كىچىك ئورمانلىقتا تۆت ھورۇن ياشايدىكەن. ئۇلار كۈن بويى ھېچ ئىش قىلمايدىكەن،ھەتتا تاماق يېيىشكىمۇ ھورۇنلۇق قىلىدىكەن. بىراق ئۇلار بىرلا ئىشنى قىلىشنى، يەنە ھورۇنلىقتا بەسلىشىشنى خالايدىكەن.تۆتىسى ھەر كۈنى بىللە ئولتۇرۇپ، باشقا ئىش قىلماي،كىم ئەڭ ھورۇن دېگەننىلا تالىشىدىكەن. بىرىنچى ھورۇن:
ـــ مېنىڭچە، مەن دۇنيادىكى ئەڭ ھورۇن. بىر كۈنى چۈشتە چىملىقتا ئۇخلاۋاتسام،بىر قېرى ئات يېنىمدا ئوتلىدى، ئۇ چۇۋۇق چاچلىرىمنى ئوتمىكىن،دەپ قېلىپ يېيىشكە باشلىدى.مەن ھورۇنلۇقۇمدىن ،مىدىر-سىدىر قىلمىدىم. ئۇ ئاخىر چېچىمنى پاك-پاكىز يەپ بولدى،ــ دەپتۇ.
ئىككىنچى ھورۇن كەمسىتمىگەن ھالدا:
ــ سەن مەنچىلىك ھورۇنمۇ؟ئۈستىبېشىمدىكى كىيمىمنى سالمىغىلى،يۇيمىغىلى ئۈچ يىل بولدى.كىيمىم ھۆل بولۇپ كەتسە، بەدىنىمنى بۇراپلا كۈنگە دۈمبەمنى قاقلايمەن،ــ دەپتۇ.
ئۈچىنچى ھورۇن:
سەن تېخى بۇرۇلىدىكەنسەن،مەن بۇرۇلۇشقىمۇ ھورۇنلۇق قىلىمەن.تۆنۈگۈن كارۋاتتا ياتقانىدىم،تۇرۇپ تاماق يېيىشكە ھورۇنلۇق قىلدىم.ئاپام بەدىنىمنى بۇراپ،ماڭا بىر قوشۇق ــ بىر قوشۇقتىن يېگۈزۈپ قويدى ـ،دەپتۇ.
تۆتىنچى ھورۇن:
مەنمۇ ساڭا ئوخشاش. ياتسام مېدىرلىغۇم كەلمەيدۇ. قارا، پۇتۇمنىڭ كالتىلىقىغا! سىلەر پۇتۇمنىڭ نېمىشقا بۇنداق كالتە بولۇپ قالغانلىقىنى بىلەمسىلەر؟ ئۇ كۈنى پۇتۇمنى ئۇزۇن سوزۇپ يولدا ياتقانىدىم،بىر يۈك ئاپتوموبىلى كەلدى.شۇ چاغدا پۇتۇمنى يېغىۋېلىشنى ئويلىدىم، لېكىن،ھورۇنلۇقۇمدىن مىدراتقۇم كەلمىدى.
ئاپتوموبىلنىڭ پۇتۇمنى بېسىپ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ياتتىم ،ـ دەپتۇ.