بوۋاقلار يېڭى تۇغۇلۇپ ئىككى ھەپتە ئىچىدە قىزىلئۆڭگەچ كېڭىيىش مۇسكۇلىنىڭ بېسىمى تۆۋەن، ئاشقازان مۇسكۇل قەۋىتىنىڭ يېتىلىشى ئاستا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاشقازان تەكشى ھالەتتە بولغانلىقتىن ئاسانلا سۈتنى قۇسۇۋېتىش ياكى چېقىرىۋېتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ھەزىم قىلىش يولى نىسپەتەن چوڭ، ئۈچەينىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى بەدەن ئۇزۇنلۇقىنىڭ سەككىز ھەسىسىگە دېگۈدەك باراۋەر بولۇپ، ئوزۇقلۇق ماددىلارنى سۈمۈرۈشكە ئىنتايىن پايدىلىق ھەمدە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئۈچەي دىۋارى نېپىزراق بولۇپ، ئۆتكۈزۈشچانلىقى بىر ئاز يۇقىرى، ئانا سۈتىدىكى ئىممۇنىتېلىق گلوبۇلىننى سۈمۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، ئېممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. ئەمما ئۈچەي يولىدىكى توكسىن، ياخشى ھەزىم بولمىغان ئېشىندى ماددىلارمۇ ئاسانلا قان ئايلىنىشقا كىرىپ، زەھەرلىنشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نورمال تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئامىلوپىسىندىن سىرىت، قالغان ھەزىم قىلىش ئېنزىملىرى ئاقسىل ۋە ماينى ھەزىم قىلشقا يېتەرلىك، ئەمما بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان بوۋاقلارنىڭ ھەزىم قىلىش ئېنزىملىرىنى ئاجىرتىپ چىقىرىشى يېتەرسىز بولغانلىقتىن، ماينى ھەزىم قىلالمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن ماينىڭ ھەزىم قىلىنىپ سۈمۈرۈلۈشى ناچارراق. ئەگەر ئوزۇقلاندۇرۇش مۇۋاپىق بولمىسا ئاسانلا ئىنچىكە ئۈچەي، بوغماق ئۈچەي ياللۇغى كېلىپ چىقىدۇ.
يۇپۇرماق كىسلاتاسىنى ھامىلدار بۇلۇشتىن 3 ئاي بۇرۇن تۇلۇقلىغان ياخشى
يان تېلېفون، كومپيۇتېرنىڭ ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىگە بولغان زىيىنى
تۇخۇم ۋە بالىلار قىزىتمىسى
ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنچۇقلار بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىسز
بالىلارغا قېتىقنى كۆپ ئىچۈرۈشنىڭ زىينى
ئائىلە تەربىيەسىدىكى بىر مىنۇت ......
بالىلارغا قالدۇرۇلغان يۈز جۈملە ‹‹ ماختاش سۆزى››
ئاتا-ئانىلارغا ئون تەكلىپ
ئائىلە تەربىيىسىدىكى خاتالىقلار
ئانىنىڭ رولى ئىنتايىن مۇھىم