• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • خاسىيەتلىك بۇغا

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2013-09-09
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

        (ھېكايە)

        ياقۇپ ئىسمائىلسوپى بوۋاي ياغاچ قۇرۇلمىلىق ئۆيىنى ياخشى كۆرەتتى. چۈنكى بۇ ئۆي يازدا سالقىن، قىشتا ئىسسىق بولغاننىڭ ئۈستىگە، ئۇنىڭ ھايات خاتىرىلىرىنى ئەسلىتىپ تۇراتتى. شۇڭا ئۇ ئورمان قاراۋۇللۇقىدىن بوشانغان بولسىمۇ، نەۋرىلىرىمگە تەبىئەتنى تونۇتىمەن دەپ شەھەرگە كەتمەي، مۇشۇ يەردە قالغانىدى.

        بوۋاي يوتقانغا ئورۇنۇپ ياتقان نەۋرىسىنىڭ يېنىغا كەلدى. بوۋىسىنىڭ كەلگىنىنى تۇيۇپ كۆزىنى ئاچقان توم بىر نەرسە دېمەكچى بولغاندەك لەۋلىرىنى مىدىرلىتىپ قويدى. ئەمما ھېچنەرسە دېمىدى. توم بۇ يىل ئون ياشقا كىرگەنىدى. ئۇ ھەر يىلى تەتىلنى بوۋىسىنىڭ يېنىدا ئۆتكۈزۈشنى ياخشى كۆرەتتى. بوۋاي ئۇنى ‹‹توم›› دەپ چاقىراتتى، چۈنكى ئۇ نەۋرىسىنىڭ چوڭ بولغاندا نازۇك، ئىنچىكە بولماي، قاۋۇل، توم بولۇشىنى ئارزۇ قىلاتتى.

        توم ئاخشامدىن بېرى يوتقانغا ئورۇنۇپ ياتاتتى. ئۇ قىزىتمىسى ئۆرلەپ، ئاغزىغا گىياھ سالمىغاچقا، بۇغداي ئۆڭلۈك يۈزى جۈدەپ، يوغان كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ، قاڭشارلىق بۇرنى تېخىمۇ كۆتۈرۈلۈپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى. سوپى بوۋاي ئالدىراپ قالدى، قىزىتما قايتۇرىدىغان چۆپلەرنى قاينىتىپ ئىچكۈزدى. بۇنىڭ بىلەن توم ئازراق ياخشىلانغاندەك قىلدىيۇ تاڭغا يېقىن يەنە قىزىشقا باشلىدى.

        -قوزام قانداقراق تۇرىسەن؟

        -خېلى ياخشى، بوۋا ماڭا ھېلىقى خاسىيەتلىك بوغا بالىسىنىڭ ھېكايىسىنى ئېيتىپ بېرىڭە.

        بوۋاي نەۋرىسىنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ ھېكايە ئېيتىشقا باشلىدى. ئۇ نۇرغۇن ھېكايە بىلەتتى. گەرچە ئۇ ئېيتقان ھېكايىلەر باشتا قورقۇنچلۇق ياكى ئېچىنىشلىق بولسىمۇ، ئاخىرى غەلىبە بىلەن ئاخىرلىشاتتى.

        ھېكايە تۈگىدى. خاسىيەتلىك بۇغا بالىسى خەتەردىن ئەپچىللىك بىلەن قۇتۇلۇپ، يالماۋۇزنى يەڭگىنىدە تومنىڭ كۆزلىرى بىردىنلا نۇرلىنىپ، ياستۇقتىن بېشىنى ئازراق كۆتۈردى.

        -بوۋا، مېنىڭمۇ ئاشۇ خاسىيەتلىك بۇغا بالىسىدەك بىر بۇغام بولغان بولسا قانداق ياخشى بولاتتى – ھە؟ شۇنداق خاسىيەتلىك بۇغا بالىسى ھازىرمۇ بارمۇ؟

        سوپى بوۋاي ئويلىنىپ قالدى. ئۇ نەۋرىسىنىڭ بۇنداق سوئال سورايدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغاچقا، نېمە دەپ جاۋاب بېرىشىنى بىلمەيتتى. شۇنداقتىمۇ ئۇ يەنىلا جاۋاب بەردى:

        -بار بالام، بىزنىڭ ئالتۇندەك زېمىنىمىزدا ھەممە نەرسە بار.

        -ئۇنداقتا سىز ئۇنى كۆرگەنمۇ؟

        -قىرىق نەچچە يىل ئورمان باققان بوۋاڭ نېمىلەرنى كۆرمىدى دەيسەن؟ ئىزدېسەڭ بۇ ئورمانلىقتىن ھەممە نەرسە تېپىلىدۇ. بۇ يەرنىڭ ئورمانلىرى، تاغۇ تاشلىرى، ياۋايى ھايۋانلىرى، ھەتتا ھەر بىر تۈپ گىياھىمۇ ئادەمگە كۈچ – قۇۋۋەت ئاتا قىلىدۇ.

