-
قومۇللۇقلار ئىشلىگەن بەدئى فىلىم (ئالمىخان) ئاخىرقى سوت ھۆكمىگە كىردى !
2010-07-31
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/37384826.html
جەمىيەتتىكى بىر نەچچە كىشى ۋە قومۇلدىكى مەلۇم تور بەت گۇرۇپىسى ئورتاق بىر مەخسەتكە كېلىپ قۇمۇل خەلىق ناخشىلىرىنى سۈرەتلىك بەدئى فىلىم قىلىپ ئىشلەشنى مۇزاكىرلەشكەن. بۇ خىزمەتنىڭ ئۈنۈملۈك بولىشى ئۈچۈن فىلىمگە قاتناشقان كۆپ سانلىق كىشىلەر چوقۇم ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىشقا قوشۇلغان.
بۇ فىلىملەر پۈتكەندىن كېيىن خەلىققە مەنسۇپ بولغان مەدەنىيەتنى خەلىققە ھەقسىز ئېلان قىلىشنى، ئىقتىسادى كىرىم قىلىش ئۈچۈن مەلۇم شەخس ۋە ئورۇننىڭ ئىگىدارلىق قىلىۋالماسلىقىنى، بۇنىڭغا سەرپ بولىدىغان چىقىملارنى فىلىمغا ئېلان قىستۇرۇش ۋە فىلىم قاتناشقۇچىسى بولىشقا قىزىقىدىغان ئورۇن ياكى شەخىسلەردىن ئېلىش يولى بىلەن ھەل قىلىشنى مۇزاكىرلەشكەن.
فىلىم قاتناشقۇچىلىرى ۋە تور بەت گۇرۇپىسى فىلىم پۈتۈپ چىقققاندىن كېيىنكى ئىشلار توغرىلىق "ناۋا" رىستورانىدا مۇنداق ئېغىزاكى توختام تۈزگەن.
1-.فىلىم ئىشلەشتىكى دەسلەپكى ئىقتىسادى چىقىمنى قايسى ئورۇن ياكى شەخس تەمىنلىسە شۇ ئورۇن ياكى شەخسنى فىلىم پىلانلىغۇچىسى ۋە ئىقتىسادى جەھەتتىن ھەمكارلاشقۇچى دەپ ئېلان قىلىش.
2-.فىلىمنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەسەر ھوقوقى فىلىمغا قاتناشقان ئادەملەردە بولۇش(يەنى سىنارىيە ئاپتورى،كۆرۈنۈشلەردىكى ئارتىس،ناخشا-مۇزىكىسىنى ئورۇنلىغۇچىلار دىگەندەك).
تولۇق ھوقوقى مەلۇم ئورۇن ياكى شەخىسكە ئەمەس بەلكى خەلىققە تەۋە بولۇش. ئىقتىساد يارىتىش ئۈچۈن نەشىر قىلىپ تارقاتماسلىق،پەقەت ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ھەقسىز ئېلان قىلىش
3-. ئېلان قىلىش ئۇسۇلى بولسا، فىلىم پۈتكەندىن كېيىن مەلۇم ۋاقىت باشقا ئورۇنلاردا ئېلان قىلماي تۇرۇپ تەشۋىقات ئۈنىمى ئۈچۈن ئالدى بىلەن چوقۇم فىلىم ئىشلەشكە قاتناشقان تور بەتتە ئېلان قىلىش، ئاندىن فىلىم قاتناشقۇچىلىرى ئەزا بولغان باشقا تورلاردىمۇ ئېلان قىلىش.
قاتارلىق ئېغىزاكى توختامغا ھەممە تەرەپ تولۇق قوشۇلغان.
ئاخىرىدا فىلىم رىجىسورى ،سىنارىيە شۇنداقلا فىلىمدىكى بايان ماقالىدىن ئىبارەت ئۈچ ئەسەرنىڭ ئاپتورىغا فىلىمنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك ئىشلىنىپ ئىقتىسادى چىقىمنى قايتۇرۇپ كېلىش مەسئۇلىيىتىنى يۈكلەپ فىلىم مەسئۇلى بولۇشقا سايلىغان.
فىلىم پۈتۈشكە ئاز قالغاندا فىلىمغا كەتكەن چىقىمنى ھەل قىلىش لايىھەسىدە ئېيتىلغاندەك فىلىم مەسئۇلى تور بېكەتنىڭ ئىگىسىگە فىلىم گۇرۇپىسىدىكىلەرنىڭ ئالدىراش فىلىم ئىشلەۋاتقانلىقى شۇڭا ئۇنىڭ ۋاقتى بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ تۈرگە خېرىدار ئىزدەپ بېقىشىنى ئېيتقان. شۇ كۈنى تورئىگىسى بۇ فىلىمغا ئۆزىنىڭ خېرىدار تاپالمايدىغانلىقىنى يەنىلا فىلىم مەسئۇلى نىڭ تېپىشىنى ئېيتقان.
