بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاق 28 ھەپتىلىكتىن چوڭ 37 ھەپتىلكىتىن كىچىك(196~259كۈن) تۇغۇلغان بوۋاقلارنى كۆرسىتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 37-ھەپتىدە تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ يېتىلىشى، ئاي-كۈنى تولغان بوۋاقلارغا يېقىنلاشقاچقا ئۆتكۈنچى ئاي كۈنى تولغان بوۋاق دېيىلىدۇ. بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 2.5 كىلوگىرامدىن تۆۋەن، بويى 47 سانتىمېتىردىن پاكار، بەدىنى ئاجىز، يىغا ئاۋازى پەس؛ تېرىسى قىزىل، يۇمشاق، چېچى ئىنچىكە. ئۇزۇن ھەم كۆپ، قۇلاق سۇپۇرىسى يۇمشاق، پۇت-قولىنىڭ كېرىلىش كۈچى تۆۋەن، ئەمچەك توپچىسىنىڭ ئەتىراپىدىكى ھالقىسىمان قارا داغ ئېنىق ئەمەس، پۇت سىزىقچىلىرى ئاز بولىدۇ، نەپەسلىنىشى تەرتىپسىز، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىردەم- بىردەم نەپىسى توختاپ قالىدۇ؛ يۇتۇش رېفلىكىسى ئاجىز، ئاسان سۈتتىن قېقىلىپ كېتىدۇ؛ بەدەن تېمپېراتۇرسىنى تەڭشەش ئىقتىدارى كەمچىل، تېرە ئاستىدا ماي ئاز، ئاسان ئىسسىقلىق قۇيۇۋېتىدۇ؛ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى ئاجىز، ئاسان يۇقۇملىنىدۇ؛ ئوغۇل بوۋاقلارنىڭ ئۇرۇقدىنى چۈشمىگەن ياكى تولۇق چۈشمىگەن، قىز بوۋاقلارنىڭ چوڭ جىنسىي لېۋى كىچىك جىنسىي لەۋنى ياپالمايدۇ. شۇڭا بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقلار ئالاھىدە كۆتۈشكە، دوختۇرخانىدا كۆزىتىشكە موھتاج.
يۇپۇرماق كىسلاتاسىنى ھامىلدار بۇلۇشتىن 3 ئاي بۇرۇن تۇلۇقلىغان ياخشى
يان تېلېفون، كومپيۇتېرنىڭ ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىگە بولغان زىيىنى
تۇخۇم ۋە بالىلار قىزىتمىسى
ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنچۇقلار بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىسز
بالىلارغا قېتىقنى كۆپ ئىچۈرۈشنىڭ زىينى
ئائىلە تەربىيەسىدىكى بىر مىنۇت ......
بالىلارغا قالدۇرۇلغان يۈز جۈملە ‹‹ ماختاش سۆزى››
ئاتا-ئانىلارغا ئون تەكلىپ
ئائىلە تەربىيىسىدىكى خاتالىقلار
ئانىنىڭ رولى ئىنتايىن مۇھىم