تولىمۇ نامرات ئىككى ئوتۇنچى بولۇپ، ئۇلار تاغدىن ئوتۇن كېسىپ كېلىپ تۇرمۇشىنى قامدايدىكەن. بىر كۈنى ئۇلار تاغدا ئىككى تاغار پاختىنى بايقاپ قېلىپ، كۆڭلىدە خۇشاللىق ھېس قىپتۇ. چۈنكى پاختىنىڭ باھاسى ئوتۇننىڭ باھاسىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولغاچقا، بۇ ئىككى تاغار پاختىنى سېتىۋەتسە، ئۆيىدىكى كىشىلەر بىر ئايغىچە ئاچ-زارلىقتا قالمايدىكەن. ئىككى ئوتۇنچى ھەر بىرى بىر خالتىدىن پاختىنى يۈدۈپ، ئۆيىگە قاراپ يول ئاپتۇ. ئۇلار خېلى يول ماڭغاندىن كېيىن، ئارىسىدىن بىرى تاغ يولىدا بىر توپ رەختنى ئۇچرىتىپتۇ. ئۇ ئادەتتىن تاشقىرى ھاياجانلىنىپ، ھەمراھىغا مەسلىھەت سېلىپ، يۈدۈۋالغان پاختىنى تاشلاپ، بۇ رەختنى ئۆيىگە بىرلىكتە ئېلىپ كېتىشنى ئېيتىپتۇ. ئۇنىڭ ھەمراھى بۇنداق قىلىشقا قوشۇلماي: «پاختىنى يۈدۈپ يولنىڭ يېرىمىنى بېسىپ بولغاندا، ئەمدى بۇنى تاشلىۋەتسەم، ئالدىدا تارتقان جاپايىمىز بىكار كەتمەمدۇ؟» دەپتۇ. ھېلىقى رەخت تېپىۋالغان ئوتۇنچى ئۇنىڭ نەسىھىتىنى ئاڭلىماي، ئۆزى كۈچىنىڭ بارىچە رەختنى يۈدۈپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپتۇ. يەنە بىر ئاز يول يۈرگەندىن كېيىن، رەخت يۈدۈۋالغان ئوتۇنچى ئورمانلىق ئىچىدە بىر نەرسىنىڭ پارقىرىغانلىقىنى كۆرۈپ، دەرھال يېنىغا بېرىپتۇ ۋە ئۇ يەردە چېچىلىپ تۇرغان ئالتۇننى كۆرۈپ، كۆڭلىدە: «ئەمدى بېيىپ كېتىدىغان بولدۇم» دەپ ئويلاپ مۈرىسىدىكى رەختنى تاشلاپ قويۇپ، ئالتۇنلارنى ئەپكەش بىلەن ئېلىپ كەتمەكچى بوپتۇ. ئۇنىڭ ھەمراھى يەنىلا ئۆز كۆز قارىشىدا تۇرۇپتۇ. ئۇ: «مىڭ جاپادا مۇشۇ يەرگە ئېلىپ كەلگەن پاختىنى، نېمىدەپ تاشلىۋەتكۈدەكمەن؟» دەپ ئويلاپتۇ. ئۇ ھەتتا ئالتۇنلارنىڭ راستلىقىدىن گۇمانلىنىپتۇ، ئالتۇن بايقىغان ئوتۇنچى ئۆزى يالغۇز ئالتۇنلارنى ئېلىپ كېتىشكە مەجبۇر بولۇپ، پاختا يۈدۈۋالغان ھەمراھى بىلەن يولغا چىقىپتۇ. ئۇلار تاغدىن چۈشكەن ۋاقىتتا ھاۋا بىردىنلا تۇتۇلۇپ، ئارقىدىنلا بىر پەس يامغۇر يېغىپتۇ. ئىككى ئوتۇنچى يامغۇردا چىلىق-چىلىق ھۆل بولۇپ كېتىپتۇ. ئەڭ يامىنى پاختا يۈدۈۋالغان ئوتۇنچىنىڭ پاختىسى يامغۇردا تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىپ، ئۇنىڭ كۆتۈرۈش كۈچىدىن تېخىمۇ ھالقىپ كېتىپتۇ. ئامالسىزلىقتىن، ئوتۇنچى مىڭ تەسلىكتە ئېلىپ كەلگەن پاختىسىنى تاشلىۋېتىپ، ئالتۇن كۆتۈرگەن ھەمراھى بىلەن قۇرۇق قول ئۆيىگە قايتىپتۇ.
بەزى چاغدا ۋاز كېچىش كۆپ نەرسىدىن مەھرۇم قالدۇرماستىن، ئەكسىچە تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەتكە ئېرىشتۈرۈشى مۇمكىن.