        -مېنىڭ ئاشۇنداق خاسىيەتلىك بۇغا بالىسىدىن بىرنى باققۇم بار. ماڭا تۇتۇپ بېرەلەرسىزمۇ؟

        بوۋاي نەۋرىسىنىڭ سوئالىدىن ئۆزىنى قاچۇرماقچى بولسىمۇ، ئۇنداق قىلالمىدى. بالا بوۋىسىنىڭ كۆزىگە ئىشەنچ بىلەن تىكىلىپ تۇراتتى.

        -بولىدۇ بالام، بولىدۇ. سەنلا ساقىيىدىغان ئىش بولسا، بوۋاڭ ساڭا ئاسماندىكى ئاينى ئېلىپ بېرىشكىمۇ تەييار.

        سوپى بوۋاي بۇ سۆزلەرنىڭ ئاغزىدىن قانداق چىقىپ كەتكەنلىكىنى بىلمەي قالدى. نەۋرىسىنىڭ ۋەزىپە تاپشۇرۇشى بىلەن ئۇ ھەممىنى ئۇنتۇغانىدى. شۇڭا ئورنىدىن تۇرۇپ، ئىشىكتىن چىقتى. ئورمان ئۇنىڭغا قۇچىقىنى كەڭ ئېچىپ تۇرغاندەك بىلىندى. سوپى بوۋاي بۇ پايانسىز ئورمانلىقتا خۇددى ئۆز ئۆيىدە يۈرگەندەك يۈرەتتى. ئۇ ئات مىنىپ، مىلتىق ئېسىپ پۈتۈن ئۆمرىنى مۇشۇ ئورمانلىقتا ئۆتكۈزگەچكە، چېغىر يوللارنى، يول ئۈستىدىكى بەلگىلەرنى، ھەتتا نەچچە يۈز چاقىرىم يىراقلىقتىكى يەرلەرنى بەش بارمىقىنى بىلگەندەك ئېنىق بىلەتتى. ھازىر كۈز پەسلى بولغاچقا، ئورمانلىق ئاجايىپ گۈزەللىشىپ كەتكەن، خىلمۇخىل ئېچىلغان رەڭگارەڭ گۈللەر ئورماننى خۇش پۇراققا تولدۇرغانىدى. ئۇ كېتىپ بارغان چېغىر يول يىلان باغرى بولۇپ، تاغقا تۇتىشاتتى. سوپى بوۋاي تاغنىڭ بېلىگە چىققاندا قولىنى سايىۋەن قىلىپ، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان مەنزىرىلەرگە ئۇزاق تىكىلدى. ئۇنىڭ مىلتىق تۇتقان قولى، بىر چاغلاردا مېڭىپ ھارمايدىغان بىر جۈپ پۇتى بىلىنەر – بىلىنمەس تىترەۋاتاتتى. بوۋاي ئېغىر خۇرسىندى. ئۆزىنىڭ راستىنلا قېرىغانلىقىغا قايىل بولۇپ يولىنى داۋام قىلدى. چۈنكى ئۇ ماڭمىسا بولمايتتى. ئۆيدە كېسەل ئازابىدىن ئەمدىلا قۇتۇلغان نەۋرىسى قالغانىدى. بەلكىم ئۇ ئىشىك ئالدىغا چىقىپ ئۆزىنىڭ يولىغا قاراپ تۇرغاندۇ. ئۇنى نائۈمىد قويۇش ياخشى ئىش ئەمەس. ئامال قىلىپ بۇغا بالىسىدىن بىرنى تۇتۇش كېرەك.

        بوۋاي ئويلاپ شۇ يەرگە كەلگەندە ۋۇجۇدى بىردىنلا تىكەنلىشىپ كەتتى. دېمەككە ئاسان، قىلماققا قىيىن بۇ ئىشتا، بۇغا بالىسى ئۇچراپ قالغان تەقدىردىمۇ ئۇنى قانداق تۇتقۇلۇق؟

