ياز كۈنلىرىنىڭ بىر چۈشتىن كېيىنلىكى ، ھاۋا بەك ئىسسىپ كېتىپتۇ ، ئۇ نۇرغۇن يەرلەرگە بېرىپ بىر ئاز ھېرىپ قاپتۇ ۋە بىرەر يەرنى تېپىپ مۈگدىۋالماقچى بوپتۇ . ئۇ شاخلىرى زىچ ، يوپۇرماقلىرى بولۇق ئۆسكەن بىر تۈپ ئەنبەھ دەرىخىنى كۆرۈپ قاپتۇ .دەرەخ تۈۋى سالقىن بولغاچقا ئۇ قالپاق قاچىلانغان سىۋەتنى يېنىغا قويۇپ ، ئەنبەھ دەرىخىگە يۆلەنگىنىچە ئۈگدەشكە باشلاپتۇ . بەك ھېرىپ كەتكەنلىكتىن تاتلىق ئۇيقىغا كېتىپتۇ . بىراق ئۇ ئۇيقىدىن ئويغىنىپ قارىسا سېۋەتتىكى قالپاقلارنىڭ بىرىمۇ يوق .
-ھەي ، نەس باستى -دە، -كەرىم قاتتىق خاپا بولۇپ كېتىپتۇ ، -ئوغرى نېمىشقا مېنى كۆزلەپ قالغاندۇ؟
ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ شۇنداق قارىسا دەرەخ ئۈستىدە سانجاق-سانجاق مايمۇنلار تۇرغۇدەك . ھەر بىر مايمۇننىڭ بېشىدا ئۇنىڭ قالپىقى بار ئىكەن . ئۇ مايمۇنلارغا قاراپ بار ئاۋازى بىلەن ۋارقىراپتۇ ، مايمۇنلارمۇ ئۇنىڭغا جاۋابەن چىقىرشىپتۇ . ئۇ مايمۇنلارغا قاراپ ھەييارلىق قىلىپتۇ ، نەتىجىدە ھەييارلىق قىلىشقا مايمۇنلار ئۇنىڭدىنمۇ بەك ئۇستا ئىكەن . ئۇ ئاخىرى ئۇلارغا قارىتىپ تاش ئېتىپتۇ ، مايمۇنلار بولسا ئەنبەھلەرنى ئۈزىۋېلىپ ئۇنىڭغا قارىتىپ ئېتىپتۇ ، ئەنبەھلەر خۇددى يامغۇر تامچىلىرىدەك ئۇنىڭ بەدىنىگە تاراسلاپ تېگىشكە باشلاپتۇ.
كەرىم ئامالسىز ئاچچىقىدا بېشىدىكى بۆكىنى ئېلىپ يەرگە قارىتىپ غەزەپ بىلەن ئېتىپتۇ . كىم بىلسۇن ، ھېلىقى مايمۇنلارمۇ ئۇنى دوراپ بېشىدىكى قالپاقلىرىنى يەرگە قارىتىپ ئېتىپتۇ . كەرىم ھەم ھەيران ھەم خوشال بوپتۇ ، دەرھال بېرىپ قالپاقلارنى يىغىپ سېۋىتىگە سېلىپتۇ-دە، يولىغا راۋان بوپتۇ.
50 يىلدىن كېيىن كەرىمنىڭ نەۋرىسى ئاباد بوۋىسىنىڭ كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىپ سېۋەت كۆتۈرۈپ يېزا–كەنتلەر ئارىسىدا قاتراپ قالپاق سېتىش سودىسىغا كىرىشىپتۇ .
ياز ئايلىرىنىڭ بىر چۈشتىن كېيىنلىكى ھاۋا بەك ئىسسىپ كېتىپتۇ ، ئۇ نۇرغۇن يەرلەرنى ئايلىنىپ بەك ھېرىپ كېتىپ ، ئازراق مۈگدىۋالماقچى بوپتۇ . ئۇ شاخلىرى زىچ ، يوپۇرماقلىرى بولۇق ئۆسكەن بىر تۈپ ئەنبەھ دەرىخىنى كۆرۈپ قاپتۇ. دەرەخ تۈۋى سالقىن بولغاچقا ئۇ قالپاق قاچىلانغان سېۋەتنى يېنىغا قويۇپ ، ئەنبەھ دەرىخىگە يۆلەنگىنىچە ئۈگدەشكە باشلاپتۇ . بەك ھېرىپ كەتكەنلىكتىن تاتلىق ئۇيقىغا كېتىپتۇ . بىراق ئۇ ئۇيقىدىن ئويغىنىپ قارىسا سىۋەتتىكى قالپاقلارنىڭ بىرىمۇ يوق.
ئاباد ئەتراپتىن يۈتكەن قالپاقلارنى ئىزدەشتۇرۈپ ، شۇنداق بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىسا دەرەخ ئۈستىدە سانجاق-سانجاق مايمۇن ، ھەر بىر مايمۇننىڭ بېشىدا قالپاق بار ئىكەن .
ئاباد قانداق قىلىشنى بىلەلمەي قاپتۇ ، ئەمما ناھايىتى تېزلا بوۋىسى ئېيتىپ بەرگەن ئەخمەق مايمۇنلارنىڭ قالپاقنى ئېتىپ بەرگەن ھېكايىسى يادىغا يېتىپتۇ .
-توغرا، تاپتىم، -دەپ ئويلاپتۇ ئاباد، -مەن نېمىشقا بوۋامنى دوراپ بۇ مايمۇنلارنى ئەخمەق قىلىپ قالپاقلارنى قايتۇرۋالمايمەن .
شۇنىڭ بىلەن ئاباد مايمۇنلارغا قول پۇلاڭلىتىپتۇ ، مايمۇنلارمۇ ئۇنىڭغا قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپتۇ ؛ ئۇ ئۇسسۇل ئويناپتۇ، مايمۇنلارمۇ ئۇسسۇل ئويناپتۇ ؛ ئۇ قۇلىقىنى سوزۇپتۇ ، مايمۇنلارمۇ ئوخشاش ھەرىكەت قىپتۇ ؛ ئۇ ئوڭ قولىنى كۆتىرىپتىكەن، مايمۇنلارمۇ ئوڭ قولىنى كۆتىرىپتۇ ، پەيت كەلدى دەپ بىلگەن ئاباد بېشىدىكى قالپىقىنى يەرگە قارىتىپ ئېتىپتۇ.
دەل شۇ چاغدا بىر مايمۇن دەرەختىن ئۇچقاندەك چۈشۈپ ئاباد يەرگە ئاتقان قالپاقنى ئېلىۋېلىپ يەنە شۇنداق تېزلىكتە دەرەخكە يامىشىپ چىقىپ كېتىپتۇ . ئاباد گاڭگىراپلا قاپتۇ ، بۇ ۋاقىتتا دەرەختىكى بارلىق مايمۇنلار ئاغزىلىرىنى يوغان ئېچىشىپ كۈلۈپ كېتىپتۇ ۋە مۇنداق دەپتۇ.
- مېنىڭلا بوۋام بار دەپ ئويلىغانمىدىڭ ، ئەخمەق .