-
كوت-كوتتىكى سۆھبەت ( بىرىنچى بۆلۈم )
2009-04-16
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/37977740.html
تور دۇنياسىنىڭ كوت-كوتتەك ئىمكانىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تورداشلار ناھايىتى كۆپ. مەنمۇ دەل مەۋھۇم دۇنيانىڭ بۇ ئۆزگىچىلىكىدىن بەھرىمەن بولىۋاتقانلارنىڭ بىرى.
بۇ ئەركىن دۇنيادىكى سۆھبەتتە نۇرغۇنلىغان يۈز كۆرۈشمىگەن دوستلارغا مۇيەسسەر بولىمەن،شۇنداقلا ئۇلار بىلەن ئۆزەممۇ ئويلاپ باقمىغان مەزمۇنلاردا بەس-مۇنازىرە ۋە مەسلىھەتلەرگە ئېرىشىمەن.
ئەنە شۇ سۆھبەتلەردىن بىرقانچىسىنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش قىممىتى بار دىگەن ئوي بىلەن ھەممىڭىزلارغا سۇندۇم.
سۆھبەت مەزمۇنىنىڭ قاراتمىلىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن تورداشلارنىڭ ھەقىقى نامىنى قوللانمىدىم. ھەم سۆھبەت مەزمۇنىنى ئەدەبىيلاشتۇردۇم.
مۇسلىمە ئىسىملىك تورداش.
ئاڭلىسام سىز ئىلگىرى ھەقىقى مۇسۇلمان ئىكەنسىز. اللە رەخمەت قىلسۇن !
بىراق ھازىر نۇرغۇن تەرەپلەردىن ئىلگىركىدەك تەقۋادار بولالمايۋېتىپسىز. بۇ سىزنىڭ ئىسلام دىنىدىن گۇمانلىنىپ قالغانلىقىڭىزنى بىلدۈرەمدۇ ؟! ياكى سىزدىكى تىرىكچىلىك ۋە مىجەز-خاراكتىرنىڭ ئىپادىسىمۇ ؟!
(سۆھبەت مەزمۇنى يىغىنچاقلاندى).
ئالدى بىلەن قېرىنداشلىق ھىسياتى بىلەن سالام قىلغانلىقىڭىزغا ۋە مەلۇم تەرەپتىن بولسىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشكە تىرىشقانلىقىڭىزغا سەمىمى رەخمەت ئېيتىمەن.
ئىنسان ئۆز ھاياتىدا چوقۇمكى مەلۇم بىر غايىۋى نىشانغا ئىنتىلىدۇ. بۇ ئىنتىلىش كۆپ سانلىق كىشىلەردە مەۋجۇت بولىدۇ. مەنمۇ دەل مۇشۇ غايىۋى تۈرتكىنىڭ كۈچى بىلەنلا ئۆزەمنى ئاددى ئەرزىمەس ھايات مۇساپىسىدىن قۇتۇلدۇرۇپ ياشاشقا تىرىشىۋاتىمەن دەپ ئويلايمەن.
سىز بۇ يىل 22 ياشقا كىرگەن بىر ئاسپىرانت قىز ئىكەنسىز.
مەن 36 ياشقا كىرگەن بۈگۈنكى كۈنۈمگە قەدەر سىزگە ئوخشاش خىيالىمدىكى غايەمنى ئىزدەپ ياشىدىم. دەسلەپ شەرقپەرەس بولۇپ غەرپتىن سەسكىنىپ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئىسلاشقان چايخانىلىرىدا بىر چىنە چاي بىلەن باداشقان قۇرۇپ ئولتۇرۇپ باقتىم. كېيىنچە بۇنىڭدىن گۇمانلىنىپ تارىم بوستانلىقلىرىنى چېگرا قىلىپ تىپىك مىللەتچى بولۇش ئويى بىلەن رىئاللىقتىكى سىرتقى تەسىرنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلدىم.
مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن ئۆزمنىڭ ھەقىقى بىر مۇسۇلماننىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك بولغان مەجبۇرىيىتىنى ئۆتىمەيۋاتقانلىقىمنى تۇيۇقسىز بايقاپ، سىز ئېيتقاندەك "تەقۋادار " بولۇپ ئەتراپىمدىكى مېنىڭ ھېس قىلغان يېڭى چۈشەنچەمگە ماس كەلمەيدىغان بارلىق ئادەمنى مۇسۇلمانلىق دائىرىسىدە ھېساپلىماي ئۇلارنى ئەيىپلىدىم.
