بەدەن ئېغىرلىقى تۆت كىلوگىرامدىن ئارتۇق تۇغۇلغان بوۋاقلار گىگانىت بوۋاق دېيىلىدۇ. بىر قىسمى ئىرسىيەتتىن ياكى ئانا ئوزۇقلۇقىنىڭ زىيادىلىكىدىن كېلىپ چىقىدۇ. مەسىلەن ئاتا-ئانا بەدىنىنىڭ يوغان بولۇشى، ھامىلدار ئاياللار ئوزۇقلۇقىنىڭ ئارتىشى، ھامىلە ئانا تېنىدىن ئوزۇقلۇقنى ياخشى قوبۇل قىلىش نەتىجىسىدە ئېغىرلىقىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئارتىپ بېرىشىدىن گىگانت بوۋاقلار تۇغۇلىدۇ. ئەمما شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، بەزى ئالاھىدە چوڭ بوۋاقلار ئانا ياكى ھامىلە مەلۇم كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چوڭ تۇغۇلغان بوۋاقلار قىيىن تۇغۇت سەۋەبلىك نەپسى ئۈزۈلۈش، باش ئىچى قاناش قاتارلىق كېسەللىكلەر، تۇغۇلغاندىن كېيىن ئاسانلا قاندىكى قەنىت مىقدارى، كالىتسي مىقدارى تۆۋەن، نەپسى قىيىن بولۇش ھەم قىزىل قان ھۈجەيرىسى كۆپىيىپ كېتىش كېسىلى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا قارىغۇلارچە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق قانچە سېمىز بولسا شۇنچە ياخشى دېمەسلىك كېرەك.
يۇپۇرماق كىسلاتاسىنى ھامىلدار بۇلۇشتىن 3 ئاي بۇرۇن تۇلۇقلىغان ياخشى
يان تېلېفون، كومپيۇتېرنىڭ ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىگە بولغان زىيىنى
تۇخۇم ۋە بالىلار قىزىتمىسى
ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنچۇقلار بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىسز
بالىلارغا قېتىقنى كۆپ ئىچۈرۈشنىڭ زىينى
ئائىلە تەربىيەسىدىكى بىر مىنۇت ......
بالىلارغا قالدۇرۇلغان يۈز جۈملە ‹‹ ماختاش سۆزى››
ئاتا-ئانىلارغا ئون تەكلىپ
ئائىلە تەربىيىسىدىكى خاتالىقلار
ئانىنىڭ رولى ئىنتايىن مۇھىم