قۇياش دۆلىتىدە بىر ئەخمەق پادىشاھ بولغانىكەن.ئادەتتە ئۇنىڭ گەپ-سۆزى ئىنتايىن نورمال ئىكەن.بىراق،ھەر قېتىم ئەلچىلەر ياكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ۋەزىرلىرى زىيارەتكە كەلسىلا،ناھايىتى بىمەنە سۆزلەيدىكەن.
بىر قېتىم چەت ئەللىك ئەلچى زىيارەتكە كەپتۇ.بىر ئەقىللىق ۋەزىر تەكلىپ بېرىپ :
ــ شاھىم، مەن سىلىنچىلىرىنىڭ ئاستىدىن بىر تال يىپ ئۆتكۈزەي،بىر ئۇچىنى پۇتلىرىغا ،بىر ئۇچىنى مېنىڭ
قولۇمغا باغلاي.خاتا گەپ قىلىپ سالسىلىرى يىپنى تارتاي،گەپلىرىنى دەرھال توختىتىۋالسىلا، ــ دەپتۇ. پادىشاھ قوشۇلۇپتۇ. تۆت ئەلچى كەپتۇ.پادىشاھ تاقەتسىزلىك بىلەن ئۇلاردىن سۇئال سوراپتۇ:
ــ دۆلىتىڭلاردىكى ھايۋانلارنىڭ ھەممىسى سالامەتمۇ؟
ئەقىللىق ۋەزىر دەرھال يىپنى تارتىپيۇ.پادىشاھ شۇ ھامان توختاپ،قايتا ئېغىز ئاچماپتۇ.
ئەقىللىق ۋەزىر ئەلچىلەرگە چۈشەندۈرۈپ:
ــ شاھىمىزنىڭ سورىغان سۇئالىنىڭ مەنىسى ئىنتايىن چوڭقۇر. بۇ مۆھتەرەم دۆلىتىڭلاردىكى خەلق خۇشال-خۇرام ياشاۋاتامدۇ؟ ئات،ئۇلاغلار قوتاندا لىقمۇ؟ دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ،ــ دەپتۇ.
ئەلچىلەر بۇ گەپنى ئاڭلاپ،پادىشاھنىڭ غەمخورلىقىغا سەمىمىي تەشەككۈر بىلدۈرۈپتۇ.
كەچ كىرگەندە، پادىشاھ بۇ تۆت ئەلچىنى زىياپەتكە تەكلىپ قىلىپتۇ. ئۇ يەنە تاققا- تۇققا سۆز باشلاپ،كىشىلەرنى بىردە غەزەپلەندۈرۈپ، بىردە كۈلدۈرۈپتۇ.
ھېلىقى ئەقىللىق ۋەزىر ئۈستەلگە توشقۇززۇۋېتىلگەن قورۇمىلارنى كۆرۈپ، بىر چوكىمۇ يېمەستىن، ئاچچىقىدا زىياپەت ئۈستىلىنى ئۆرۈۋېتىپتۇ. ئاندىن پادىشاھقا:
ــ ئاليلىرى، بۇ ئەسكى پاشا-چىۋىنلەردىن بىر توپنى قوغلىسام،يەنە بىر توپى كىلىدۇ، قاچانمۇ قوغلاپ بولارمەن؟
ئاقىۋەت، كەمىنلىرى ئۈستەلنى ئۆرۈۋېتىشكە مەجبۇر بولدۇم،ـ دەپتۇ.
پادىشاھ باش لىڭشىتىپ چۈشەنگەندەك قىلىپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن،پادىشاھ تۆت ۋەزىرنى ئويۇن كۆرۈشكە باشلاپ كەپتۇ.ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇ يەنە بىمەنە سۆزلەشكە باشلاپتۇ. ئەقىللىق ۋەزىر بۇنىڭغا ئامال قىلالماي، ئۇنى مەيلىگە قويۇۋېتىشكە مەجبۇر بولۇپتۇ.