ھەتتاكى ئاتا-ئانامغىمۇ خۇدانىڭ نامىنى دەستەك قىلىپ بۇ توغرىسىدا تەبلىغ قىلاتتىم. قىسقىسى ئەشۇ ۋاقىتتىكى روھىي ھالىتىمدە ئۆزۈمنىڭ خۇدا ئالدىدا قانچىلىك ئورنۇم بارلىقىنى تامامەن ئۇنتۇپ پەقەت ئەتراپتىكىلەرنى ئىنچىكىلەپ باھالاش بىلەن مەشغۇل ئىدىم. ئۇنداقتا مەن بۇ دۇنيادا ئۆزۈم شۇغۇللىنىۋاتقان قىسمەن ئىبادەتلەر بىلەنلا جەننەتنىڭ بىشارىتىگە ئېرىشىپ بولدۇممۇ ؟! (نەئۇزۇبىللا). ئەمەلىيەتتە مەندىكى بۇ روھىي ھالەت "ئىسلام دىنى ئۈچۈن" دىگەن بايراق ئاستىدا ئۆزۈمنىڭ شەخسى دۇنياقارشىمنى دېرىزە قىلىپ ھەممىگە مۇئامىلە قىلىشقا ئېلىپ بېرىپتۇ.
ئۇلۇغۋار دۇنيا قاراش ئادىمىلىك دائىرىسىدىكى تار دۇنيا قاراشقا خىزمەت قىلىش بىلەن خاراكتىرلىنىپتۇ.
بىراق مەن ئەتراپىمدىكىلەرنى قانچىلىك ئەيىپلىمەي ئۇلارنىڭ يەنىلا مۇسۇلمان دائىرىسىگە كىرىدىغانلىقىنى تۇيۇقسىز بايقاپ قالدىم.
ئەشۇ مىنۇتتا خۇداغا تۈمەنمىڭ رەخمەت ئېيتىم.
ئۇنىڭ قۇياش نۇرى يورۇتالمايدىغان قاراڭغۇ ئۆڭكۈرلەرنى قۇچىغىغا ئالغان بىپايان باغرى ئۈچۈن چىن دىلىمدىن ھەيران قالدىم .
ئۇنداقتا تەقۋادارلىق ۋە ئىمان دىگەن قانداق نەرسە ؟
سەئۇدى ئەرەبىستاندا ياشاۋاتقانلار ئىبادەت ۋە يۈرۈش-تۇرۇشتا تەقۋادارلىقنى ئۆلچەم قىلىدۇ. بۇ نورمال پائالىيەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىققانلارنى ئىمانلىق ھېساپلايدۇ.
ئەمما پەلەستىن ۋە لىۋاندا ياشاۋاتقانلار بولسا ئەتراپىدىكى باشقا دىندىكىلەرگە تەھدىد دەرىجىسىنى ئىمانغا ئۆلچەم قىلىدۇ. ئۇلاردىكى رادىكاللىق دەرىجىسى تەقۋادارلىقنىڭ دەرىجىسى ھېساپلىنىدۇ.
بىر كەئىبىگە يۈز كەلتۈردىغان بۇ ئىككى خىل چۈشەنچىدىن، سىز قايسىسىنى توغرا دەپ ھېساپلايسىز ؟!
كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى بىزنىڭ چۈشەنچىمىزدىكى ئىمان ياكى تەقۋادرلىق بولسۇن ئومومەن سىز ياكى مەن مۇئەييەنلەشتۈرگەندەك بىر تەرەپلىمە شەكىلدە بولمايدۇ.
تەقۋادارلىق، دەۋرچانلىققا ۋە مەۋجۇت شارائىتقا قاراپ بەلگىلىندۇ. خۇددى ئەبۇبەكرىنىڭ يۇمشاق كۆڭۈللىكى ئىماننىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرسا خەلىپە ئۆمەرنىڭ كەسكىن مىجەزى ئىماننىڭ قۇۋۋىتىنى ھاسىل قىلغاندەك .
