-
تەيۋەن مەسىلىسى.
2009-03-31
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/37292834.html
تەيۋەن مەسىلىسى.
تەيۋەن مەسىلىسى جوڭگونىڭ تەغدىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئاخىرقى كولمىناتسىيە نۇقتىسى .شۇنداقلا كومىنىستىك پارتىيە بىلەن گومىنداڭ ئوتتۇرسىدىكى ئاز كەم بىر ئەسىرلىك تالاش-تارتىشنىڭ ھەقىقى يەكۈنى .
نۆۋەتتە جوڭگو ھۆكۈمىتى ئۆز ئىچىدىكى مەسىلىلەرنى چىرايلىقچە ئۆزى ھەل قىلىش پىرىنسىپى بويىچە بۆلگۈنچىلىك خاھىشلىرىغا قەتئى يول قويماي مەلۇم تەرەپلەردە يول قويۇش ئارقىلىق قارشى تەرەپنىڭ تەلىۋىنىمۇ قاندۇرۇپ ،ۋەتەننىڭ پۈتۈنلىگى ئۈچۈن نۇرغۇن يېڭىچە سىياسەتلەرنى قوللىنىۋاتىدۇ. بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم دەل جوڭگو كومىنىستلىرىنىڭ بۈيۈك ئىجادىيىتى.
1981-يىلى يې جيەن يىڭ ئېلان قىلىنغان چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن تەيۋەننى تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ توققۇز ماددىلىق سىياسىتى ،1983-يىلى دېڭ يىڭچاۋ سىياسى كېڭەش 6- نوۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتىتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتىقى بىلەن1983-يىلى 6-ئايدا دېڭشياۋپىڭنىڭ جوڭگو بىلەن تەيۋەننى تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش تەسەۋۋۇرى دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى ۋە مىللى زىدىيەتلىرىنى ھەل قىلىشتا كۆرۈلمىگەن ئۆزگىچە چارىدۇر.
بۇ چارىنىڭ ئېلان قىلىنىشى شۇنداقلا شياڭ گاڭ ،ئاۋمېن لارنىڭ ئالاھىدە مەمۇرى رايون قىلىپ قۇرۇلىشى سوتسىيالىزىم تۈزىمىدىكى جوڭگونىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن قاتمال سىياسى مەسىلىلەرگە ئېسىلىۋالماي رىئاللىققا دادىل يۈزلەنگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى.
جوڭگو كۆپ مىللەتلىك دۆلەت ،شۇنداقلا تارىختىن قېپقالغان نۇرغۇن مۇرەككەپ مەسىلىلەر مەۋجۇت بولغان دۆلەت .ئېنىقكى دۆلەت رەھبەرلىرى يۇقۇرىدىكىدەك تەسەۋۋۇرنى ئوتتۇرىغا قويمىغاندا جوڭگونىڭ پۈتۈنلىكىگە بولغان تەھدىد تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىدۇ،سوتسىيالىزىمنىڭ ھەرقايسى مىللەتلەرگە بەرمەكچى بولغان پارلاق ۋەدىسى قۇرۇق گەپكە ئايلىنىپ قالىدۇ.
چوڭ قۇرۇقلۇق تەيۋەننىڭ قايتىپ كېلىشى ئۈچۈن ئۇلارغا نىمىلەرنى ۋەدە قىلغان ؟ قانداق ئېتىبار سىياسەتلەرنى ئېلان قىلغان ؟
بىز سەھىپە ئېتىۋارى ئۈچۈن تەيۋەنگە قارىتىلغان سىياسەتلەرنىڭ ئاساسى مەزمۇنىنىلا بايان قىلىمىز.
تەيۋەن، ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن.قانۇن-تۈزۈمنى ئۆزلىرى تۈزەيدۇ.چوڭ ئىشلاردا ئاخىرقى سوت ھۆكىمىمۇ .ئۆزىنىڭ قولىدا بولىدۇ.تۈزۈلمىدە تەيۋەن قايسى تۈزۈلمىنى قوللانسا ئىختىيار ئۆزىدە بولىدۇ.چوڭ قۇرۇقلۇق ئارىلاشمايدۇ شۇنداقلا تەيۋەندەتۇرۇشقا مەمۇرىي خادىم،ياكى ئازاتلىق ئارمىيە ئېۋەتمەيدۇ. تەيۋەن تەرپنىڭ ھەربى-ئارمىيىسى بولىدۇ ،ئەمما ھەربى كۈچى چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ ھەربى كۈچىدىن ھالقىپ تەھدىد شەكىللەندۈرۈش دائىرىسىدە بولماسلىغى كېرەك. ئارمىيە،پارتىيە،ھۆكۈمەت ..قاتارلىقلارنى تەيۋەن ئۆزى ئىدارە قىلىدۇ.
بېيجىڭدىكى مەركىزى ھۆكۈمەتتە تەيۋەنگىمۇ سان بېرىلىدۇ،ناۋادا تەيۋەن باشقا قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىسا بېيجىڭ چوقۇم ياردەم بېرىدۇ.....
كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى بۇ سىياسەتلەر تەيۋەنگە نېسبەتەن ئۇنىڭ ھازىرقى ھالىتىگە قىلچىلىك دەخلى يەتكۈزمەيدۇ.پەقەتلا بىر جوڭگونى ئېتىراپ قىلغان شەرت ئاستىدا ئۆزىنىڭ ئىشلىرىغا ئۆزى ئىگە بولىۋېرىدۇ.