فىلىم مەسئۇلى نەچچە كۈندىن كېيىن تۆت مىڭ يۈئەنلىك قىستۇرما ئېلان ۋە زىيارەت قىلىش ھېساۋىغا خېرىدار تاپقانلىقىنى ئېيتقاندا تور بەتنىڭ ئىگىسى بۇ فىلىمنىڭ چىقىمىنى تور بەتنىڭ ئۆزى كۆتۈرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ فىلىم مەسئۇلى تاپقان خېرىدارنى رەت قىلغان.
فىلىم مەسئۇلى ئەسلىدىكى توختام بويىچە ئىقتىسادنى كىم چىقارسا شۇنى فىلىم پىلانلىغۇچىسى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قىلىش دىگەن كېلىشىم بويىچە بۇ تور بېكەتنى پىلانلىغۇچى قىلساق بولىدىغۇ دەپ باشقا پىكىردە بولمىغان.
... فىلىم پۈتۈپ چىققاندىن كېيىن فىلىم مەسئۇلى، فىلىمنى فىلىم قاتناشقۇچىلىرىغا كۆرسەتكەن ۋە ئۇلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن.
شۇ كۈنى تور بەت مەسئۇللىرى فىلىم مەسئۇلىغا ئەتىسى ئۆتكۈزىلدىغان تورغا مۇناسىۋەتلىك مەلۇم پائالىيەتتە قويۇپ بولۇپلا توردا ئېلان قىلدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كېيىن فىلىم مەسئۇلى تور بەتنىڭ ئىگىسىگە فىلىمنى توردا ئېلان قىلىش ئۈچۈن يوللاپ بەرگەندە تور بەتنىڭ ئىگىسى فىلىمنىڭ قانۇنى ھوقوق ئىگىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ فىلىمنىڭ قانۇنى ئىگىسىنى ئۆزىنىڭ تورى دەپ ئېلان قىلدىغانلىقىنى فىلىمغا مۇناسىۋەتلىك كۆرۈنۈش تېكىست ،ۋە ناخشا-مۇزىكىلارنى ئەسلىدىكى ئاپتورلارمۇ باشقا جايدا ئورۇنلىماقچى ۋە ئېلان قىلماقچى بولسا چوقۇم تور بەتنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەمما بۇنىڭغا فىلىم مەسئۇلى قوشۇلمىغان. ئۇ "مەن ياكى باشقا فىلىم قاتناشقۇچىلىرى بولسۇن فىلىم ئىشلەش جەريانىدا ھەقسىز ئىشلىگەن. بىز ئەسلىدىكى كېلىشىم بويىچە فىلىمنىڭ ئاپتورلۇق ھوقوقىنى ساقلاپ قالىمىز. بۇ يەردە تور بەتكە فىلىم ئىشلەپ بېرىش دەيدىغان ئۇقۇم مەۋجۇت ئەمەس. پەقەت ئورتاق نىشان ئۈچۈنلا بىز تور بەت بىلەن ھەمكارلاشقان .بۇ ئەسلىدىكى كېلىشىمدە ئېنىق ئېيتىلغان.
تور ئىگىسىنىڭ باشقا خېرىدارنى رەت قىلىپ فىلىمغا كەتكەن ئۈچ مىڭ يۈئەنگە يېقىن چىقىمنى ئۆزى كۆتۈرمەكچى بولغانلىقى ئۈچۈنلا دەسلەپ ئېلان قىلىش ھوقوقىغا ۋە فىلىمغا مۇناسىۋەتلىك جايدا ئىسمى چىقىش ھوقوقىغىلا ئىگە.
فىلىمنىڭ ئېگىدارلىق ھوقوقى ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخىسكە تەۋە بولمايدۇ "دەپ تۇرىۋالغان...
ئاخىرىدا تورنىڭ ئىگىسى ئەسلىدىكى فىلىم سىنارىيىسى ۋە تېكىستىنى ئىشلەتمەي بۇ فىلىمنى باشقىدىن سىنارىيە ۋە تېكىست يازدۇرۇپ ئۆزلىرى ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
فىلىم مەسئۇلى بۇنىڭغا قوشۇلغان ۋە فىلىمنى "بۇ تور بەت دەسلەپ ئېلان قىلىش ھوقوقىدىن ۋاز كەچتى" دەپ قاراپ قومۇلغا تەۋە چوغلان تور بېكىتىدە ئېلان قىلغان.
فىلىم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئەسلىدىكى تور ئىگىسى فىلىم مەسئۇلىنى"فىلىمنى قانۇنسىز ئېلان قىلدى" دەپ قارىغان.
ئىلگىرى ھەقسىز تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن فىلىمغا قاتناشقان ئەزالار باشقا توردا ئېلان قىلىنغانلىقىغا نارازى بولغان ۋە فىلىم مەسئۇلىدىن تۆلەم تەلەپ قىلغان.