شۇڭا ئىمان يەتمىش ئىككى شاختىن تەركىپ تاپىدۇ. ھاسىل كالام ئەشۇ شاخلاردىن پەرۋەردىگار سىزنى ھەم مېنى نېسىبىدار قىلسۇن. ئامىن!
سوئالىڭىزدىكى خاراكتىر بىلەن ئىمان توغرىسىدىكى جۈملىلەرگە كەلسەك ، ئىمان بىلەن مىجەز-خاراكتىر بىز ئويلىغاندەك بىر نەرسە ئەمەس. ئىدىيە ئۇ بىزنىڭ ئومومى ئىشلىرىمىزنىڭ مەجبۇرلاش تىپىدىكى يېتەكچىسى.
ئەمما مىجەز-خاراكتىر بولسا ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان ئىستىخىيلىك يەنى تەبىئى ئىپادىلىنىش شەكلى.
بۇ ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا بەزىدە ئۆز-ئارا ئۆتۈشمە مەۋجۇت بولسا كوپ سانلىق ھاللاردا ئۇلار مۇستەقىل بولىدۇ.
بىز بىر ئادەمنىڭ مىجەزىنىڭ ئالاھىدە ياخشىلىقىغا قاراپلا ئۇنى مۇسۇلمان ئوخشايدۇ دەپ قالساقمۇ بولمايدۇ.
مەسىلەن پەيغەمبىرىمىزنىڭ تاغىسى ئابباستەك.
يەنە شۇنداقلا بىر ئادەمنىڭ خاراكتىرىدىكى ناچار تەرەپنى كۆرۈپلا ئۇنى كاپىر دىسەكمۇ بولمايدۇ ئۇ بەلكىم مۇسۇلمان بولىشى مۈمكىن.
خۇددى ھەججاجدەك.
نۇرغۇن سانلىق ئادەملەر بىرەر ناماز ئۆتەيدىغان ئادەمدىن ئازراق ئەرزىيەت كۆرسە "ناماز ئۆتەپ تۇرۇپ...."دىگەندەك ئاھ-پەرياتلارنى چېكىشكە ئامراق. ئېسىمىزدە بولسۇن ئىسلام دىنىدىمۇ چەكلەش كۈچىگە ئىگە مۇكەممەل قانۇنىي-شەرىئەت بار. نىمە ئۈچۈن ؟! چۈنكى ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئىمان ئېيتىش بىلەنلا مۇكەممەل ئادەم بولۇپ كەتمەيدىغانلىقى ئۇنىڭدا ھامان مەلۇم جىنايەت پىسخىكىلىرىنىڭ مەۋجۇت بولىدىغانلىقى ئۈچۈندۇر. ئەسلىدە ئىمانغا ئىگە بولغان ئادەملەر بىز ئويلىغاندەك مۇكەممەل بولۇپ كەتكەن بولسا ئۇلارنى يەنە شەرىئەت قانۇنى ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ زۆرۆرىيىتى قالمايتتى.
قانداقتۇ مەلۇم ئىدىيە بىلەنلا ئادەمنىڭ تەبىئىتى بىراقلا ئۆزگۈرۈپ كەتمەيدۇ. ئەگەر شۇنداق بولغان بولسا ئىدى، تولىمۇ ياخشى بولاتتى. بىز ئەڭ ئەۋزەل ئېتىقادىمىز بىلەن دۇنيادا چوقۇم ئەۋزەل ئورۇندا تۇرغان بولاتتۇق. شۇڭا بەندىنىڭ ىۇدا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتكە تەدبىقلىۋېلىش خاتالىقى بىزنىڭ تارىخىمىزدا نۇرغۇن يۈز بەرگەن.
سىز تىلغا ئالغان مېنىڭ دۇنيا قارىشىمغا تەسىر كۆسىتىدىغان خاراكتىرىمغا كەلسەك ،نۇرغۇن تەرەپلەردىن مەنمۇ ھەممىلا ئادەمدە بولۇشقا تېگىشلىك ئەيىپ-نۇقسانلاردىن خالى ئەمەس.