ئەسلىدە ھەرقانداق ئادەمنىڭ ھەۋىسىنى قوزغايدىغان بۇ سىياسەتلەر تەيۋەننى قايىل قىلسا بولاتتى ،بىراق تەيۋەن جوڭگونىڭ بىرلىككە كېلىش سىياسىتىنى گومىنداڭنىڭ ئۈچ مەسلىكى ئاساسىدا ئورۇنلاشتا چىڭ تۇردى.يەنى چوڭ قۇرۇقلۇقنى ئەينى دەۋىردىكى ئۈچ مەسلەككە قايتۇرۇش خىيالىدا بولدى.مەركىزى ھۆكۈمەت بۇنىڭغا قارشى تۇرۇپ ،جوڭگونىڭ بىرلىككە كېلىشى ئۈچۈن قانداقتۇ "چوڭ قۇرۇقلۇققا تەيۋەننى يەم قىلىش ياكى چوڭ قۇرۇقلۇقنى تەيۋەنگە يەم قىلىش" ئاساسىدا ئورۇنلاشقا قەتئى بولمايدۇ.پەقەت ھەر ئىككى تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ تۈزۈلمىسىگە ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدىلا بىرلىككە كېلىشنى ئورۇنلىغىلى بولىدۇ دەپ ئىپادە بىلدۈردى.
تەيۋەننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇش ئىشىنىڭ توختاپ قېلىشى ،شۇنداقلا ئىككى قىرغاق يۇقۇرى دەرىجىلىكلەر ئۈچرىشىشىنىڭ كۆپىيىشى ۋە خەلقارادىكى مۇھىت، چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن تەيۋەننىڭ پات ئارىدا بىرلىككە كېلەلەيدىغانلىقىدىن بىشارەت بەرمەكتە.ئېنىقكى ئىككى قىرغاقتىكىلەر تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ۋەتەننىڭ بىرلىككە كېلىشى ئۈچۈن نۇرغۇن بەدەللەرنى تۆلىدى ھەم تۆلەشكە تەييارلاندى.
دۆلەتنىڭ تەيۋەنگە قاراتقان سىياسىتىدىن پايدىلانغان بىر قىسىم بۆلگۈنچىلىك غەرىزىدىكى تەشكىلاتلار تەيۋەن سىياسىتىنى باشقا ئاپتونوم رايونلارغىمۇ بېرىشتىن ئىبارەت رەزىل تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىراق تەيۋەن تەيۋەن،باشقا جايلارنىڭ ئەھۋالاتى تەيۋەن بىلەن ئوخشىمايدۇ. بۇ نۇقتىدا مەركىزى ھۆكۈمەت پوزىتسىيەنى ئېنىق ۋە كەسكىن بىلدۈردى.
ئاسىيادىكى چاۋشيەن بىلەن كۆرىيە ،تەيۋەن بىلەن جوڭگو بىرلىككە كېلىشنىڭ زۆرۈر شەرتلىرىنى ھازىرلاپ ئاستا-ئاستا يېقىنلىشىۋاتىدۇ شۇنداقلا مەجبۇرلىنىۋاتىدۇ .
چۈنكى مىللەتنىڭ ھەمكارلىشالماسلىغىدەك ئېچىنىشلىق رىئاللىقنى ھەر-قايسى تەرەپلەر تونۇپ يەتتى .قانداقتۇ بىر قىسىم قاتمال ،دەۋىردىن قالغان كونا ھاكىمىيەت باشقۇرۇش تۈزۈلمىلىرىگە ئېسىلىۋېلىش دۆلەتنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەقى قىلىشىغا پۇتلىكاشاڭ بولىدۇ ،شۇنداقلا ئەسلىدە دوست بولۇشقا تېگىشلىك تەرەپلەرنى ئۆز-ئارا دۈشمەنلىشىشكە مەجبۇرلايدۇ،بۇنىڭ بىلەن ساقلىنىش مۈمكىنچىلىكى بولغان خاتالىق يۈز بېرىدۇ.
ئاخىرىدا بىز تەيۋەننىڭ كەلگۈسىدە ئېرىشىدىغان ئالاھىدە مەمۇرى رايون ھوقوقىنى مۇبارەكلەيمىز .
ھەمدە چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ بۇ خىلدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش چارىسىغا ئاپىرىن ئوقۇيمىز. دىمەك پەقەت كومپارتىيەلا دانادۇر!
قومۇل شەھەر شەھەر ئىچى يېزا جىگدە قۇدۇق كەنت.
ئابدۇرېھىم ئابلەتخان.
ABDUREHIM ABLATHAN
历史上的今天:
مائارىپنىڭ ھوقوقى قانچىلىك ؟! ( 1- بۆلەك ) 2009-03-31مائارىپنىڭ ھوقۇقى قانچىلىك ( 2- بۆلەك ) 2009-03-31مائارىپنىڭ ھوقوقى قانچىلىك ؟!( 3- بۆلەك ) 2009-03-31ئورۇس ئىمپىريىسى تارىخ سەھنىسىدىن چېكىندى ! 2009-03-31خوجىنىياز ھاجىم توغرىسىدا قىستۇرما 2009-03-31
收藏到:Del.icio.us


