بوۋام ئاچقۇچ ساقلاشنى ياخشى كۆرەتتى. ئايرىم بىر ئېغىزلىق ئۆينىڭ تېمىغا نۇرغۇن ئاچقۇچلار ئېسىقلىق ئىدى. بىر قېتىم ئۇ مېنىڭ تەلىپىم بىلەن بىر تىزىق رەڭگا-رەڭ ئاچقۇچنى ئوينىشىمغا بەردى. مەن چوڭ ئاچقۇچ ھالقىسىدىكى ئاچقۇچلارنى بىر-بىردىن چىقىرىۋېلىپ، ئوخشاش رەڭلىكلەرنى تۈرگە ئايرىپ چىقتىم. بوۋام بىر چەتتە تۇرۇپ ماڭا چۈشەندۈرگۈچى بولدى.
ـــ سەن تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن، ئاتا-ئاناڭ بىز بىلەن بىللە تۇراتتى، مانا بۇ ئۇلار تۇرغان ئۆينىڭ ئاچقۇچى. ماۋۇ مىسرەڭ ئاچقۇچقا قارا، ئۇنى مېنىڭ ئانام، يەنى سېنىڭ ئۇلۇغ موماڭ تۇرغان ئۆينىڭ ئاچقۇچى. ھەي، ئۇ ئۆي 25 يىل بۇرۇن بىر قېتىملىق ئوت ئاپىتىدە كۆيۈپ كەتكەن. تېخى ماۋۇ ئاچقۇچ ئىلگىرى ھەيدىگەن ماشىنامنىڭ ئاچقۇچى ئىدى، مانا ماۋۇ بولسا ئەسۋابلىرىمنى قويىدىغان بالىخانىنىڭ ئاچقۇچى، مېنىڭ تېخى كانكى ئايىغىمنىڭ ئاچقۇچىمۇ بار، ماشىنا ھەيدەشتىن بۇرۇن ۋېلسىپىت مىنەتتىم، ۋېلسىپىت مىنىشتىن بۇرۇن مېنىڭ قاتناش قورالىم كانكى ئىدى، ۋېلسىپىت كانكى ئايىغىمنىڭ ئورنىنى ئالغاچقا مەن ۋېلسىپىتنىڭ ئاچقۇچىنى كانكىنىڭ ئاچقۇچى دەۋالدىم.
بوۋام ئاچقۇچلارنىڭ ھېكايىسىنى زوق-شوق بىلەن ئاغزى بېسىلماي سۆزلەپ كەتتى، ئەمما مېنىڭ دىققىتىم باشقا ئاچقۇچلاردىن پەرقلىق بىر تىزىق ئالاھىدە چوڭ ئاچقۇچقا يۆتكەلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ھۇجرا تېمىنىڭ تۆرىسىگە ئېسىقلىق ئىدى. ئۇنى ئېگىزگە ئېسىپ قويۇشۇمدىكى سەۋەب بۇ ئاچقۇچلارنىڭ بەكمۇ ئەتىۋارلىق دەپ چۈشەندۈرگەن ئىدى بوۋام. ئۇ يەنە، ئاچقۇچلارنىڭ ھەر بىرى 12 سانتىمېتىر كېلىدۇ، ئۇستىگە تېخى خەت ئۇيۇلغان، ئۇنى سەن بالاغەتكە يەتكىنىڭدە سوۋغا قىلىمەن، دەپ ۋەدە بەردى.
بوۋام ۋەدىسىدە تۇرۇپ 18 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنۈمدە ھېلىقى بىر تىزىق ئاچقۇچنى ماڭا سوۋغا قىلدى. ئاچقۇچلارنى قولۇمغا ئالغاندىن كېيىن بوۋامنىڭ نېمىشقا ئۇلارنى ئەتىۋارلىق دېگەنلىكىنىڭ تېگىگە يەتكەندەك بولدۇم.
