سۆيۈش ئامراقلىقنى ئىپادىلەشنىڭ بىر خىل شەكلى بولغاچقا، مەيلى ئاپا، دادا ياكى باشقىلار بولسۇن بوۋاقنى ئامراقلىق قىلىپ سۆيۈپ كېتىدۇ. بىراق بۇنداق ئامراقلىقنىڭ بوۋاقلارغا نىسبەتەن تولىمۇ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى نۇرغۇن كىشى بىلمەيدۇ.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، بوۋاقلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى نىسبەتەن ئاجىز بولغاچقا، سۆيگۈچىلەردە زۇكام ياكى باشقا كېسەل بولسا، بوۋاقلار ئاسانلا يۇقۇملىنىپ قالىدىكەن. بولۇپمۇ تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا بوۋاقلارنى ھەرگىز سۆيمەسلىك كېرەككەن.
1.ئائىلە باشلىقلىرى زۇكام، تارقىلىشچان قۇلاق ئالدى بېزى ياللۇغى، بادامسىمان بەز ياللۇغى، جىگەر ياللۇغى، بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى ۋە قىزىل قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللەرگە گىرىپتار بولغاندا، بولۇپمۇ ئۆزىدە تاشما، سۇلۇق قاپارتما قاتارلىق ئالامەتلەر بايقالغاندا بوۋاقلارنى سۆيمەيلا قالماستىن، بەلكى بوۋاقلاردىن ئايرىلىپ تۇرۇش ھەم جىددىي داۋالىنىش كېرەككەن.
2.نۇرغۇن ئاشقازان ئۈچەي يولى باكتېرىيەلىرى، مەسىلەن، چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيەسى ۋە ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسى قاتارلىقلار يۇقۇملۇق بولغاچقا، ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ئىچى سۈرۈپ قالغان ياكى ئاشقازان يارىسى قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ قالغاندا، بوۋاقلارنى سۆيمەسلىكى، يېمەكلىكلەرنى چايناپ بەرمەسلىكى ۋە پۈۋلەپ بەرمەسلىكى كېرەككەن، بولمىسا بوۋاقلار ئاسانلا يۇقۇملىنىدىكەن.
3. ئائىلە باشلىقلىرى ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىرى، بولۇپمۇ چىش مىلىكى ياللۇغى، چىش يىلىكى ياللۇغى ۋە چىش چىرىش قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولغاندا، بوۋاقلارنى سۆيمەسلىك كېرەككەن، بولمىسا بوۋاقلار ئاسانلا چىش چىرىش قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولىدىكەن.
4.ئانىلار قويۇق گىرىم قىلىۋالغاندىمۇ بوۋاقلارنى سۆيمەسلىكى كېرەككەن. گىرىم بۇيۇملىرىدا ھامان ئاز – تولا خىمىيەلىك ماددىلار، ھەتتا بەزى گىرىم بۇيۇملىرىدا قوغۇشۇن بولغاچقا ئانىلار بوۋاقلارنى سۆيگەن ياكى بوۋاقلارغا ئۆزىنى سۆيدۈرگەندە، بەزى زىيانلىق ماددىلار بوۋاقلارنىڭ تېنىگە كىرىپ، بوۋاقلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىكەن.
يان تېلېفون، كومپيۇتېرنىڭ ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىگە بولغان زىيىنى
تۇخۇم ۋە بالىلار قىزىتمىسى
ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنچۇقلار بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىسز
بالىلارغا قېتىقنى كۆپ ئىچۈرۈشنىڭ زىينى
ئاتا-ئانىلارغا ئون تەكلىپ
ئائىلە تەربىيىسىدىكى خاتالىقلار
ئانىنىڭ رولى ئىنتايىن مۇھىم
بالا ئېمىتىۋاتقان ئانىلار سۈتىنى ساغقاندا...
ئاياللار ئۈچۈن پەرزەنت كۆرۈشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى
تۆرەلمىنىڭ يىتىلىش جەريانى
يۇپۇرماق كىسلاتاسىنى ھامىلدار بۇلۇشتىن 3 ئاي بۇرۇن تۇلۇقلىغان ياخشى
يان تېلېفون، كومپيۇتېرنىڭ ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىگە بولغان زىيىنى
تۇخۇم ۋە بالىلار قىزىتمىسى
ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنچۇقلار بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىسز
بالىلارغا قېتىقنى كۆپ ئىچۈرۈشنىڭ زىينى
ئائىلە تەربىيەسىدىكى بىر مىنۇت ......
بالىلارغا قالدۇرۇلغان يۈز جۈملە ‹‹ ماختاش سۆزى››
ئاتا-ئانىلارغا ئون تەكلىپ
ئائىلە تەربىيىسىدىكى خاتالىقلار
ئانىنىڭ رولى ئىنتايىن مۇھىم