مەن ياشلىق چاغلىرىمدا ئوغۇرلۇقمۇ قىلىپ باققان . يەنە سىز ئويلاپمۇ باقمىغان سورۇنلاردىمۇ بولغان. زەھەرلىك چېكىملىكمۇ چېكىپ باققان. كۆزۈمگە سىغمايدىغانلارنى ئالدىرماي ھەر-خىل ئۇسۇللار بىلەن ئەدىۋىنى بەرگەن.مەنپەئەت ئۈچۈن تىللىشىپ-ھاقارەتلەشكەن. باشقىلار بىلەن مۇشتلىشىپ جىقراق بولسا تاياق يىگەن بولسام ئازراقىنى ئۇرۇپ-دەسسىۋەتكەن.يامان كۈنلەردە خۇدانى ئويلاپ چوقۇم ئاسانلىق بېرىدىغانلىقى بىلەن تەسكىن تاپقان بولسام گاھى ۋاقىتلاردا خۇدانى ئۇنتۇپ كۆڭلۈم خالىغان ئىشلارنىمۇ قىلغان. بەك تەقۋادار بولمىساممۇ دىنىمنى مەسخىرە قىلغان كاپىرنىڭ يۈزىنى تىلىۋېتىپ جەرىمانە تۆلەپ،ئون بەشكۈنلۈك قاماقتا ياتقان. يانچۇقتا پۇل يوق ئاچلىقتىن ئاشخانىلارنىڭ قازانلىرىغا چاندۇرماي قاراپ تۈكۈرگۈمنى يۇتۇپ پەلەمپەي ئاستىلىرىدا "تېجەشلىك بولۇش"نىڭ ساۋاپلىقىنى ئويلاپ ياتقان بولسام، بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىلاردا مەخسۇس تاماق بۇيرۇتۇپ "ئىسراپچىلىق" نىمۇ تېتىپ باققان.........................
ئۇنداقتا مەن قانداق ئادەم ؟! ئەلۋەتتە مەندىن سورىسىڭىز ھەممىمىزگە ئوموملاشقان پىسخىكا بويىچە ئۆزەمنى ئاقلاشقا تىرىشىمەن. ناۋادا سىزنىڭ باھايىڭىزغا قويۇپ بەرسەم مېنىڭ قىممىتىم بىر تىيىن بولۇپ قالىدۇ.
زادى قانداق قىلىش كېرەك ؟!
ئەڭ ياخشىسى "ھەر ئادەمنىڭ سىرى خۇداغا مەلۇم" دىگەندەك اللەنىڭ دەرگاھىدا مېنىڭ ھەم ماڭا ئوخشاشلارنىڭ قارا يۈز بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن خەيرىلىك دۇئا قىلىڭ .خۇدا سىزگىمۇ ئەجىر بېرىدۇ.
بۇ ھاياتىي دۇنيادا تۇرۇپ بىراۋنىڭ ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن ھۆكۈم قىلىش گۇناھىدىن ئېغىر گۇناھ يوق. ياراتقان بەندىسى ئىمان ئېيتقان دەقىقىدىن باشلاپ ئۇنىڭ ئاخىرەتلىك تەغدىرى ياراتقۇچىنىڭ ئىلكىدە بولىدۇ.
پەقەت قارا كاپىر بۇنىڭدىن مۇستەسنا.
بۇلارنى دىيىش ئارقىلىق مەن سىزگە خۇدا نامى بىلەن تەھدىد سېلىش ئويىدىمۇ ئەمەس. شۇنداقلا ئۆزەمنى ئاقلاش غەرىزىدىمۇ ئەمەس.
بىر كېمىگە چىققان بۇ بىر توپ ئادەمنىڭ تەغدىرى چېتىلغان بولىدۇ.
ئەلۋەتتە ھەممىمىز "بۇ كېمىدىكى ھەر خىل ئادەملەر دېڭىز دولقۇنلىرىدىن ساق-سالامەت ئۆتۈپ قىرغاققا چىقىپ خۇدا يولىدا ئىككى رەكەت شۈكرانە نامىزى ئۆتىيەلەرمۇ؟!" دەپ ئويلايمىز .