ئالتۇن رەڭ ئاچقۇچنىڭ بىر تەرىپىگە ‹‹سۆيگۈ›› دېگەن خەت، يەنە بىر تەرىپىگە بولسا ‹‹ئائىلەمنى، دوستلىرىمنى، خىزمەتداشلىرىمنى، ۋەتىنىمنى، تەڭرىمنى سۆيىمەن›› دېگەن خەتلەر ئۇيۇلغان ئىدى.
ئۇنىڭدىن باشقا ئاچقۇچلارنىڭ ھەممىسى كۈمۈش رەڭ بولۇپ ئىككىنچى ئاچقۇچنىڭ بىر تەرىپىگە ‹‹كەچۈرۈش››، يەنە بىر تەرىپىگە بولسا ‹‹دۈشمىنىڭنى، ساڭا ئەدەپسىزلىك قىلغان ۋە ساڭا ئەزىيەت يەتكۈزگەنلەرنى كەچۈرگىن›› دېگەن خەتلەر ئويۇلغان ئىدى.
ئۈچىنچى ئاچقۇچتا ‹‹سەۋرچان››، ‹‹ياشانغانلارغا، بالىلارغا، مېيىپلارغا مۇئامىلە قىلغاندا سەۋرچان بولغىن، ماشىنا ھەيدىگەندە، ئۆچرەتتە تۇرغاندا باشقىلار سەۋرچانلىقىنى يوقاتقاندا سەن چوقۇم سەۋرچان بولغىن›› دېگەن خەتلەر تۇراتتى.
تۆتىنچى ئاچقۇچتا ‹‹چۈشىنىش››، ‹‹مەسىلىنىڭ يەنە بىر تەرىپىنىمۇ كۆرۈشكە ماھىر بول.››
بەشىنچى ئاچقۇچتا ‹‹ئۈمىدۋار››، ‹‹قانداقلا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىساڭ چوقۇم ئۈمىدۋار بول، قارا يامغۇردىن كېيىن، ھاۋا چوقۇم ئېچىلىپ كېتىدۇ.››
ئالتىنچى ئاچقۇچتا ‹‹شۈكۈر قىلىش››، ‹‹ئېرىشكەنلىرىڭنى قەدىرلە، شۈكۈر قىلىشنى بىل، ئېرىشەلمىگەن نەرسىلىرىڭگە ئورۇنسىز ئازاپلىنىپ يۈرمە.››
يەتتىنچى ئاچقۇچتا ‹‹تىرىشىش››، ‹‹خىزمەتنى تىرىشىپ ئىشلە، ھەققىڭنى ئەمگەكچان بىر جۈپ قولۇڭ بىلەن ھالاللاپ ئال››.
سەككىزىنچى ئاچقۇچتا ‹‹پاكلىق››، ‹‹تېنىڭ ۋە يۈرىكىڭنى پاك تۇتقىن، پاكلىق گۈزەل ئەخلاققا ئەڭ يېقىن.››
توققۇزىنچى ئاچقۇچتا ‹‹ھەققانىي››، ‹‹ھەر قانداق ئىشتا ھەققانىي بولغىن، سۈكۈتمۇ بەزىدە يالغانچىلىق بولۇپ قالىدۇ.››
ئونىنچى ئاچقۇچتا ‹‹ئۆگىنىش››، ‹‹ئۆگىنىش ئارقىلىق، ئۆزۈڭنى ئۆزگەرتەلەيسەن، مۇكەممەللەشتۈرەلەيسەن، ئىدىيەڭ قاتمال بولۇپ قالمىسۇن›› دېگەن خەتلەر ئويۇلغان ئىدى.
مانا ھازىر مەنمۇ بىر بوۋايغا ئايلاندىم. گەرچە مەن بوۋامدەك نۇرغۇن ئاچقۇچنى ساقلىيالمىغان بولساممۇ ، ئەمما ئۇ سوۋغا قىلغان قىممەتلىك بىر تىزىق ئاچقۇچلار ئۆيۈمنىڭ تۆرىسىدە ئېسىقلىق بولۇپ، مەنمۇ نەۋرەم 18 ياشقا كىرگەن كۈنى ئۇنىڭغا سوۋغا قىلىمەن، ئۇنىڭمۇ نەۋرىسىگە سوۋغا قىلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.