فىلىم مەسئۇلىنىڭ قارىشىچە، يېزىلغان سىنارىيە ۋە تېكىست شۇنداقلا رىجىسورلۇق قىلغان كۆرۈنۈشلەر توغرىسىدا فىلىم پۈتۈپ چىققىچە ياخشى باھادا بولغان ، ھېچقايسى ئەزا بۇ جەرياندا باشقىچە پىكىردە بولمىغان.
ئەمدى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە تور ئىگىسىنىڭ يۇقۇرى سوممىلىق ئىش ھەققى بېرىمىز دەپ قىزىقتۇرىشى بىلەن (ئەرتىس،مۇزىكانت،ناخشىچى،ئوپىراتور،چىراقچى،ئەدەبىي تەھرىر قاتارلىقلار) نى باشقا ئورۇندا ئېلان قىلىشقا قارشى تۇرۇشقا كۈشكىرتىشى قانۇنسىزلىق. ئۇلار پەقەت ئاپتورلۇق ھوقوقىنىلا ساقلاپ قالالايدۇ.ئۇلاردا فىلىم پۈتكەندىن كېيىن ئەسلىدىكى پىلان بويىچە ئېلان قىلىشقا، قارشى تۇرۇش ھوقوقى يوق.
تور ئىگىسى بولسا فىلىمنىڭ قانۇنى ھوقوقىنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن ئەسلى كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلدى. فىلىمنىڭ سۈپىتى ياكى مەزمۇنى توغرىسىدا ئەسلىدە ھەممە تەرەپ توغرا باھا بەرگەن .شۇنداق ئەھۋالدىمۇ تور فىلىمنى ئېلان قىلمىدى. ھەتتا تۆت مىڭ يۈئەنگە تاپقان ھەمكارلاشقۇچىنى رەت قىلىپ ئۈچ مىڭ يۈئەنگە فىلىمنىڭ ئېلان قىلىنىش ھوقوقىنى مونوپول قىلىۋالماقچى بولدى. بۇ ئەسلى كېلىشىمدىكى ھېچقانداق ئورۇن ياكى شەخسكە تەۋە بولمايدۇ دىگەن كېلىشىمگە خىلاپ. بۇ تور بەتنىڭ ئەسلى توختامغا خىلاپلىق قىلىپ ئېلان قىلىشقا قارشى تۇرۇش ھوقوقى يوق دەپ قارىغان
شۇڭا بۇ فىلىمنى دەسلەپ ئېلان قىلىش ھوقوقىدىن ۋاز كەچكەن تور بەتتىن باشقا ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىش ھوقوقى مەندىلا ئەمەس بەلكى بارلىق كۆرۈرمەنلەردە بولىدۇ دەپ قارىغان.
ھازىر فىلىم ئىشلەشتىن تارتىپ پۈتكىچە بولغان جەرياندىكى بارلىق مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلارنى تەييار قىلىپ سوتنىڭ چاقىرىقىنى تەققاززالىق بىلەن كۈتىۋاتىدۇ.
تور بەت تەرەپ ۋە فىلىمغا قاتناشقان ئەزالار بولسا يۇقۇرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ئىقتىدارلىق ئادۇۋكاتلارنى تەكلىپ قىلىپ فىلىم مەسئۇلىنىڭ، فىلىمنى "قانۇنسىز"ئېلان قىلغانلىقى ئۈستىدىن دەۋا قىلىپ تۆلەم ئېلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ.
خوش، ماھىيەتتە قومۇلغا نېسبەتەن زور يېڭىلىق بولغان بۇ ئىشنىڭ ئاخىرقى تەغدىرى قانداق بولىدۇ ؟
ئاخىرقى نەتىجە زادى كىمنىڭ ھەقىقى "قويمىچى" بولىشى بىلەن ئاياقلىشىدۇ ؟
بۇنىڭ جاۋابى ،بىر بولسا سوت مەيدانى ھۆكۈم قىلىدۇ ياكى يېڭىلگەن تەرەپ دەۋادىن ۋاز كېچىدۇ.
بۇنىڭ نەتىجىسىنى ئالاھىدە تونۇشتۇرۇش خاراكتىرلىك تېما بىلەن ئېلان قىلىمىز.
چۈنكى قومۇلغا نېسبەتەن ئالاھىدە بولغان ئىشنىڭ چوقۇمكى ئالاھىدە بولغان نەتىجىسى بولىدۇ.
كەينىدىنلا .
كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم سۇ بولايمۇ ؟! يىلتىزمۇ ؟! دىگەن شوئار ئاستىدىكى كۈلكىلىك ھىكايە ۋە يۇقۇرقى ۋەقەدىكى شەخىسلەرنىڭ ئالغان رولىنى ئوبرازلىق تىللار بىلەن بايان قىلغان كومىدىيىلىك ئەسەرئوقۇرمەنلەرگە سۇنىلىدۇ.
收藏到:Del.icio.us