دەرھىقىقەت، تەقۋادار ئەمەسلىكىمدىن نومۇس قىلسام ، خۇداغا ئىمان كەلتۈرگەنلىكىم بىلەن يەنىلا پەخىرلىنىمەن. ئىككى مۇسۇلماندىن تۆرەلگەنلىكىم شۈكرانىسىغا ناماز ۋە تىلەكلىرىمدە "ھاياتىمدىكى بارلىق ياخشىلىقلارنى (خۇداغا ئەرزىسە)مەرھۇم دادامغا ۋە ھايات ئانامغا بېغىشلاپ قالغان بارلىق گۇناھلىرىمنى ئۆزەم يۈكلەپ بوينۇمغا سېلىپ ئالدىڭغا بېرىپ ئەپۇيىڭدىن نېسىبىدار بولسام"دەپ خۇداغا تىلاۋەت قىلىمەن.
ئاخىرىدا سىزگە بىر ھىكايە ئېيتىپ بېرەي.
ناھايىتى ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى بىزنىڭ بۇ يۇرتتا بىپايان دەريا-كۆللەر بولغان ئىكەن. بىر كۈنى بىر يۇرتتىكى بەش ئادەم يەنە بىر يۇرتتىكى بىر مەرىكىگە بېرىش ئۈچۈن بىر كېمىگە چىقىپتۇ.
كېمە دەريادىن ئۆتۈش جەريانىدا قىلىدىغان باشقا ئىش بولمىغاچقا ئۆز-ئارا سۆھبەتلىشىپ ئاخىرىدا بىر مەسىلىدە تالىشىپ قاپتۇ.
تالىشىۋېرىپ بىر-بىرىگە يول قويماپتۇ. بىرى يەنە بىرىنى "تەييارتاپ، قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان " دەپ تىللىسا يەنە بىرى يەنە بىرىنى " خۇدانى تونىمايدىغان نا ئەھلى" دەپ ھاقارەتلەپتۇ. بىرسى يەنە بىرىنىڭ قاچانكى قالغان كونا ئوغرىلىقىنى پاش قىلىپ ئۆزىنىڭ پاكلىقىنى بىلدۈرسە ھېلىقى كونا ئوغرى ئۇنىڭ "يۇمشاقباش،خوشامەتچى"لىكىنى مەسخىرە قىلىپتۇ.
كېمىدىكى تالىشى ئەۋجىگە چىققاندا ، تۇيۇقسىز يۇقۇرىدىن قۇتراپ كەلگەن ياۋا كەلكۈنگە دۇچ كەپتۇ. ئۆز يولىدا تېنچ كېتىۋاتقان كېمە سۇغا غەرق بولۇش خەۋپىگە ئۇچراپتۇ.
كېمىدىكىلەر دەرھاللا تالىشىشنى توختىتىپ، بىرى رولغا مەھكەم ئېسىلىپتۇ،يەنە ئىككىسى پالاقنى كۈچ بىلەن ئۇرۇپتۇ ، قالغان ئىككىسى كېمىنىڭ تەڭپۇڭلىقىغا مەسئۇل بولۇپتۇ. شۇنداق ئىتىپاقلىقشىپ ئاخىرىدا ئامان-ئېسەن قىرغاققا چىقىپتۇ ۋە خۇداغا شۈكرانە نامىزى ئۆتەپ ئۆز-ئارا مىننەتدارلىق بىلدۈرشۈپتۇ.
خەير ، ئاخىرىدا سىزگە تەغدىرداشلىق ھىسياتىم بىلەن سۆھبىتىڭىزگە رەخمەت ئېيتىمەن.
ئۈمۈد ئىسىملىك تورداش.
سىزنىڭ مائارىپ توغرىسىدىكى ماقالىڭىزنى بىر قۇر ئوقۇپ چىقتىم.مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە بۇ ماقالىدا مائارىپنىڭ قىممىتى بەكلا سۇندۇرۇلغان. ئەگەر سىز دىگەندەك ئويلىساق بىزنىڭ مائارىپ تەربىيىسى ئېلىشىمىزنىڭ زۆرۆرىيىتى قالمايدىكەن.شۇنداقمۇ ؟! (ئومومى سۆھبەت مەزمۇنى يىغىنچاقلاندى).
