسىنىڭ قەلبىدىكى نوپۇزىنى تىرىشىپ ساقلىشى كېرەك.بەزى ئانىلار ئاجايىپ كىيىملەرنى كىيپ رەستىلەردە مېڭىپ كىشىلەرنىڭ كۈلكە دەستىكىگە ئايلىنىپ قالىدۇ يەنە بەزىلەرنىڭ سۆلەتۋازلىقى رەتسىز ئۈستۋېشىمۇ ئوخشاشلا كىشىلەرنىڭ مەسخىرىلىك كۈلدۈرىدۇ بالا باشقا بالىلارنىڭ ئانىسىنى زاڭلىق قىلىشقانلىقىنى كۆرسە ئوڭايسىزلىنىپ كېتىدۇ شۇنداق بولۇپلا قالماي بۇ يەنە بالىلارنىڭ روھىغا ناھايىتى يامان تەسىر ئېلىپ ئېھتىياتچان بولۇشى چېچىلاڭغۇلۇق قىلىماسلىقى يەنە ھەددىدىن ئارتۇق پەرداش قىلىۋالماسلىقى كېركە ئۇنداق بولمايدىكەن ئانىنىڭ نوپۇزى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ شۇنداقلا بۇ تۆۋەنلەش بالىنى تەربىيلەشنىڭ مەغلۇم بولغانلىقىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالىدۇ.anIئاقيول تور بىكىتى

    ستنا خانىم كىتابىدا مۇنداق ھېكايىنى خاتىرىلەيدۇ.anIئاقيول تور بىكىتى

    مەن بىلىدىغان ئادەملەر ئىچىدە بىر ئانا قىزىنى قىزلار مەكتىپىدە ئوقۇتتى ئۇ يېمەي-ئىچمەي قىزىنى سالاھىيىتىگە ماس كەلمەيدىغان كىيملەر بىلەن ياساپ قويدى شۇنداق تۇرۇقلۇق قىزى ئۇنى ئازراقمۇ ياقتۇرمىدى بىر قېتىم ئۇ ماڭا:anIئاقيول تور بىكىتى

    -ئانام ئۇنداق چاكىنا كىيىملەرنى كىيىپ مەكتەپكە كەلسە ناھايىتى خىجىل بولۇپ كېتىدىكەنمەن -دېدى ئانا بولغۇچى ئۇنداق قىلماسلىق كېرەك.بەلكىم بەزىلەر بۇ قىزنى شەپقەتسىزكەن دېيىشى مۇمكىن لېكىن مەن ئۇ قىزغا ھېسداشلىق قىلمەن بۇ ئايال قىزىنى تولۇق چەت ئەلچە كەيپىياتتىكى قىزلار مەكتىپىگە بەرگەن بولسىمۇ مەن ئۇنى ئانىلىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلالمىدى دەپ قارايمەن.anIئاقيول تور بىكىتى

    بۇ بالىنىڭ ئاتا-ئاىنسىنىڭ سايسى ئىكەنلىكىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئىسپاتلايدۇ ئانىنىڭ ئۈستىۋېشى رەتسىز بولسا بالىمۇ شۇنداق بولىدۇ بۇ ئۆزىدىنلا مەلۇم چېچىلاڭغۇ ناچار ئادەت دائىم بىر ئادەمنى ئۆمۈر بويى چىرمىۋالىدۇ بۇ ئادەمگە ئىنتايىن پايدىسىز.جەمئىيەتتىكى نۇرغۇن كىشىلە ئۈستۋېشىنىڭ رەتسىز بولۇشى سەۋەبىدىن مەرتىۋىسىنىڭ ئېشىش پۇرسىتىنى كەتكۈزۈپ قويىدۇ.anIئاقيول تور بىكىتى

    شۇڭلاشقا بىر ئادەمنىڭ ياسىنىشى ھەرگىز كىچىك ئىش ئەمەس.anIئاقيول تور بىكىتى

    ئۈستىۋېشى رەتسىز بولسا كەيپىياتىمۇ چېچىلاڭغۇ بولىدۇ ئەكىسچە ئۈستىۋېشى رەتلىك بولسا ئادەمنىڭ روھىمۇ كۆتۈرەڭگۈ بولىدۇ شۇڭلاشقا كىيىم-كېچەكتە ئىسراپچىلىق قىلماسلىق لېكىن چوقۇم رەتلىك بولۇش كېرەك كىيىمنى رەتلىك كىيىش يەنە ئادەمدە ئۆزىنى قەدىرلەش تۇيغۇسىنى پەيدا قىلىدۇ ھەتتا ئاتمۇ شۇنداق ئۇنى ياخشى ئېگەر بىلەن ئېگەرلىسە شۈكلەپلا قالىدۇ ئات ئۇنداق بولغان يەردە بالىمۇ شۇنداق بولىدۇ-دە.ئۆزىنى قەدىرلەشنى بىلمىگەن بالا قەتئىي ئۇلۇغ ئادەم بولالمايدۇ.anIئاقيول تور بىكىتى

