-
تۇخان سولتەك
2010-06-20
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/66551889.html
تۇخان سولتەك
مەھەلىمىزدە سوقۇشقاقلىقى بىلەن ئادەم-توخولارغا ئارام بەرمەيدىغان خورازلار بىر كۈنلەردە قۇيرىقىدىن ئايرىلىپ سولتەك بولۇپ قالىدۇ. ئۇلارنىڭ قۇيرۇقلىرىنى كىم يۇلغانلىقىنىمۇ ھېچكىم بىلمەيدۇ. بۇ سولتەك خورازلارنىڭ تاقىرلىشىپ قالغان ساغرىسى بىلەن يەنىلا تەن بەرمەي يۈرگەن مەغرۇر ھالىتى كۆزىمىزگە داۋاملىق چېلىقىپ تۇرىدۇ.
ھەي...ي...ي...سولتەك خورازلار..............تۇخان كىم ؟
تۇخان، ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۆتكەن بىر ئايال.
ئارۇپ ئاكام، تۇخان توغرىلىق ئۇنىڭ ئىلگىرى مىللى ئارمىيەگە قاتناشقانلىقى 50-يىللارنىڭ باشلىرىدا كۆكتوقايغا كەلگەنلىكى ۋە ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە يالغۇز ياشاپ ئۆتكەنلىكى توغرىلىق سۆزلەپ بېرەتتى. ئۇنىڭ لەقىمى توغرىسىدا تەڭتۇشلىرى بىلەن سۆزلەشكەندە ئەر ياكى ئايال بولسۇن نوچىلىق بىلەن سەنلەپ سۆزلىشىدىغانلىقى ، قېرىغىچە ئىشتان-چاپان كىيىپ يۈرگەنلىكى ئۈچۈن تۇخان سولتەك دەپ ئاتىلىپ قالغانلىقىنىمۇ دەپ بەرگەن ئىدى. ....
تۇخان بىلەن سوپاخۇننىڭ قاچان ؟ قانداق تونۇشقانلىقى توغرىلىق، بەزىلەر ئۇنى سوپاخۇننىڭ ئىلگىركى نىجاتكارى دىسە يەنە بەزىلەر سوپاخۇن بىلەن مىللى ئارمىيەگە بىللە قاتناشقان دەيدۇ. ساۋدانوپ زاھىر ئۇنى سوپاخۇننىڭ مىللى ئارمىيەدىكى ئايالى دەپ يېزىپتۇ.
كېيىن بۇ توغرىلىق تارىخچىلار تەپسىلى توختىلار. ئەمما مېنى تۇخاننىڭ ئىلگىركى تارىخىغا قارىغاندا كۆكتوقايدا ياشاپ ئۆتكەن كېيىنكى ئۆمۈر مۇساپىسى بەكرەك قىزىقتۇردى. چۈنكى نۇرەخمەت چال، تۇخان سولتەك قاتارلىق بىر ئەۋلات پىشقەدەم ئىنقىلاپچىلارنىڭ مەغرۇرلۇق ۋە چارىسىزلىق، شان-شەرەپ ۋە يىگانلىق گىرەلىشىپ كەتكەن ئاخىرقى ھايات مۇساپىسىدىكى روھىي كەچۈرمىشى ھەيران قالدۇردى.
قىززىق ھادىسىلەر بىلەن....بلوگنىڭ خىزمىتى نورماللاشقانغا قەدەر كەينى داۋاملىق يوللىنىدۇ.....
收藏到:Del.icio.us