}(مائارىپ — ھەممىگە قادىرمۇ؟!) دىگەن ماقالە كۆزدە تۇتىلىۋاتىدۇ.{
بۇ كۆز قارىشىڭىز خۇددى مەن يازغاننى، مائارىپنىڭ قىممىتىنى مۇتلەقلەشتۈرۈش دەپ چۈشىنىۋالغىنىڭىزدەك يەنە بىر قېتىملىق مۇتلەقلەشتۈرۈش بولۇپ قالدى.
ئەمەليەتتە دۇنيادا مۇتلەقلەشتۈرۈشكە تېگىشلىك بىرلا ئۇقۇم بار.ئۇ بولسىمۇ ياراتقۇچى. ئۇنىڭدىن باشقا بارلىق نەرسە-ئۇقۇملارنى مۇتلەقلەشتۈرۈشكە بولمايدۇ.
مەن بۇ ماقالەمدە ئومومى مائارىپ ئۇقىمىغا قارىغاندا تېخىمۇ بەكرەك
بىزنىڭ ئەتراپىمىزدىكى مائارىپنى كۆزدە تۇتقان.
مەن بىر مائارىپشۇناس بولمىساممۇ بىراق ئەشۇ مائارىپنىڭ تەسىرى ئاستىدا ياشىغۇچى. بۇ بەلكىم يىراقتىن كۈزىتىدىغان مائارىپشۇناسلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئەۋزەل ئورۇن بولىشى مۈمكىن.
قىسقىسى مەندىكى ھازىرقى مائارىپقا بولغان قاراش يەنىلا سىز ھېس قىلغاندەك "مۇتلەقلەشتۈرۈش تىپىدىكى خاتا قاراش".
تارىختىن بۇيان مۇتلەق مۇكەممەل مائارىپ بولغان ئەمەس. بۈگۈنمۇ شۇنداق ،كەلگۈسىدىمۇ شۇنداق.
مائارىپ ھەر بىر دەۋرنىڭ سىياسى ،ئىجتىمائى ۋە باشقا تەرەپلىرىنىڭ ئىنكاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئارقا كۆرۈنۈشلەرنىڭ يىللارسېرى ئۆزگۈرىشى بىلەن مائارىپمۇ ئۇلارغا ماسلىشپ ماڭىدۇ.
مەۋجۇت تۈزۈلمىنىڭ يۇمشاق ئىنكاسى دەل مائارىپنىڭ شەكلىدىن بىلىنىپ تۇرىدۇ.
مائارىپنىڭ ئۆز-ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىشى مۈمكىن ئەمەس. پەقەت بۇ مۈمكىنلىك تەربىيلەنگۈچىلەرنىڭ مائارىپنىڭ مەۋجۇت ھالىتىدىن ئۈزلۈكسىز گۇمانلىنىپ مەجبۇرلىشى بىلەنلا ئەمەلگە ئاشىدۇ. بۇ مەجبۇرلاش سىز ياكى مېنىڭ قارارىم بىلەن ئەمەس، بەلكى ئومومى جەمىيەتنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ.
رايونىمىز مائارىپى بىلەن تەرەقىي تاپقان ئەللەر مائارىپىنى سېلىشتۇرۇش ئەسلا مۈمكىن ئەمەس. ئەنە شۇ تەرەقىي تاپقان ئەللەر مائارىپىدىمۇ ئۈزلۈكسىز ئىسلاھات ۋە ئۆزگەرتىپ خەلىققە ماسلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتقاندا مەن بىزدىكى سۈپەتسىز مائارىپ توغرىلىق ئەلۋەتتە گۇمانلىنىش ئىنكاسىنى نورمال بىلدۈرىۋېرىمەن.
سىز بەلكىم مائارىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچى ياكى مائارىپ تەربىيىسى بىلەن "ئىستىقبالى پارلاق بولغان ئادەم" بولىشىڭىز مۈمكىن. بۇ "پارلاق"لىقنى سىز بەلكىم مۇقىم مائاش ۋە خىزمەتكە ئېرىشىش دەپ چۈشىنەرسىز.
ئەمما مەن ئۇنداق قارىمايمەن. مېنىڭ چۈشەنچەمدە، ھەممىلا ئادەمنىڭ قەلبىگە ،خۇدا مەلۇم ئىقتىدارنى يوشۇرۇپ يارىتىدۇ.
