ھامىلە يېشىدىن كىچىك بولۇش يەنە بالىياتقۇدىكى يېتىلىشى ئاستا بولۇش يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى دېيىلىدۇ. ئېغىرلىقىنىڭ ئونىنچى پىرسەنىت بىرلىكىدىن تۆۋەن ياكى تەخمىنەن بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئىككى ئۆلچەملىك پەرقىدىن تۆۋەن تۇغۇلغان بالىلارنى كۆرسىتىدۇ. تۇغۇلغاندا ئېغىرلىقى 2.5 كىلوگىرامغا يەتمىگەن بوۋاقلار يەنە تۆۋەن ئېغىرلىقتا تۇغۇلغان بوۋاقلار دېيىلىدۇ. بالدۇر تۇغۇلغان، ئاي كۈن توشۇپ تۇغۇلغان ھەم كېيىن تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ھەممىسىدە ھامىلە يېشىدىن كىچىك بولۇش كۆرۈلىدۇ. تۇغۇلۇش مەزگىلىدە ئۆلۈش نىسپىتى ئىنتايىن تۆۋەن. مەسىلەن : ھامىلە يېشى 38 ھەپتىلىك يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى تەخمىنەن 3.08 كىلوگىرام، ئونىنچى پىرسەنىت بىرلىكىدىكى ئېغىرلىقى 2.37 كىلوگىرام، ئەگەر ئېغىرلىقى 2.37 كىلوگىرامدىن تۆۋەن بولسا، بۇ دەل ھامىلە يېشىدىن كىچىك بوۋاق ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقىنىڭ ئاي-كۈنى توشقان، ئەمما ئېغىرلىقى 2.5 كىلوگىرامدىن تۆۋەن بولسا ئاي-كۈنى توشقان كىچىك بوۋاق ھېسابلىنىدۇ، بۇ ھامىلە يېشىدىن كىچىك بوۋاقلار ئىچىدە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان بىر خىلى. ئاي –كۈنى توشقان كىچىك بوۋاقلار نورمال بوۋاقلاردىن ۋىجىك لېكىن تۇرقى نورمال بوۋاقلار بىلەن ئوخشاش، سۈتنى كۈچەپ سۈمۈرىدۇ. كۆپ ئېمىدۇ. ئەگەر ئانا سۈتى يېتەرلىك بولسىلا، قىسقا مەزگەل ئىچىدە نورمال بوۋاقلارغا يېتىشىۋالىدۇ. ھامىلە ئايال يېشىنىڭ بەك چوڭ ياكى بەك كىچىك بولۇشى، بەدىنىنىڭ پاكار، ۋىجىك بولۇشى، ئىقتىسادىي شارائىتىنىڭ ناچارراق بولۇشىدىن، بەزىلىرى ئانىنىڭ بىرلەمچى يۈرەك كېسىلى، ئاستا خاراكتېرلىك بۆرەك ياللۇغى بولغانلىقتىن ياكى ھاملىدارلىق مەزگىلىدىكى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، بالا ھەمراھى ئىقتىدارىنىڭ ناچارلىقىدىن ھامىلە ئوزۇقلۇقىنىڭ توسالغۇغا ئۇچىرىشى شۇنداقلا ھامىلىنىڭ ئۆزىدە تۇغما غەيرىيلىك ھەم خروموزوما بىنورماللىق قاتارلىق كېسەللىكلەر بولغانلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ.
يۇپۇرماق كىسلاتاسىنى ھامىلدار بۇلۇشتىن 3 ئاي بۇرۇن تۇلۇقلىغان ياخشى
يان تېلېفون، كومپيۇتېرنىڭ ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىگە بولغان زىيىنى
تۇخۇم ۋە بالىلار قىزىتمىسى
ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنچۇقلار بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىسز
بالىلارغا قېتىقنى كۆپ ئىچۈرۈشنىڭ زىينى
ئائىلە تەربىيەسىدىكى بىر مىنۇت ......
بالىلارغا قالدۇرۇلغان يۈز جۈملە ‹‹ ماختاش سۆزى››
ئاتا-ئانىلارغا ئون تەكلىپ
ئائىلە تەربىيىسىدىكى خاتالىقلار
ئانىنىڭ رولى ئىنتايىن مۇھىم