    كىيىم-كېچەككە دىققەت قىلىش بىلەن بىرگە يەنە بالىنىڭ بەدىننىڭ پاكىزلىقىغىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك بالىغا يۈز قوللىرىنى يۇيۇشنى ئەتىگەندە چىش چوتكىلاشنى چاچ تاراشنى ئۆگتىش كېرەك بەدەننىڭ پاكىز بولۇشىمۇ بالىدا غورۇر پەيدا بولۇشىنى ئىلىگىرى سۈرىدۇ لېكىن بالىدا قونچاقتەك ياسىنۋالىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۈپ قويۇشقا بولمايدۇ بالىنىڭ بۇنداق بولۇزى ئانىنىڭ تەسىردىن بولىدۇ شۇڭلاشقا چوقۇم سەگەك بولۇش كېرەك ياشىغانكەنمىز ھېچ ئىش قىلمايمەن دېيەلمەيمىز بەزى ئاياللار ئۆزىنى ۋە بالىسىنى تەربىيلەشكە قىزىقمايدۇ بۇنداق ئادەملەر دائىم كىيىم-كېچەك مۇسابىقىسىنىڭ ھەلەكچىلىكىدە يۈرىدۇ بالىنى تەربىيلەش ئۈچۈن بۇنىڭدىن ساقلىنىش زۆرۈر.anIئاقيول تور بىكىتى

    كۆپ سانلىق ئانىلار بالىسىنى ئوينىتىشقا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ بۇ بەك ناچار ئىش ئۇلار ئۆي ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش يۈرۈپ بالىسى بىرەر ئىشنى قىلىپ كۆرسىتەي دېسە قاراپمۇ قويمايدۇ شۇڭلاشقا بالا بىمەنىلىك ھېس قىلىپ كۆرسىتەي دېسە قاراپمۇ قويمايدۇ شۇڭلاشقا بالا بىمەنىلىك ھېس قىلىپ خۇشال بولالمايدۇ بەزىدە ھەتتا ئەيىنلىنىدۇ ۋە تاياق يەيدۇ بۇنىڭ ھەممىسى ئانىنىڭ سەۋەنلىكى ئانا بولغۇچىلار چوقۇم بالا بىلەن بىرگە ئوينىشى كېرەك بەزى ئانىلار بالىسىغا كىيىم تىكىپ بېرىش ئېرىگە پايپاق توقۇپ بېرىش قاتارلىقلارنى دەپ بالىسى بىلەن كارى بولمايدۇ بۇ ئانىلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالمىغانلىق بولىدۇ بالىسى تەربىيلەش ئانىنىڭ مەجبۇرىيىتىھەممە كىيىمنى تىككۈچىلىك دۇكىنىغا ئاپىرىپ بەرمىسىمۇ بولىدۇ بىراق كىيىم تىكىش تىكىشنى دەپ بالىغا قارىمىسىمۇ بولمايدۇ بىز زامانىۋى مەدەنىيەتلىك دەۋردە تۇرۇۋاتىمىز ھەممىنى ئۆزى قىلىش تېجەشلىك بولغان ھېسابلانمايدۇ.مەدەنىي دەۋردە مەدەنىيەتنى ئىلىشتىن كېرەك ئامال بار مۇئەييەن ۋاقىت چىقىرىپ پەرزەنتلەرنى تەربىيلەش كېرەك بالىلار ئۆزى ئوينىسا چوقۇم غەلۋە-غۇدۇر قىلىشىدۇ يىغلىشىدۇ توۋلىشىدۇ خۇددى بالىنى سۇ ئۈزدۈرگەندەك ئۆي ئىچىدىمۇ ئۇنىڭ ئوينىغىنىنى كۆزىتىش كېرەك.anIئاقيول تور بىكىتى

    بۇ جەھەتتە:ياپونىيىلىك ئانىلارنىڭ كۆپ تەرەپلىرى ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ ئۇلار تىرىشىپ بالىلار بىلەن بىرگە ئوينايدۇ بىرىنچى ئايدا بالىلىرى بىلەن قارتا ئوينايدۇ ئۈچىنچى ئايدا چوقۇنىدۇ(قىزلار بايرىمى جورىسىغا باش قويۇش ئويۇنى) بەشىنچى ئايدا ئوغۇل بالىلار بايرىمى ئۆتكۈزۈپ كارىپ بېلىقى تۇغى ئاسىدۇ يەتتىنچى ئايدا يەتتىنچى ئاينىڭ يەتتسى(تىلەمچىلەر بايرىمى)نى ئۆتكۈزىدۇ.anIئاقيول تور بىكىتى

    ياپونىيلىك ئانىلار ئامېرىكىلىق ئانىلاردەك ئۆينىڭ ئىچىگە مىلىچمال دۇكىنى ئېچىپ ئەسكى-تۈسكىلەرنىڭ ھەممىسىنى تىزىپ بالىسىنى ئۇنى تۇتما بۇنىڭغا تەگمە دەپ قەدەمدە ئەيىبلەپ يۈرمەيدۇ بەلكى ئۆينى ناھايىتى ئازادە تۈزەشتۈرۈپ بالىنىڭ ئوينىشىغا قۇلايلىق يارىتىدۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئامېرىكىلىقلاردەك ئۆيگە ئاياغ بىلەن كىرمەيدۇ شۇڭلاشقا ئۆي ئىچى ئىنتايىن پاكىز تۇرىدۇ بالىلار يەردە ئويناۋېرىدۇ.anIئاقيول تور بىكىتى

    مەنبە:(خارۋاد تالانتلىقلىرى)دېگەن كىتابتىن ئېلىندىanIئاقيول تور بىكىتى

    ئادىرسىمىز
    ئەڭ يىڭى ئانىلار ساۋاتلىرى