مائارىپ پەقەت بۇ ئىقتىدارنى بايقاشتا بىزگە ياردەم بەرگۈچى خالاس .
ئەلۋەتتە بۇ ئىقتىدار ئاددى مەنىدىكى جان بېقىش ئۈچۈن خىزمەتكە ئورۇنلىشىش دىگەن پۈچەك مەنىنى كۆرسەتمەيدۇ.خەۋىرىڭىز بار مايمۇننىمۇ بىر خىل ھەركەتنى تەكرارلاشنى ئۈگەتسە ئۇمۇ مەلۇم خىزمەت تەرتىۋىنى ئىجرا قىلالايدۇ. ئەمما ھەقىقى مائارىپ ئىجاتچانلىق ۋە تەپەككۈرنى قوزغىيالايدۇ.
شۇنداقلا بۇ ئىقتىدارنىڭ مۇنبەت تۇپرىقى ئاۋۇ تىلنى ئۈگەنسە ئەقىللىق بولىدۇ ياكى ماۋۇ ئۈگىنىش ئۇسۇلى ئىقتىدارلىق قىلىدۇ دىگەننى ئەمەس بەلكى تەربىيلەنگۈچىگە ئەڭ يېقىن ھەم قولاي بولغان شەكىلنى ئاساس قىلىدۇ.
ھەممىمىزنىڭ ئۇنتۇپ قالمايلى.ئىنساننىڭ تەربىيلىنىش ئېھتىياجى مەڭگۈلۈك بولغىنىدەك مائارىپنىڭمۇ ماسلىشى ھەم بىزگە يېقىنلىشىش ھەركىتى ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدۇ. يېقىن كەلگۈسى بۇنى ئىسپاتلايدۇ.
ھەرقانچە ئۇستاتلىق قىلساقمۇ ئازاپلىق نەتىجە ھەممىنى سۈپۈرۈپ تاشلايدۇ ھەم بۇنىڭغا مەجبۇرلايدۇ.
شۇڭلاشقا سىزلا ئەمەس ھەممىمىز كاللىمىزدىكى "مۇتلەق" دىگەن سىڭىپ قالغان ھۆكۈمرانلىق ئىدىيىدىن گۇمانلىنىشتىن باشلايلى،
ئاخىرىدا سىزگە بىر ھىكايە ئېيتىپ بېرەي.
بىر دىخاننىڭ بىر ئىتى ۋە ئىككى كۈچىكى بار ئىكەن. كېيىن بۇ ئىت ئۆلۈپ كېتىپتۇ. ئۇ ئۆلگەن كۈنى كۈچۈكلەردىن بىرى تۇيۇقسىز يوقاپ كېتىپ ھېچيەردىن تېپىلماپتۇ. ئۇنىڭ يالغۇز قالغان كۈچىكى ئانىسىنىڭ ئورنىدا ھويلىغا قاراپتۇ. ئۇ ئىگىسىنىڭ بەرگەن يۈندىسىغا تەلمۈرۈپ ياشايدىكەن. ئۇ يات ئادەملەرنى كۆرسە توختىماي قاۋايدىغانغا كۆندۈرۈلۈپ ياراملىق ھويلا ئىتى بولۇپ چىقىپتۇ.
يەنە بىر كۈچۈك ئەسلىدە كەڭرى دالىغا چىقىپ ئەركىنلىكنىڭ ھوزورىدىن كېچەلمەي شۇ يەردە تۇرۇپ قالغان ئىكەن. ئۇ ھەر-تۈرلۈك ھايۋانلار ئارىسىدا قانداق جان بېقىشنى ئۈگۈنۈپ ياراملىق ئوۋچى بولۇپ يېتىشىپ چىقىپتۇ.
توغرا، سىز ھېلىقى "باغلاقتىكى ئىت ئوۋغا يارىماس" دىگەن گەپنى ئاڭلىغانمۇ ؟!
ئاخىرىدا سۆھبىتىمىز ئارقىلىق سالام ۋە چۈشىنىش پۇرسىتى يارىتىلغانلىقىغا سىزگىمۇ رەىمەت ئېيتىمەن.
收藏到:Del.icio.us


