-
قىرىق يىگىت
2010-06-20
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/66739566.html
قىرىق يىگىت
...سەن قىرىق يىگىتنى كۆرمەكچى بولساڭ. قاراڭغۇ كېچىدە ئادەمسىز قالغان جايلارغا بار. ئاندىن شېھىتلارنىڭ........
روھىغا دۇئا قىلغاچ جىممىتە ئولتۇر.......
شۇ چاغدا يىراقتىن، يەرنىڭ تېگىدىن، دۈپۈرلەپ چېپىپ كېلىۋاتقان ئات تۇياقلىرىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايسەن.
ئۆزەڭنى، دۇنيانى ئۇنتۇپ شۇنداق بىر يېنىكلىك بىلەن ئولتۇرغان چېغىڭدا قىرىق يىگىت قىرىق ئاتقا مىنىپ يېنىڭدىن ئۆتۈشكە باشلايدۇ........
دادمنىڭ پاراڭلىرىقىرىق يىگىت ياكى قىرىق ئاتالغۇسىدىكى تارىخىي ئوبرازلار،تۈركى قەۋملەر ئىچىدە قىرىق ئەرەن ياكى قىرىقلار ۋە ياكى چىلتەنلىرىم دىگەندەك مۇھەببەتلىك ناملار بىلەن ئاتىلىدۇ.
تورۇس تاغلىرىدىن تاكى تەڭرى تاغلىرىغا قەدەر ئەشۇ يىگىت قىزلارنىڭ روھىناتلىرىغا قۇچاق بەرگەن مىڭلىغان دەرگاھى قىرىقلاردا ئەل-يۇرتنىڭ كاساپىتىگە كەتكەن ۋەياكى ئۇلارنىڭ قۇربانلىقىغا ئايلانغان نەچچىلىگەن قاچورىدەك يىگىتلەر ۋە ئوسمىدەك قىزلار يىتىم مازار بولۇپ ياتىدىغاندۇ-دەيسىز.......
تەڭرى تاغلىرىنىڭ شەرقى بۇرجىكىدە، خۇددى ياتقان قىلىچتەك ئۇزۇن ۋە يالغۇز چوققىلار توپى بار.يەرلىكلەر بۇ جاينى يالغۇز تۈيۈن دەپ ئاتايدۇ.
چوققىلارنىڭ شەرق تەرىپىگىرەك تاغ ئۈستىگە ئىسلام دىنىنى تارقىتىش يولىدا شېھىت بولغان غوجامنىڭ قەبرىسى جايلاشقان. چوققىلارنىڭ غەرپ تەرىپىگىرەك تاغ باغرىغا 17-ئەسىردە موڭغۇللار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن قىرىق يىگىتنىڭ قەبرىسى ياسالغان بولۇپ، قارا تاغ باغرىدا ئۈچ دوۋا قەبرە ئاپپاق ئاقىرىپ ياتىدۇ......
يىلدا بۇ جايغا چىققاندا غوجامنىڭ قەبرىسىگە چىققان ھاجەتمەنلەر بىلەن دوقۇرۇشۇپ تۇرىمەن. قىرىق يىگىتنىڭ قەبرىسىدە قاچانلا بولسا ھېچكىم بىلەن ئۇچۇرشۇپ قالمايمەن........
ئۇلار ھاجەتمەنلەر ئۈچۈن نىمىمۇ بېرەلەيدۇ دەيسىز ؟!.....پەقەت جىمجىتلىق...شۇنداقلا جىمجىتلىق.....چۆكۈپ تۇنجۇقۇپ قالغاننى سەزمىگۈدەك جىمجىتلىق....قارا يەرنىڭ ئاستىدىن پىچىرلاۋاتقاننى ئاڭلىغۇدەك جىمجىتلىق....يېنىمدىكى بالىلارغا مەن سۆزلەۋاتامدىم ياكى باشقا بىرىمۇ...بىلەلمىگۈدەكلا جىمجىتلىق......
......مەمودىخان، بىر جۈپ ئوغلىنىڭ بىر كۈنى ئۆزىنىڭ تاۋۇتى ئالدىدا ماڭىدىغانلىقى بىلەن كۆڭلى خاتىرجەمكەندۇق.....ئەمما قازايۇ-قەدەر، ئوغۇللىرى موشۇ قىرىق يىگىتلەرنىڭ قاتارىدا بولۇپ قاپتۇ.....ئەل-يۇرت ئوغۇللارنى شېھىت كەتتى دىيىشىپتۇ....قېرى مەزلۇم گۇناھسىز كەتكەن يۈرەك پارىلىرى ئۈچۈن غازى بولالماپتۇ....پەقەت قان-قان يىغلاپ ھەممىنى قاغاپتۇ......
شۇ كۈنى..بلوگنىڭ خىزمىتى نورماللاشقانغا قەدەر كەينى داۋاملىق يوللىنىدۇ.....
收藏到:Del.icio.us


