يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ئاساسەن تۆرەلمە مەزگىلىدە بالا ھەمراھى ئارقىلىق ئانا تېنىدىن ئېرىشكەن بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئوغۇز سۈتى ھەم ئانا سۈتى ئارقىلىق زۆرۈر بولغان ئىممۇنىتېلىق ماددىلارغا ئېرىشىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئانا تېنىدىن ئانتىتېلاغا ئېرىشكەنلىكتىن قىزىل، يەلتاشما، بوغما قاتارلىقلارغا نىسپەتەن ئىممۇنىتېت كۈچىگە ئىگە بولۇپ، بۇ خىلدىكى جىددىي خاراكتېرلىك نەپەسلىنىش يول كېسەللىكلىرى بىلەن يۇقۇملانمايدۇ. لېكىن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تېنىدىكى ئىممۇنىتېت سىسىتېمىسى تېخى تولۇق يېتىلمىگەنلىكتىن، ئىممۇنىتېت كۈچى نىسپەتەن تۆۋەن. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تېرە سىرتقى قەۋىتى نېپىز يۇمشاق بولغانلىقتىن ئاسانلا سۈرۈلۈپ يارىلىنىشتىن يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بوۋاقلارنىڭ كىندىكى ئوچۇق يارا ئېغىزى بولغانلىقتىن باكتېرىيىلەر بۇ يەردە كۆپىيىپ قانغا ئۆتىدۇ. قان زەردابىدا كومپلېمېنت مىقدارى تۆۋەن، ئاق قان ھۈجەيرىسىنىڭ يۇتۇش ئىقتىدارى ناچار بولغانلىقتىن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئاسانلا ھەرخىل يۇقۇملىنىش خاراكتېرلىك كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا ئاتا- ئانىلار بوۋاق يېڭى تۇغۇلغان مەزگىلدە ئىنچىكلىك بىلەن خەۋەر ئېلىشى كېرەك.
يۇپۇرماق كىسلاتاسىنى ھامىلدار بۇلۇشتىن 3 ئاي بۇرۇن تۇلۇقلىغان ياخشى
يان تېلېفون، كومپيۇتېرنىڭ ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىگە بولغان زىيىنى
تۇخۇم ۋە بالىلار قىزىتمىسى
ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنچۇقلار بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىسز
بالىلارغا قېتىقنى كۆپ ئىچۈرۈشنىڭ زىينى
ئائىلە تەربىيەسىدىكى بىر مىنۇت ......
بالىلارغا قالدۇرۇلغان يۈز جۈملە ‹‹ ماختاش سۆزى››
ئاتا-ئانىلارغا ئون تەكلىپ
ئائىلە تەربىيىسىدىكى خاتالىقلار
ئانىنىڭ رولى ئىنتايىن مۇھىم