ئاي كۈنى تولغان بوۋاق 34 ھەپتىلىكتىن چوڭ 42 ھەپتىلىكتىن كىچىك ( 259- 294 كۈن) توغۇلغان بوۋاقلارنى كۆرسىتىدۇ. نورمال تۇغۇلغان بوۋاقلار تۇغۇلغاندا ھامىلە يېشى 24~37 ھەپتىگە تولغان، بەدەن ئېغىرلىقى 2.5~4 كىلوگىرامغىچە بولغان، ھېچقانداق غەلىتىلىك ھەم كېسەللىك ئالامەتلىرى بولىمىغان ئاي كۈنى تولغان بوۋاقلارنى كۆرسىتىدۇ.
نورمال تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بەدەن ئالاھىدىلىكى: پۇت-قولى ئەگمە شەكىلدە، تېرە رەڭگى قىپقىزىل، تېرە ئاستى مايغا تولغان، چېچى ئاز، چاچ تىلمىچىلىرى ئېنىق، كۆمۈرچىكى ياخشى يېتىلگەن، قۇلاق سۇپۇرىسى تىك شەكىللەنگەن بولىدۇ. ئەمچەك توپچىسى چىقىپ تۇرىدۇ، ئەتىراپىدىكى ھالقىسىمان قارا داغ ئېنىق، سۈت بېزىنى باسقاندا تۈگۈنچىلىرى بىلگىلى بولىدۇ، تىرنىقى بارماق ئۇچىدىن ئېشىپ تۇرىدۇ، پۇت ئاستىدىكى بارلىق سىزىقلار ئېنىق، ئوغۇل بوۋاقلارنىڭ ئۇرۇقىدىنى كۆپىنچىسى ئۇرۇقدان خالتىسىنىڭ تۆۋىنىگە چۈشۈپ تۇرىدۇ، ئۇرۇقدان خالتىسىدىكى قورۇقلار شەكىللەنگەن بولىدۇ، قىز بوۋاقلارنىڭ چوڭ جىنسىي لەۋ جىنسىي لەۋ يېتىلگەن بولۇپ، كىچىك جىنسىي لەۋنى ياپالايدۇ.
يۇپۇرماق كىسلاتاسىنى ھامىلدار بۇلۇشتىن 3 ئاي بۇرۇن تۇلۇقلىغان ياخشى
يان تېلېفون، كومپيۇتېرنىڭ ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىگە بولغان زىيىنى
تۇخۇم ۋە بالىلار قىزىتمىسى
ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنچۇقلار بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىسز
بالىلارغا قېتىقنى كۆپ ئىچۈرۈشنىڭ زىينى
ئائىلە تەربىيەسىدىكى بىر مىنۇت ......
بالىلارغا قالدۇرۇلغان يۈز جۈملە ‹‹ ماختاش سۆزى››
ئاتا-ئانىلارغا ئون تەكلىپ
ئائىلە تەربىيىسىدىكى خاتالىقلار
ئانىنىڭ رولى ئىنتايىن مۇھىم