        سوپى بوۋاي مېڭىشنى داۋام قىلىۋاتاتتى. بىر چاغلاردا بۇغا بالىلىرىنى تۇتقان، قىياق چۆپنىڭ ئىچىگە مۆكۈنۈپ، ئانا بۇغىغا ئوخشاش ئاۋاز چىقارغانلىقى ھېلىمۇ ئۇنىڭ ئېسىدە. ئادەم بالىسىنىڭ قولىدىن نېمە ئىشلار كەلمەيدۇ دەيسىز!؟ شۇنداق ۋاقىتلاردا ئانا بۇغىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان بۇغا بالىسى تايتاڭلىغىنىچە ئۇنىڭ ئالدىدا پەيدا بولاتتى. ئۇ چاغدا ئىش مانا شۇنداق ئاددىي ئىدى. ئەمما ھازىر ئۇنداق ئەمەس. تاغۇ تاشتا بۇغا – مارال ئازلاپ كەتتى. بىر كۈن كەچ كىرگىچە ئىزدەپمۇ ھېچنەرسە ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. ئۇچراتقان ھالەتتىمۇ ئۇ نېمىمۇ قىلالايدۇ؟

        بوۋاي كېتىۋېتىپ بىردىنلا مومىيىنى ئەسلەپ قالدى. ياش چېغىدا گېپى بىر يەردىن چىقىدىغان بوۋاي – موماي ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ پات – پات غىژىلدىشىدىغان بولۇپ قالدى. بەلكىم مومىيىنىڭ ئويلىغانلىرى توغرىدۇر. بەلكىم شەھەرگە كىرىپ شەھەرلىكلەردەك ياشىسا شەھەر جانغا ئارام بېرىدىغاندۇ. چۈنكى ئۇ يەردە بالىلىرى، ھۆكۈمەت سېلىپ بەرگەن ئازادە يورۇق ئۆيى بار. ھازىرقى كىشىلەر ئۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئۆمۈر جاپا چېكىشنى خالىمايدۇ. جاننى كۈتۈشنى بىلمىگەن ئادەم مۇشۇ زاماندا ئۇچىغا چىققان ئەخمەق ھېسابلىنىدۇ. ‹‹كەتكىڭىز بولمىسا ئۆزىڭىز قېلىڭ، مەن كەتتىم. سىزگە ئوخشاش جاھىل ھەم ئەخمەق ئادەمدىن ھازىر جاھاندا قانچىسى قالغاندۇ؟›› دېگەنىدى مومىيى كېتىدىغان چاغدا.

        سوپى بوۋاي ئاخىرى تاغقا ئۇلاشتى. بۇ يەردىكى قارىغايلارنىڭ ئۇچى ئاسمانغا تاقىشىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ باراقسان ئۆسكەن شاخلىرى بىر – بىرى بىلەن گىرەلىشىپ، بوۋاينىڭ بېشى ئۈستىدە قاراڭغۇ گۈمبەز ھاسىل قىلغانىدى. كۈن نۇرى شۇ گۈمبەزنىڭ بىر قانچە يېرىدىنلا ئۆتۈپ، ئورمانلىقنى گۇڭگا يورۇتۇپ تۇراتتى.

        سوپى بوۋاي ئورمانلىقنى بىر نەچچە سائەت ئايلاندى. بەزىدە ئاياغ ئاستىدا دەرەخ شاخلىرىنىڭ غارسىلداپ سۇنغان ياكى تۆمۈر تۇمشۇقنىڭ دەرەخ قوۋزىقىنى چوقىغان ئاۋازى ئاڭلىناتتى. ئۇ شۇنچە ئايلىنىپمۇ ھېچنەرسە ئۇچرىتالمىدى. كۈن ئاللىقاچان غەربكە قايرىلغان بولۇپ، قۇياشنىڭ تەپتىمۇ بوشاپ قالغانىدى.

        سوپى بوۋاي ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ئەتراپقا قارىغاندىن كېيىن تۆۋەنلەشكە باشلىدى. ئۇنىڭ ئۆيگە قايتقۇسى كەلمىسىمۇ، قايتماسقا ئىلاجى يوق ئىدى. بوۋاي تۆۋەنلەپ كېتىۋېتىپ، تاغ باغرىدىكى ئەينەكتەك پارقىراپ تۇرغان كۆل سۈيىگە قاراپ قويدى. بىر – بىرىگە باش قويغان تاغ تىزمىلىرى كۆل سۈيى بىلەن بىرلىشىپ، ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرە ھاسىل قىلغانىدى. سوپى بوۋاينىڭ بۇ يەردە 40 يىلدىن ئارتۇق ھايات كەچۈرگەنلىكى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس ئىدى. ئەگەر ئۇ چوڭ شەھەرلەردە ياشىغان بولسا، بۇ يەردىكىدەك ساپ ھاۋانى، تىمتاسلىقنى تاپالمايتتى...

