• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگىمۇ؟

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2013-09-09
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

      يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى ھەرگىزمۇ سۈت ئېمىش ئۇخلاشنىلا بىلىدۇ دەپ قارىماسلىق كېرەك. ئەمەلىيەتتە بۇ مەزگىلدە بوۋاقلار بەلگىلىك ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان بولىدۇ. بوۋاقلار ھامىلە مەزگىلىدىلا ھەرىكەتلىنىشكە باشلىغان بولۇپ، بۇ دەل بالا تەۋرەشتۇر. تۇغۇلغاندىن كېيىن بوۋاقلار ئەركىن ھەرىكەتلىنىۋاتقان بوشلۇققا ئېرىشىپ تېخىمۇ ئۈستۈن ھەرىكەت ئىقتىدارى ھەم ھەرىكەت قىزىقىشىنى ئەكىس ئەتتۈىدۇ. مەسىلەن: يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار قولىنى ئېغىز يېنىغا ئەكىلەلەيدۇ ھەم ئېغىزغا سېلىپ شورايدۇ. پۇت-قولىنى سوزۇپ كىينى-كەينىدىن بېشىنى بۇراش، تىكىلىپ قاراش، بىلىكىنى ئېگىز كۆتۈرۈش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى قىلىدۇ. بوۋاق ئەمگەندە قولى بىلەن ئانىنىڭ ئاغزىغا تەگكۈزۈشكە ئۇرۇنىدۇ. لېكىن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشى تولۇق بولمىغانلىقتىن، ھەرىكىتى بىر ئاز ئاستا، بەلگىلىك مەقسەتسىزلىك خاراكتېرىنى ئىپادىلەيدۇ. بىراق چوڭ مېڭە پوستىلاق ماددىسىنىڭ مۇكەممەللىشىگە ئەگىشىپ، بوۋاق بارا-بارا ھەرخىل يېڭى ھەرىكەتلەر ھەم ماھارەتلەرنى ئىگلىۋالىدۇ. كۈندىلىك مەشىق بوۋاقلارنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارى ھەم ئەقلىي ئىقتىدارىي يېتىلىشىنى بەلگىلىك ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ، شۇڭا، بوۋاق يېڭى تۇغۇلغان مەزگىلدىلا بوۋاققا نىسپەتەن ھەرىكەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىنى باشلاش كېرەك.

    ئادىرسىمىز
    يىڭىلانغان بالىلار بىلىملىرى
    ئەڭ يىڭى بوۋاقلار بىلىملىرى