        بوۋاي يەڭگىل نەپەس ئېلىپ، كۆزىنى كۆلنىڭ بېرىسىدىكى سازلىققا تىكتى. چاتقال ۋە ئوت – چۆپلەر ئۆسكەن، ئادەمنى ۋەھىمىگە سالىدىغان بۇ سازلىق ئون چاقىرىمچە كېلەتتى. بوۋاي بىردىنلا ئالدىدىكى چاتقاللار ئارىسىدىن بوغا بالىسىنىڭ قېچىپ چىققانلىقىنى كۆردى. بۇغا بالىسى بىر نەرسىدىن قورققاندەك جېنىنىڭ بارىچە يۈگۈرۈپ كېتىۋاتاتتى. بوۋاي كۆپ ئۆتمەي بۇغا بالىسىنىڭ كەينىدىن قوغلاپ چىققان بۆرىنى كۆرۈپ قالدى. قارىغاندا بۆرە بۇغا بالىسىنى خېلى ئۇزاق يەردىن قوغلاپ كەلگەندەك قىلاتتى. بوۋاي بىردىنلا ئالدىراپ قالدى. بۆرىنىڭ بۇغا بالىسىنى يەپ كېتىشىدىن بۇرۇن سازلىققا يېتىپ بېرىش ئۈچۈن جېنىنىڭ بارىچە يۈگۈردى. ئۇ چېغىر يولدا نەچچە قېتىم پۇتلىشىپ، مۆدۈرگەن بولسىمۇ ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا يۈگۈرۈپ كېتىۋاتاتتى.

        ئۇ كۆردى. بۆرىنىڭ بۇغا بالىسىغا يېتىشىۋېلىشىغا ئون نەچچە قەدەملا قالغانلىقىنى كۆردى. ئارىلىق يىراق بولغاچقا ئۇ يېتىپ بارغىچە بۆرە بۇغا بالىسىنى پارە – پارە قىلىۋېتەتتى. بوۋاي ئېسىنى يىغىپ، مىلتىقىنى توغرىلىدى. ‹‹پاڭ!›› قىلغان ئاۋاز بىلەن بۆرە توختاپ قالدى. ئۆزىنىڭ تېخى ساق – سالامەت ئىكەنلىكىگە كۆزى يەتكەندىن كېيىن، بۇغا بالىسىنى قوغلاشنى توختىتىپ، ياندىكى چاتقاللىققا كىرىپ كەتتى. بۇغا بالىسى قۇتۇلۇپ قالدى. ئەمما قاتتىق قورقۇپ كەتكەچكە يۈگۈرگىنىچە سازلىققا كىرىپ كەتتى. ئۇ لۆمشۈپ تۇرغان سازلىققا ئاستا – ئاستا پېتىۋاتاتتى. بوۋاي سازلىققا كىرگەندە، بۇغا بالىسى سازلىققا پاتقان ئاياغلىرىنى يۆتكەشتىن قالغانىدى. ئۇنىڭ چىرايلىق بىر جۈپ كۆزى ئادەمنىڭ ئىچى سېرىلغۇدەك دەرىجىدە پارقىرايتتى.

        -مەن كەلدىم، ئۇنچىۋالا قورقۇپ كەتمە ئەخمەق،- دېدى بوۋاي ئۇنىڭغا يېقىنلاپ. ئارىلىق قىسقىراۋاتاتتى. بەش مېتىر، تۆت مېتىر، ئۈچ مېتىر... بوۋاي سازلىققا پېتىپ كېتىۋاتقان ئاياغلىرىنى مىدىرلىتالماي قالدى. بوۋاي پىچىرلىدى:

        ئېھ خۇدا، ماڭا كۈچ – قۇۋۋەت ئاتا قىلغىن. مەن نەۋرەمگە خاسىيەتلىك بوغا بالىسىنى ئېلىپ بارمىسام بولمايدۇ. چۈنكى مەن ئۇنىڭغا ۋەدە قىلغان. ۋەدە دېگەن چىڭ قائىدە. يەنە ئازراقلا مەدەت بەرسەڭ بۇغا بالىسىنى قۇتۇلدۇرالايمەن. نەۋرەمگە بەرگەن ۋەدەمگە ئەمەل قىلالايمەن، ئىشلىرىمنى ئاسان قىلغايسەن...

        بوۋاينىڭ قۇلىقىغا بىردىنلا ۋارقىراشقان ئاۋازلار ئاڭلاندى. ئۇ كەينىگە بۇرۇلۇپ، لەۋلىرىنى يالاپ قويدى. نۇرغۇن كىشى ئۇنىڭغا قاراپ يۈگۈرۈپ كېلىۋاتاتتى. ئۇ نەۋرىسىنى كۆردى. نەۋرىسى ئىككى قولىنى كەڭ يايغىنىچە ھەممىنىڭ ئالدىدا يۈگۈرۈپ كېلىۋاتاتتى...-

    ئادىرسىمىز
    يىڭىلانغان بالىلار بىلىملىرى
    ئەڭ يىڭى بالىلار چۆچەكلىرى